تارىختا ئۇيغۇر بۇددىزمى خىتاي بۇددىزمىنىڭ بىر پارچىسى بولغانمۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تارىخچىلىرى ۋە ئارخېئولوگلىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملاشقان بۇددىزم تارىخىنى خىتاي بۇددىزمى ۋە بۇددىزم ئەنئەنىلىرىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ ئېلان قىلىشى، ھەتتا بۇ رايوندىكى بەزى بۇددىزم خارابىلىرىنىڭ خىتاي سۇلالىلىرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تارىخىي، بۇددىزم ئېتىقادى ۋە ئۇنىڭ بۇددا ئەنئەنىلىرىنىڭ باغلىنىشى ۋە مۇناسىۋىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر بۇددىزمىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە پىكىر ئىختىلاپى قوزغىماقتا. خىتاي ھۆكۈمەت ئارخېئولوگلىرى بۇ قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ قەدىمكى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىلىكلىرىدىن قەشقەرنىڭ بەشكېرەم يېزىسى چېگراسى ئىچىدىكى مور كەنتىنىڭ 4.5 كىلومېتىر سىرتىدىكى مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىلىكىنى بۇ خىل قاراشقا ۋەكىللىك قىلىدىغان تىپىك ئارخېئولوگىيەلىك ئىزلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە سۇنماقتا.

«جۇڭخۇا يولى» ناملىق خىتاي قانىلىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، 2019-يىلىدىن باشلاپ مورا بۇددا ئىبادەتخانىسىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بىر قانچە قېتىملىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتىن، مىلادى 3-ئەسىردە قۇرۇلغان بۇ ئىبادەتخانىنىڭ دەسلەپكى شەكلى ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان ۋە قەشقەرنىڭ يەرلىك قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولسىمۇ، بىراق كېيىنرەك ئۇنىڭ تەدرىجىي خىتاي قۇرۇلۇش شەكلىگە ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مىلادى 7-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى قۇرۇلۇش شەكلىدە بۇ خىل ئالاھىدىلىكنىڭ ئالاھىدە ئەكس ئەتكەنلىكى بايقالغانلىقى، بۇ جايدا خىتاي بۇددىزمىنىڭ مودىغا ئايلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە، ئارخېئولوگلارنىڭ خىتاي بۇددىزم قۇرۇلۇش شەكلى بۇ ئىبادەتخانىنىڭ 7-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا سېلىنغان ئاساسلىق ئىبادەت زالىنى قۇرۇلۇش شەكلىدە ئەكس ئەتكەنلىكىنى، تارىخشۇناسلارنىڭ بۇ ئىبادەتخانا زالىنىڭ تاڭ سۇلالىسى ئايال پادىشاھى ۋۇ زېتيەننىڭ بۇيرۇقى بىلەن قۇرۇلغانلىقى ھەم ئۇنىڭ بىر خىتاي راھىبى تەرىپىدىن باشقۇرۇلغانلىقىغا دائىر تارىخىي خاتىرىلەر بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ھالبۇكى، غەرب ئارخېئولوگلىرى ۋە بۇددىزم تەتقىقاتچىلىرى بۇددا دىنىنىڭ كۇشان ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىغا تارقىلىشقا باشلىغانلىقى، 9-ئەسىردىن كېيىن، يەنە قاراخانىيلار دەۋرىدىن باشلاپ ئىسلام دىنىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورۇنغا ئۆتۈشىدىن باشلاپ خارابلىشىشقا باشلىغان رايوندىكى خوتەن، كۇچا، قاراشەھەر ۋە باشقا جايلاردىكى بۇددا ئىبادەتخانىلىرى ۋە بۇددىزم مەركەزلىرىنىڭ، شۇ دەۋردىكى ھىندى-گىرېك بۇددىزمى مەدەنىيىتىگە تەئەللۇق بولغان گاندارا بۇددىزمىنى مەنبە قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىچ باغلىنىشى بارلىقىنى قەيت قىلىپ كەلگەن.

خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسى توپلۇق يېزىسىدىكى بۇددا دىنى ئىبادەتخانا خارابىسىنىڭ تېمىغا سىزىلغان رەسىم. خوتەن
خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسى توپلۇق يېزىسىدىكى بۇددا دىنى ئىبادەتخانا خارابىسىنىڭ تېمىغا سىزىلغان رەسىم. خوتەن (silkroads.org.cn)

خىتاي ھۆكۈمەت ئارخېئولوگلىرىنىڭ ئۇيغۇر بۇددىزمىنى خىتاي بۇددىزمىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە سۇنۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىنى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا قايتا باھا بېرىپ، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئېڭىنىڭ بىر پارچىسى، دېگەننى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى «جەنۇبىي مېتودىست ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ تارىخ پىروفېسسورى، دىن تەتقىقاتچىسى، «ئۇيغۇر بۇددىزم تارىخىي» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى جوھان ئېلۋېرسكوگ (Johan Elverskog) ، خەن ياكى تاڭ سۇلالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بۇددىزمنى تارقاتقانلىقى ياكى كېڭەيتكەنلىكىنى رەت قىلىدۇ.

جوھان ئېلۋېرسكوگنىڭ كۆرسىتىشىچە، تارىخىي ھۆججەتلەر بۇددىزمنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئافغانىستان ۋە شىمالىي پاكىستاندىن تارقالغانلىقى، ئىران تىللىرىدىكى ھۆججەتلەر خوتەن دۆلىتىنىڭ بۇددىزمنى مىلادى 2-3-ئەسىرلەردە رەسمىي دۆلەت دىنىي سۈپىتىدە قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتىكەن. ئۇ، ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن دىنىي تېكىستلەرنىڭ خوتەن تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى، بۇددىزمنىڭ رايونغا تارقىلىشىدا قەدىمكى خوتەن دۆلىتىنىڭ ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

جوھان ئېلۋېرسكوگ ئۆتكەن ھەپتە بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئۇلار (خوتەن) ئەينى ۋاقىتتا بۇددىزمنىڭ بۇ رايوندا بارلىققا كېلىشىنى كۈچلۈك رەۋىشتە قوللىغان. ئەلۋەتتە، خىتايلار بۇددىزمنىڭ بۇ رايوندا خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەنلىكىنى قەيت قىلسىمۇ ۋە خەن سۇلالىسى ئەينى ۋاقىتتا بىر مەزگىل بۇ رايوننى كونترول قىلغان، ئوخشاشلا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ خىتايلار بۇ رايونغا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ كىرىش ھەربىي ماھىيەتكە ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئورۇنلارنى ئىگىلىشى ھەربىي قوشۇنلارنى بېقىشتىن چىقىش قىلغان بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىش مەقسىتىدىكى ‹مۇستەملىكىچى دېھقانچىلىق ئىدى›. شۇڭا، ئۇلار بۇ رايوندا ھەقىقىي بىر بۇددا ئىبادەتخانىسى قۇرۇپ باققان ئەمەس.»

جوھان ئېلۋېرسكوگنىڭ كۆرسىتىشىچە، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋرىدىكى ئاتاقلىق ئايال پادىشاھى ۋۇ زېتيەن بۇددىزمنى قوللىغان بولسىمۇ، لېكىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا غەربىي دىياردەك بىر ياقا يۇرتتا ئىبادەتخانا سېلىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىكەن. جوھان ئېلۋېرسكوگ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ئەينى ۋاقىتتىكى ئاتاقلىق ئايال پادىشاھ ۋۇ (زېتيەن) مەقسەتلىك بۇددىزمنى قوللىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۇنىڭ شىنجاڭدەك بىر ياقا يۇرتتا بۇددىزمنى قوللىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيتتى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا غەربىي دىياردەك بىر ياقا يۇرتقا ئىبادەتخانا سېلىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىدى.»

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، تارىخشۇناسلارنىڭ 7-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 8-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋر ئايال پادىشاھى ۋۇ زېتيەننىڭ ئەنشىدە تۆت «دايۈن بۇتخانىسى» سېلىشنى بۇيرۇغانلىقى ۋە بۇ تۆت بۇتخانىنىڭ بىرىنىڭ قەشقەر بەشكېرەمگە يېقىن مورا بۇددا خارابىلىكى، دەپ كۆرسەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. لېكىن ئامېرىكادىكى بۇددىزم مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات، ئەمەلىيەتتە خوتەن، قەشقەر، كۇچا قاتار جايلاردىكى بۇددىزم مەدەنىيىتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن مىلادى 12-ئەسىرگىچە ھازىرقى پاكىستاندا مەۋجۇت بولغان ھىندى-گرېك گاندارا بۇددا مەدەنىيىتىنىڭ پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، بۇ جايلاردىكى بۇددىزم مەدەنىيىتىدە «خىتاينىڭ تەسىرى مۇتلەق يوق» ئىكەن. ئۇ، ئەمەلىيەتتە تاڭ دەۋرىدىكى بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنىڭ قۇرۇلۇش شەكلىنىڭ ھىندىستاننىڭكىنى ئۆرنەك قىلغانلىقى، شۇڭا مورا بۇددا خارابىلىكى تاڭ دەۋرىنىڭ ئىبادەتخانا قۇرۇلۇش شەكلىنى ئۈلگە قىلغان، دېيىشنىڭ مۇبالىغە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا «خەن-تاڭ دەۋرىدە سۇلېغدا (قەشقەر) بۇددا دىنى روناق تاپقان، تېراۋادا بۇددىزمى ۋە خەن بۇددىزمى مودا بولغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن پىروفېسسور جوھان ئېلۋېرسكوگنىڭ ئېيتىشىچە، مورا ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاي ئۇسلۇبىدا ئەمەس، بەلكى ھىندىستان ئۇسلۇبىدا سېلىنغانلىقى ئېنىق ئىكەن.

جوھان ئېلۋېرسكوگ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىز مورا ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارىسىڭىز، ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ خىتاي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئەمەس. ئېنىقكى، بۇ قۇرۇلۇشتا غەربىي شىمالى ھىندىستان ئۇسلۇبى گەۋدىلەنگەن. بۇ جاي بۇددىزم مەدەنىيىتىنىڭ، بولۇپمۇ خوتەن بۇددىزمىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى. ئۇلار بۇددا دىنىي تېكىستلىرىنى خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغان ئەمەس. شۇڭا، بۇددىزم ئىكونوگرافىيەسى (تەسۋىرىي سەنئىتى) مۇتلەق رەۋىشتە غەربىي شىمال ھىندىستان مودېلىنى ئۈلگە قىلغان.»

ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تارىخى، بولۇپمۇ بۇددىزم دەۋرىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇيغۇر بۇددىزمىنى خەن تاڭ بۇددىزمىغا باغلىشى، نۇرغۇن بۇددا خارابىلىكلىرىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىغا ئايلاندۇرۇشى، شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» بەرپا قىلىش چاقىرىقىدىن بۇيان تېخىمۇ كېڭەيگەن ھەم كۈچەيگەن. ئانالىزچىلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوننىڭ بۇددىزم ئۆتمۈشىنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىشتىكى بىر «مەنىۋى ئورتاق نۇقتا» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكادىكى نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پىروفېسسورى شيا مىڭنىڭ (Xia Ming) كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ تارىختىكى ئۇيغۇر بۇددىزمىنى خىتاي بۇددىزمىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىرقى قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى خىتاينىڭ مىڭ يىللار ئاۋۋالقى خىتاي سۇلالىلىرىدىن ئىزدەش خاھىشىنى نامايان قىلىدىكەن.

پىروفېسسور شيا مىڭ 17-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى فېئودال سۇلالىلەردىن ئىزدىمەكتە. ئۇنىڭ ياراتقان مىڭ يىللار ئاۋۋالقى ياكى ئەزەلدىن تارتىپ، دېگەن ئۇقۇملىرى ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تۈپ نېگىزىنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر. شۇ نۇقتىدىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەرقانداق بىر نۇقتىئىنەزىرى ئىنسان تەبىئىتىگە خىلاپلىق قىلماقتا.»

شيا مىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ، خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنىڭ يۇقىرى نۇقتىسى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىنىڭ كەملىكىنى كۆرسەتمەكتە» ئىكەن.

پىروفېسسور شيا مىڭ، شۇڭا خىتاي خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي تارىخىنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق تەرەپلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىن قارايدىغان بولساق، سىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەرقانداق بىر تارىخىي تۈگۈننى تاللاپ ئىشلىتىدىغانلىقى، ئەگەر بۇ ئۆزىگە پايدىلىق بولسا سۆزلەيدىغانلىقىنى كۆرىسىز. مەسىلەن، ئۇنىڭ دائىم چىن سۇلالىسى خىتاينى بىرلىككە كەلتۈردى، خەن-تاڭ سۇلالىسى گۈللىنىش ئېلىپ كەلدى، دېگەننى تەكىتلەيدۇ. »

شيا مىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، شۇڭا خىتاي كومپارتىيەسى خەن تاڭ سۇلالىلىرىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن قۇرغۇن مۇناسىۋىتىنى بىر خىل «بويسۇنۇش بويسۇندۇرۇش» مۇناسىۋىتى تەرىقىسىدە قارىماقتا ئىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر بۇددىزمىنىڭ ھىندىستاننى مەنبە قىلغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە مەسئۇل ئالىي ئەلەمدارى، خىتاي مەدەنىيىتىنى رايوندىكى ئەڭ مۇھىم يېتەكچى ئامىل، دەپ كۆرسەتمەكتە. 12-ئىيۇن كۈنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭنىڭ تارىخىي ۋە كەلگۈسى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىندا، خىتاي دۆلەتلىك مىللەتلەر خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەن يۆ (Pan Yue) نۇتۇق سۆزلەپ، يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشنىڭ چىقىش نۇقتىسىنى شەرھلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، پەن يۆ: «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتى كۆپ خىل بولسىمۇ، ئىتتىپاقلىق ئىچىدە مەۋجۇت بولغانلىقى، ئۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرگۈچى ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى بولغانلىقى» نى ئېيتقان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخىي، مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشتە «شىنجاڭنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق تارىخىي، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق بىر گەۋدە نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىش، شىنجاڭنى كۆپ خىل مەدەنىيەت ۋە دىنلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون نۇقتىسىدىن چۈشىنىش كېرەك» ئىكەن. ھالبۇكى، پىروفېسسور جوھان ئېلۋېرسكوگ شىنجاڭدا 2017-يىلدىن بېرى يۈز بەرگەن قورقۇنچلۇق ئىشلاردىن سىرت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننىڭ تارىخىغا تۇتقان بۇ خىل پوزىتسىيەنى «تارىخ تېررورلۇقى» ياكى رايوننىڭ «تارىخىنى قايتا يېزىش» دەپ سۈرەتلىدى.