مۇتەخەسسىسلەر: تەكلىماكاندىكى ئاخىرقى ئۇيغۇر يېزىسى - دەريابويىنىڭ يوقىتىلىشى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ سىمۋولىدۇر

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ «خەلق تورى» نىڭ 1-دېكابىر كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىگە جايلاشقان قەدىمىي دەريابويى ئاھالىسى خىتاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۆچۈرۈش پىلانى بويىچە پۈتۈنلەي كۆچۈرۈلۈپ بولۇنغان.

خەۋەردىن قارىغاندا 2017-ۋە 2019-يىللىرى دەريابويى كەنتى ئىككى قېتىم كۆچۈشنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى كەنت ئاھالىسى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىن چىقىپ، ناھىيە ئورنىدىن 91 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن.

دەريابويىغا ئائىت مەلۇماتلاردىن كۆچۈشتىن ئىلگىرى 364 ئائىلە، جەمئىي 1404 ئۇيغۇرنىڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شىمالىغا 250 كىلومېتىر كېلىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقنىڭ ئىچكىرى قىسمىدىكى دەريابويى كەنتىدە ئەسىرلەر بويى دەريا ئېقىنلىرىنى بويلاپ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ئۇ، تاكى 1990-يىللارنىڭ باشلىرىغا قەدەر بىرمۇ خىتاينىڭ ئىزى بېسىلمىغان بىردىن-بىر ساپ ئۇيغۇر كەنتى بولۇپ كەلگەن.

دائىرىلەر بۇ قەدىمىي ماكاندىكى خەلقنى كۆچۈرۈشتە، بۇ جايدىكى خەلقنىڭ 80% تىنىڭ نامراتلىق قىزىل سىزىقىنىڭ ئاستىدا ئىكەنلىكى، كېرىيە دەرياسىنىڭ تەدرىجىي قۇرۇپ سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئاھالىنى باقالمايدىغان دەرىجىگە كەلگەنلىكى قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ كۆرسەتكەن. خەۋەردە يەنە پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا ئۇلارنىڭ ھازىر بەختكە ئېرىشكەنلىكى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ پۇرسىتىگە ئىگە قىلىنغانلىقى، يېڭى مەھەللىگە قوي بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، كەنتتىكىلەرنىڭ قوينى پاي ئورنىدا ئىشلىتىدىغانلىقىنىمۇ يېزىلغان.

ئەسلى دەريابويى كەنتىدىكى ئاھالىلەرنى ئورنىدىن يۆتكەپ يىغىنچاقلاش ئاساسىدا قۇرۇپ چىققان «يېڭى دەريابويى كەنتى» كۆچۈرۈش نۇقتىسىنىڭ تەشۋىقاتچىسى ۋاڭ فاڭ «خەلق تورى» غا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ھازىر كۆچۈرۈلگەن جايدا 422 ئىشچى بار، بۇنىڭ 29 سى شىنجاڭنىڭ سىرتىدا، 47 نەپىرى شىنجاڭنىڭ ئىچىدە، 346 نەپىرى يېقىن ئەتراپتا ئىشلەيدۇ» دېگەن.

يۇقىرىقى ئۇچۇرلار ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ باھانىسىدە، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋە يۇرتىدىن ئايرىغاندىن باشقا، مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى ئاشكارىلايدىغان ئامىللاردۇر.

بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ خىتاينىڭ ئاتالمىش كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىدە، لوپنۇر، مەكىت، قاغىلىققا ئوخشاش قەدىمىي جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇلىرىغا مۇخالىپ ھالدا مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى. بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كونا ۋە يېڭى دەريابويى كەنتلىرىگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ مۇمكىن بولماي كەلمەكتە.

ئەمما شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ يىل 22-ئاپرېل تارقاتقان بىر تەشۋىقات خەۋىرىدە دەريا بويى كەنتىدىكى ساياھەتچىلەرنى توشۇش ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ شوپۇرى رەجەپنىڭ مۇنداق سۆزلىرى ئۇچرايدۇ: «دەريابويىدا توغراقلىقتا تۇغۇلۇپ توغراقلىقتا ياشىدىم، ئۆلسەم يەنە شۇ توغراق ئاستىغا كۆمۈلسەم دەيمەن. بۇلارنى ئويلىسام يىغلىغۇم كېلىدۇ. . .» ئۇنىڭ بايانلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى، نامرات ۋە ياشاش مۇمكىن ئەمەس دەپ تەسۋىرلەۋاتقان بۇ يۇرت، دەريابويىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ ئارزۇلۇق ۋە ھەرگىزمۇ كېتىشنى خالىمايدىغان جەننەت ماكان ئىكەنلىكى، كۆچۈش ئارزۇسىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش رايونىدىكى «يېڭى دەريابويى كەنتى» گە جايلاشقان پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئىشخانىسى بىناسىنى مەركەز قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان دوختۇرخانا، خىتايچە يەسلى ۋە مەكتەپ ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانا ھەمدە رەت-رەت ئوخشاش پاسوندىكى ئۆيلەردىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يېڭى مەھەللىنىڭ قاراۋۇل ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت تۈزۈمى ھەققىدە تېپىلغان تور ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مەھەللىگە كىرىپ-چىقىش دەرۋازىسى بار بولۇپ، 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىنىدىكەن ۋە ھەپتىدە بىر قېتىم مەھەللە بويىچە يىغىپ تەربىيىلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلغانىكەن. بۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر «يېڭى دەريابويى كەنتى» دىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كونتروللۇقىنى ئاشكارىلايدۇ.

گەرچە دائىرىلەر دەريابويىدىكى خەلقنى ئىپتىدائىي ۋە ياۋايى ئىنسانلار سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار نەزىرىدە بۇ جاي ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ياشاش ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىشتىكى ئەقىل پاراسىتى ۋە ئىجادچانلىقى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا، ئىنتايىن قىممەتلىك سىمۋول خاراكتېرلىك بىر ئورۇن.

خىتاي مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريابويى يېزىسىنى پۈتۈن گەۋدە بويىچە كۆچۈرۈشنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزگەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ ئەمما، ئامېرىكادىكى جورجىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردا تەتقىقاتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللانىڭ بىلىشىچە، 2005 يىللىرىدىلا، خىتاي دائىرىلىرى نېفىت قىدىرىش ۋە بىڭتۇەننى كېڭەيتىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ئۈچۈن دەريابويى كەنتىنى كۆچۈرۈشنى پىلانلاپ دەريا بويى خەلقىگە بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالداش سىياسەتلىرى خەلقنى كۆچۈرەلمىگەندىن كېيىن ئاخىرى دائىرىلەر يۇقىرىقىدەك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ۋاسىتىلىرىنى قوللانغان.

دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا ئەسلى كېرىيەلىك بولۇپ، ئۇ سوتسىيال ئانتروپولوگىيە ساھەسىدە تەتقىقات قىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ 2005-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن تەييارلىغان دىسسېرتاتسىيەسىنىڭ تەتقىقات تېمىسى دەل دەريابويى يېزىسىدىكى ئاھالىسىنىڭ ياشاش ئادەتلىرى ھەققىدە بولۇپ، ئۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلگىرى دەريابويى يېزىسىدىكى ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقان ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دەريابويىدىكى ئاممىنى كۆچۈرۈشنى «قومۇش ئۆي» بىلەن خوشلىشىش، شورلۇق سۇ بىلەن خوشلىشىش، يېرىم بېكىنمە ھالەت بىلەن خوشلىشىش دەپ تەشۋىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا دەريابويى كەنتىنى ساياھەت مەركىزىگە ئايلاندۇرغانلىقى بولسا ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسلەرنى تېخىمۇ ئەجەبلەندۈرمەكتە. بۇ ھەقتە تونۇلغان ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناس رايان سام ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان تىپىك ھالدىكى كۆچۈرۈش سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوقىتىشتۇر. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ساقلىنىپ قالغان دەريابويىدىكى خەلقنى يۆتكەشتە ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغاندەك، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىدا بەلگىلىك ئۆزگىرىش ياسىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە دېھقانچىلىق ئەنئەنىلىرىدىن تارتىپ. يوقىتىش سىياسىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جايدا ياشاش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن كۆچۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي كۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇ ۋە توكلارغا ئېھتىياجلىق بولغان ساياھەت رايونىغا ئايلاندۇرغانلىقى ئۇنىڭ كۆرسەتكەن باھانىلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ».

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەمەلىيەتتە «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ ئاتالغان دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق-تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان دەريابويىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇزاقتىن بۇيان، تاكى 20-ئەسىرنىڭ 80-، 90-يىللىرى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارىلانغانغا قەدەر زامانىۋى قاتناش، ئېلېكتىرگە ئوخشاش زامانىۋى ئەسلىھەلەردىن مۇستەسنا قالغانلىقىدەك ئامىل ۋە شارائىت چەكلىمىسى، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن تۈرلۈك سىياسىي بوران چاپقۇنلىرىدىن ۋە پاراكەندىچىلىكىدىن مەلۇم دەرىجىدە ساقلىنىشىغىمۇ سەۋەب بولغان.

ئۇنداقتا ئەسىرلەر بويى خاس، قەدىمىي مۇھىت ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلەرنى مۇكەممەل ساقلاپ كېلىۋاتقان بۇ يۇرتنىڭ كۆچۈرۈلۈشتىن بۇرۇنقى ھاياتى قانداق ئىدى؟ بۇ سىرلىق ماكاندا ياشىغان ئۇيغۇرلار، ناچار تەبىئىي شارائىت ئۈستىدىن ئەسىرلەر بويى قانداق غەلىبە قىلىپ، نېمىگە تايىنىپ ياشاپ ۋە ئۆزلىرىنىڭ قەدىمىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە قۇملۇق مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالالىدى؟ ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ دەريا بويىدىن 110 كىلومېتىر يىراقلىقتا سۈنئىي ياسالغان «يېڭى دەريابويى كەنتى» گە كۆچۈرۈلۈشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ ھەقتە كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.