ئۇيغۇر ئولتۇراق ئۆيلىرىنىڭ چېقىلىشى ۋە يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى «كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش» نامىدا چېقىپ، ئۇيغۇرلارنى يۇرت-مەھەللىلىرىدىن كۆچۈرۈپ تارقاقلاشتۇرۇشنى بارغانچە تېزلىتىشى دىققەت قوزغىماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 18-فېۋرالدىكى سانىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 2022-يىللىق پىلاندا، 1273 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش، 2021-يىلدىن 2025-يىلغىچە بولغان 5 يىللىق پىلانىدا 5761 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش، 5 يىل ئىچىدە 231 مىڭ 500 ئائىلىنى كۆچۈپ ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

چەتئەللەردىكى ئانالىزچىلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل كونا ئولتۇراق جايلارنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى ئۇيغۇرلار توپلاشقان ئۇيغۇر كونا مەھەللىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەھەللە، بىناكارلىق، ئۆي-قورو جاي ۋە باشقا مەدەنىيەتلىرىنى يوقىتىش دەپ قارىماقتا.

قاراماي شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونىدىكى ئۆيلەرنى مەجبۇرى چېقىش ئۈچۈن كەلگەن يەر-زېمىن ئىدارىسى قاتارلىق بىرلەشمە گۇرۇپپا خادىملىرى. 2014-يىلى، 17-ئىيۇن.
قاراماي شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونىدىكى ئۆيلەرنى مەجبۇرى چېقىش ئۈچۈن كەلگەن يەر-زېمىن ئىدارىسى قاتارلىق بىرلەشمە گۇرۇپپا خادىملىرى. 2014-يىلى، 17-ئىيۇن.

گوللاندىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىنلا ئۇيغۇر مەھەللىرىنى چېقىپ، كوچىلارنىڭ ئەسلىدىكى ئۇيغۇرچە نامىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى باشلىغان.

بولۇپمۇ 2000-يىللاردىن كېيىن دائىرىلەر، شىمالدا ئۈرۈمچى، غۇلجا، جەنۇبتا قەشقەر، كورلا، ئاقسۇ، خوتەن، قاتارلىق شەھەرلەرنى مەركەز قىلغان ھالدا، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىپ، كوچىلارنىڭ ئەسلىدىكى ئۇيغۇرچە نامىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلەتكەن.

ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇسلۇبىنى نامايان قىلىدىغان قۇرۇلۇشلار چېقىپ ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن نىشانلىق ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى. خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىلگىرى ئېلان قىلغان ھۆججەتلىرىدە بۇ پىلاننىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ۋە يەتمەكچى بولغان مەقسەتمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن.

ئاسىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىپ ئۆزگەرتىشىدىكى مەقسەت، تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجى ئۈچۈنلا بولماستىن، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ مەھەللىۋىيي مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئاسسىمىلياتسىيەنى تېزلىتىش» ئىكەن.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئوبزورچى خۇ پېڭ ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر مەھەللىلىلىرىنىڭ چېقىلىشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭمۇ يوقىتىلىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنى «كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش» نامىدا چېقىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ماكانلىرىدىن ئايرىپ تارقاقلاشتۇرۇشى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. خۇ پىڭنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۆزىنىڭ مەھەللىۋىي ئادىتىدىن، ئۆزىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئېغىر دەرىجىدىكى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» غا ئۇچرىماقتىكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئولتۇراق رايونلىرىنى «كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش» نامىدا چېقىش ھەرىكىتى، خەلقئارادا ئۈزلۈكسىز ئەيىبلەشلەرگە ئۇچراپ كەلگەنىدى. بولۇپمۇ دائىرىلەرنىڭ 2000-يىللارنىڭ بېشىدا باشلىغان قەدىمىي مەدەنىيەت شەھىرى دەپ بېكىتىلگەن قەشقەردىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى مەجبۇرىي چېقىش ھەرىكىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ، غەرب دۆلەتلىرىدە «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى» دەپ قاتتىق ئەيىبلەنگەنىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ 2008-يىلى بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشقا چاقىرغان. 2021-يىلدىن باشلاپ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ» دەپ ئېلان قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت چەكلىمىسى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپنىڭ مەجبۇرىي چەكلىنىشى قاتارلىقلار «ئۇيغۇر مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ تەرىپلەنمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.