تۇرپاندىن تېپىلغان «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» ۋە خىتاينىڭ «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» تەشۋىقاتى
2022.12.21

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» نى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن «ئۇيغۇر رايونى ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى» دېگەن تەشۋىقاتنىڭ ئېھتىياجىغا ماس ھالدا قانداقتۇر «ئارخېئولوگىيەلىك ئىسپات»لىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. «غەربىي يۇرتتىن خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئىزلىرىنى بايقاش» يېتەكچى ئىدىيە قىلىنغان بۇ ئۇرۇنۇشلاردا ئىلگىرى خىتاي بىلەن غەربىي يۇرتنىڭ بېرىش-كېلىش قىلغانلىقلىرىغا ئائىت تارىخىي ئىسپاتلار مۇھىم ئورۇندا تۇرغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە «خىتاي مەدەنىيىتى غەربىي يۇرتتا ئەزەلدىن مەۋجۇت» دېگەن ئىدىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنماقتا.
يېقىندا خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جىن سۇلالىسىگە ئائىت «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» دېگەن ئەسەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قوليازما نۇسخىسىنىڭ تۇرپاندىن تېپىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن «ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ شىنجاڭدا تارقىلىشىنىڭ ناھايىتى تېز بولغانلىقى ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىنى» كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئارخېئولوگلىرى 1965-يىل تۇرپان ئەنجانلىق خارابىسىگە يېقىن جايدىكى بۇددا مۇنارىدىن بىر ساپال بۇيۇم قېزىۋالغان. ئۇنىڭ ئىچىدىن 41 قۇرغا 570 دىن كۆپ خىتايچە خەت يېزىلغان بىر قوليازما پارچىسى چىققان؛ ئۇ مىلادىيە 265-يىلدىن 420-يىلغىچە دەۋر سۈرگەن جىن سۇلالىسىگە ئائىت قوليازما بولۇپ، «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» نىڭ ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسى ئىكەن.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: « بۈگۈنگىچە شىنجاڭدىن <ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى>نىڭ ۋۇ بەگلىكى ھەققىدە بايان» دىن ئىككى پارچىسى چىقتى. بىرىنچى پارچىسى 1924-يىل تۇرپان پىچاندىن چىققانىدى. ئىككىنچى پارچىسى ھازىر شىنجاڭ مۇزېيىدا ساقلانماقتا. بۇ كىتاب يېزىلىپ غەربىي جىن ھالاك بولغۇچە (مىلادىيە 315-يىل) ئاران 20 يىل ئۆتكەن. مۇشۇنداق قىسقا ۋاقىتتا بۇ كىتابنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ قوليازمىغا خىتاينىڭ قەدىمىي قەغىزى ئىشلىتىلگەن، ئۇ خىتاي خەتتاتلىقىنى تەتقىق قىلىشتىلا ئەمەس، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ غەربىي يۇرتقا تارقىلىشىنى ئىسپاتلاشتا ناھايىتى چوڭ قىممەتكە ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە».
تارىخ ۋە قەدىمىي يېزىقلار تەتقىقاتچىسى قۇربان ۋەلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قوليازمىنى قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ بۇنى «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» گە باغلاشقا ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى، ھۇن، تۈرك، ئۇيغۇر قوۋمىنىڭ ھېچقاچان خىتاي مەدەنىيىتىگە تەۋە بولمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
2019-يىل 11-ئايدا، «نىڭشىيا خەۋەرلىرى تورى» دا «شىنجاڭنىڭ 70 پارچە قەدىمىي يادىكارلىقى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۆرگەزمە قىلىندى» ناملىق خەۋەر ئېلان قىلىنغان. بۇ كۆرگەزمىدىمۇ «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» قويۇلغان بولۇپ، «بۇ قوليازما شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ ناھايىتى قويۇق بولغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ» دېيىلگەن.
جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتچىسى جەمېس مىلۋارد ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا مۇنداق دەيدۇ: «بۇنداق ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلار ۋە قەدىمىي ۋەسىقىلەر گەرچە كىشىنى قىزىقتۇرسىمۇ، ئۇلار خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنى بويسۇندۇرغانلىقى ۋە باستۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىمۇ قەدىمكى گرېك ۋە رىم ئىمپېرىيەسىگە ئائىت يادىكارلىقلار ساقلىنىپ قالغان. ئوتتۇرا دېڭىز رايونلىرى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ يىراق جايلاردا گىرېك، رىم تىل-يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر ئۇچرايدۇ. بۇلار تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەزەلدىن گىرېتسىيە ياكى ئىتالىيەنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. خىتاي تەرىپىدىن بىر قېتىم بېسىۋېلىنغان ياكى ھازىر بېسىۋېلىنغان قەدىمىي دۆلەتلەرنىڭ ۋەسىقىلىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ھىندىستان مەدەنىيىتى بۇددا دىنى ئارقىلىق شەرقىي ئاسىياغا، ئىسلام مەدەنىيىتى شىنجاڭ ئارقىلىق خىتايغا تارقالغىنىدەك، خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئىزلىرىمۇ شەرقىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا تارالغان؛ چۈنكى مەدەنىيەت بىر تەرەپكىلا ئەمەس، تۆت تەرەپكە تارقىلىدۇ. يىپەك يولىمۇ پەقەت بىرلا يول ئەمەس. گىرېك-رىم مەدەنىيىتى، ئىسلام مەدەنىيىتى، ھىندىستان مەدەنىيىتى، خىتاي مەدەنىيىتى تارىختىن بېرى بۇ يول ئارقىلىق كەڭ تارقالغان. ئۇنىڭ دۆلەتلەر ئارا ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق».
قۇربان ۋەلى ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە توختالغىنىدا، تۇرپان دۆلىتىدە خىتاينى تەتقىق قىلىدىغان ئورگانلار بولغانلىقىنى، شۇڭا بۇنداق خىتايچە ۋەسىقىلەرنىڭ تېپىلىشىنىڭ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭلىق بىلەن تۇرپاننى خىتاي دۆلىتىگە ياكى خىتاي مەدەنىيىتىگە تەۋە دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ «شىنلاڭ تورى» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدىن تېپىلغان يادىكارلىقلارنىڭ ئىچكىرى خىتاي بىلەن بولغان باغلىنىشى ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەر ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لى ۋېنيىڭ 2015-يىل ئېلان قىلغان« شىنجاڭدىن تېپىلغان يىپەك بۇيۇم يادىكارلىقلىرى» ناملىق ماقالىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ قۇرغاق ئىقلىمىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدىكى ئەۋزەللىكى، خىتاي ئارخېئولوگىيە ئەترەتلىرىنىڭ 1959-يىلدىن تارتىپ ئۇيغۇر رايونىدا 13 قېتىم قەدىمىي يادىكارلىقلارنى تەكشۈرگەنلىكى، 500 قەبرىستانلىقنى قازغانلىقى، يىپەك يولىنى بويلىغان تارىم ئويمانلىقى، لوپنۇر چۆللۈكى، تۇرپان ئويمانلىقى بويىدىكى قەدىمىي شەھەر خارابىلىرىدىن كۆپ مىقداردا توقۇلما بۇيۇملارنى تاپقانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە خەن، تاڭ دەۋرىگە ئائىت يىپەك بۇيۇملىرىنىڭ مول ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نەچچە ئون يىلدىن تالان-تاراج قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياقتىن ئۇلارنى بىباھا بايلىق قاتارىدا كۆرۈپ مۇزېيخانىلاردا قوغدىغان بولسا، بىر ياقتىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، «ۋەتەننىڭ بىرلىكى»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئورتاق گەۋدىسى» دېگەندەك سىياسىي تەشۋىقاتلىرى ئۈچۈن ئىشلەتكەن. «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ئۆرنەكلەردىن بىرى بولۇپ، قۇربان ۋەلى ئەپەندى «خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى تەشۋىقاتتا ئىلگىرىكىدىن نومۇسسىزلىشىپ كەتكەن» دەپ بىلدۈردى.