گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان داڭلىق گېزىتلەردىن بىرى بولغان «دۇنيا» گېزىتى 19-ئىيۇندىكى يەكشەنبىلىك ئالاھىدە سانىدا «گېرمانىيەنىڭ تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرىدىغان بىر پۇرسىتى بار» ناملىق زور ھەجىملىك زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلىپ كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. بۇ زىيارەت خاتىرىسىنى «دۇنيا» گېزىتىنىڭ «يەكشەنبىدە دۇنيا» ناملىق ئالاھىدە سەھىپىسىنىڭ ھەمدە «بېرلىن سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ سىياسىي مۇھەررىرى دانىيېل فرىدرىك ستۇرىم ئەپەندى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ زىيارەت ئوبيېكتى مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم بولغان. گېزىت يۈزىگە جازا لاگېرىنىڭ سۈرىتى، روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئاقساراي ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكىلىق مەشھۇر شەخسلەردىن ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسىي پېلوسى بىلەن بىرگە چۈشكەن رەسىملىرى بېرىلگەن.
ماقالە مۇنداق باشلىنىدۇ: «بېيجىڭنىڭ ساقچىلىرى ئۇنىڭ ھەدىسىنى يېرىم كېچىدە تۇتۇپ ئېلىپ كېتىپ، 20 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىۋېتىدۇ. ئۇيغۇر قىزى روشەن ئابباس ھەدىسىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكىدا كۈرەش قىلماقتا. بۇنىڭ نەقەدەر قېيىنلىقىنى ئۇ زىيارەت جەريانىدا بايان قىلىپ ئۆتتى. ھەيران قالارلىقى، ئۇ گېرمانىيە قىدىرىل جۇمھۇرىيىتىدىنمۇ نارازى بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى».

ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، خىتاينىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى باستۇرۇشلىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىدەك ئابستراكت بايانلارغا ياكى «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» گە ئوخشاش دەلىل-ئىسپاتلارغا ئورۇن بېرىلمىگەن. ئەكسىچە ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر مىللەتنىڭ تۈپتىن يوقىتىلىش گىردابىغا كېلىپ قالغانلىقى ئاددىي، كونكرېت دېتاللار بىلەن ھايات شاھىتلارنىڭ تىلى ئارقىلىق يورۇتۇلۇپ، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتسىز قىلمىشلىرى، ئەشەددىي قىرغىنچىلىقلىرى تەسىرلىك بىر رەۋىشتە ئىپادىلەپ بېرىلگەن. مەسىلەن: «كۆز ئەينەك تاقىمىسا، ھېچنېمىنى كۆرەلمەيدىغان، ئەزەلدىن سىياسىي بىلەن ئالاقىسى بولمىغان، بېشىغا رومال ئارتمايدىغان، ياۋروپالىقلارغا ئوخشاشلا نورمال كىيىنىپ يۈرىدىغان دوختۇر گۈلشەن ئابباس ‹تېررورىست› دېگەن تۆھمەت بىلەن بىر كېچىدىلا تۇتۇپ كېتىلىپ، كۆزدىن غايىب بولىدۇ. ئۇنىڭ 2018-يىلى تۇتۇپ كېتىلىشىگە، تۇتۇلۇشتىن 6 كۈن ئىلگىرى سىڭلىسى روشەن ئابباسنىڭ مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خۇدسون ئاقىللار ئامبىرىدا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا سۆزلىگەن نۇتقى سەۋەبچى بولىدۇ. كېسەللەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ ياشايدىغان بىر ئاددىي ئايال، ئۆزى بىلەن ھېچ مۇناسىۋىتى بولمىغان بىر جىنايەت بىلەن 20 يىللىق كېسىۋېتىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى 2020-يىلى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، قايسى تۈرمىدە ياشاۋاتقانلىقى، ھايات ياكى ئۆلۈكلىكىدىن ھازىرغىچە ئۇچۇر ئالغىلى بولمايدۇ».
ماقالىدا، گۈلشەن ئابباسنىڭ پەقەتلا بىر مىسال ئىكەنلىكى، سانىنى ھازىرغا قەدەر بىلگىلى بولمايدىغان تالايلىغان ئىنسانلارنىڭ ھەر تۈرلۈك تۆھمەتلەر بىلەن تۇتۇپ كېتىلىپ تۈرمىلەرگە بەند قىلىنغانلىقى، جازا لاگېرلىرىدا مېڭە يۇيۇشقا مەجبۇرلانغانلىقى ياكى خىتاي زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ، روشەن ئابباسنىڭ «ئۇلارنىڭ گۇناھى پەقەتلا ئۇيغۇر بولغانلىق!» دېگەن كەلىمىسىنىڭ ھەقىقىتى يورۇتۇپ بېرىلىدۇ.
ماقالىدا دىققەتكە سازاۋەر بولغان بىر نۇقتا، روشەن ئابباس خانىمنىڭ گېرمانىيە قىدىرىل جۇمھۇرىيىتىنى كەسكىن ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى بولغان. ئۇ سۆزىدە «خىتاي بىلەن بىر تەرەپتە تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى قاتىلنىڭ شېرىكلىرىدۇر!» دېگەننى تەكىتلەيدۇ ھەمدە گېرمانىيەگە تەۋە BMV، VW كەبى 2 مىڭدىن ئارتۇق شىركەتنىڭ خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپكە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى بىلەن بويالغان مەھسۇلاتلاردىن پايدا ئېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئەسلىدە، گېرمانىيەنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئېھتىياجى يوق، چۈنكى گېرمانىيە جازا لاگېرلىرىنى باشتىن كۆچۈرگەن دۆلەت، بىراق گېرمانىيە تارىختىن ھېچ ساۋاق ئالمىغان. ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئىش بىرلىكى قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. گېرمانىيەنىڭ تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرىدىغان بىر پۇرسىتى بار، خىتاي بولسا قاتىل ھاكىمىيەت، گېرمان شىركەتلىرى ئۇنىڭدىن قولىنى ئۈزمىسە، خىتاينىڭ قاتىللىقىغا شېرىك بولغان بولىدۇ» دەيدۇ. روشەن ئابباس خانىمنىڭ «گېرمانىيەنىڭ تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرىدىغان بىر پۇرسىتى بار» دېگەن سۆزى مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىگە باش تېما قىلىنغان.
«گېرمانىيەنىڭ تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرىدىغان بىر پۇرسىتى بار» ناملىق ئەسەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان روشەن ئابباس خانىم گېرمانىيە توغرىسىدىكى مەزمۇن ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «كۆرگىنىڭىزدەك، بۇ زىيارەتنىڭ مەزمۇن دائىرىسى كەڭ، سوئاللارنىڭ ۋەزنى ئېغىر بولدى. مەنمۇ دېيىشكە تېگىشلىك بولغاننى دېدىم. سۆزلىرىم قاتتىقراق ئىدى. بولۇپمۇ، تارىختا ناتسىستلارنىڭ تەرىپىدە تۇرغان بەزى گېرمان شىركەتلىرىنىڭ، ھازىر خىتاينىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلار ئۈچۈن تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرىدىغان ئاخىرقى بىر پۇرسەتنىڭ قالغانلىقىنى، ئەگەر بۇ گېرمان شىركەتلىرى خىتايدىن ئېرىشىۋاتقان مەنپەئەتتىن دەرھال قول ئۈزمىسە، كېلەچەكتە ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىنى ئىچىۋاتقان قاتىل خىتايغا شېرىك بولغاننىڭ ھېسابىنى بېرىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدە ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتكەن ئىدىم. دېگەنلىرىمنى گېزىت يۈزىدە ئېلان قىلىشقا جور´ئەت قىلالاپتۇ. بۇنىڭدىن خۇش بولدۇم».
ماقالىدا روشەن ئابباس خانىمنىڭ «مەن ئۈچۈن ئامېرىكfغا كىمنىڭ پرېزىدېنت بولۇشى، ئاقساراينى كىمنىڭ باشقۇرۇشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى ئىنسانپەرۋەرلىك» دېگەندەك ئىبارىلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە 21-ئەسىردىكى ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئەڭ زور پاجىئەسى بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن كىشىلەرنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق دېگەندەك قىممەت قاراشلىرىغا ساھىب ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىز باشقىلارغا دەردىمىزنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدىغان باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتتۇق. بىز شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا نىسبەتەن ‹نېمىشقا قاراپ تۇرىسىلەر؟ ئىنسان بولساڭلار، گەپ قىلىڭلار! › دەپ ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا خىتاب قىلىدىغان، ئادىمىيلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى قوزغايدىغان باسقۇچقا كىردۇق. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان پاجىئەسى يالغۇز ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەسى ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ پاجىئەسىدۇر!».
زىيارەت خاتىرىسىنىڭ ھەجمى زور بولۇپ، ئۇنىڭدا روشەن ئابباس خانىمنىڭ 1985-يىلى ۋە 1988-يىللىرى ئۈرۈمچى يۈز بەرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپلىرىدىن بىرى بولغانلىقى، ئۇنىڭ 1989-يىلى ئامېرىكfغا چىقىپ كەتكەنلىكى، ھازىر مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى، بارلىقىنى خىتاي زۇلۇمى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى، ئازادلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان جەڭگىۋار بىر ئايال ئىكەنلىكى بۇ زىيارەت خاتىرىسىگە مۇقەددىمە قىلىنغان.
ماقالىدا روشەن ئابباسنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن: «مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قۇللۇق گېرمانىيە ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇنلىرىدا مەنئىي قىلىنغان. بىراق ئۇلار بۇ قانۇنغا ئاسىيلىق قىلماقتا. ئەگەر مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قۇللۇق ھەقىقەتەن قانۇنسىز بولسا، ئۇلارغا خىتايدا نېمە بار؟ بىر ئىنساننىڭ قېنى بەدىلىگە، ئىككىنچى بىر ئىنساننى پۇلدار قىلىش كېرەكمۇ؟ ئۇيغۇرلارمۇ خۇدانىڭ بەندىسى ئەمەسمۇ؟ رۇسىيە ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان گېرمان شىركەتلىرى رۇسىيەدىن ئايرىلدى. بىراق ئۇلار نېمىشقا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان خىتايدىن ئايرىلمايدۇ؟ چۈنكى، ئۇلارنىڭ رۇسىيەدىن ئالىدىغان پايدىسى، خىتايدىن ئالىدىغان پايدىسىدىن ئاز ئىدى. زامانىدا نۇرغۇن دۆلەتلەر ناتسىستلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ھېچنېمىنى كۆرمىگەن، بىلمىگەن قىياپەتتە ئۇلار بىلەن سودا قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. ب م ۋ ھەمدە ۋ ۋ لار ناتسىستلارنى قوللىغان ئىدى. بۇ ئىشلارنىڭ بولغىنىغا 70 يىلدىن ئېشىپ كەتتى. ئەمما بۈگۈن ئوخشىمايدۇ. بىز ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، خىتاينىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بۈگۈن ھەممە ئادەم بىلىدۇ. كۆرمەسكە، بىلمەسكە سېلىۋېلىشلار ئەمدى ئاقمايدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئالدىدا بىتەرەپلىك دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس».