شائىرە تاشگۈل ھېزىياروۋا: «مېنىڭ قولۇمغا قەلەم ئېلىشىمغا يېتىملىقىم سەۋەب بولدى»

0:00 / 0:00

ئەينى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدىن ئاتاقلىق ئالىملار، يازغۇچىلار، مەرىپەتچىلەر، سەنئەتكارلار، قەھرىمان دېھقانلار ۋە باشقىلار يېتىشىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلار ھېلىغىچە ئۇنتۇماي كەلمەكتە. ئايشەم شەمىيېۋا، مەريەم سەمەتوۋا، پاتىگۈل سابىتوۋا، ماھىنۇر ئەلىيېۋا، بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋا، روشەنگۈل ئېلاخۇنوۋا، مەرىيەم نىيازوۋا، راھىلەم سېيىتوۋا ۋە باشقىلار قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەخرىگە ئايلانغان ئىدى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدىن بولۇپمۇ كېيىنكى يىللاردا شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭمۇ كۆپلەپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ھازىرمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇلارنىڭ بىرى ھازىر ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق قورام يېزىسىدا ياشاۋاتقان تاشگۈل ھېزىياروۋادۇر.

تاشگۈل ھېزىياروۋا ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلغان بولسىمۇ، تەقدىر تەقازىسى بىلەن قازاقىستانغا چىقىپ ئورۇنلىشىپ، قەلەم تەۋرىپتىپ كېلىۋاتقان ھەمدە قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇۋاتقان ئەدىبلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئۆز يۇرتىدا ئىگىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كېيىنكى يىللاردا بولسا يەنە «ئاسىيا بۈگۈن» ناملىق جۇمھۇرىيەتلىك مۇستەقىل گېزىتىنى باشقۇرۇۋاتماقتا. بىز تاشگۈل ھېزىياروۋانىڭ ھايات يولى، تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى، ئىجادىي پائالىيىتى بىلەن تونۇشۇش مەقسىتىدە قورام يېزىسىدا بولۇپ قايتتۇق.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تاشگۈل ھېزىياروۋا خانىم ئۆزىنىڭ قولىغا قەلەم ئېلىشىغا نېمە سەۋەب بولغانلىقىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «مېنىڭ قولۇمغا قەلەم ئېلىشىمغا بىرىنچى سەۋەب بولغان يالغۇزلۇقۇم، يېتىملىقىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى مەن 12 ياشقا كىرگەندە ئاپام يۈرەك كېسىلىدىن ۋاپات بولغان. ئاپام ئىلى ئىنقىلابى باشلىنىپ، ھەرەمباغدا تۇرغان ئىكەن. شۇ يەردە ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۈرۈمچى، بېيجىڭلارغىچە مېنى كۆتۈرۈپ، يىغىنلارغا قاتناشقانكەن. 1956-يىلى بۇ ياققا كۆچۈپ چىققاندا مەن ئىككى ياشتا ئىدىم. ئاپامنىڭ قوشاق بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى بايان قىلغىنىغا ھەيران قالاتتىم. بىرىنچى شېئىرىمنى ‹ئاپپاق، ئاپپاق قار ياغدى، دەل-دەرەقلەر سارغايدى› دەپ يېزىپتىمەنكەن. ئاپام بۇنىڭغا خۇشال بولۇپ، ‹ئەمگەك تۇغى› گېزىتىدە ئىشلەيدىغان سېيىتجان روزىيېف دېگەن كىشىگە ئاپارغان.»

ئانىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن 5-سىنىپتا ئوقۇۋاتقان تاشگۈل ھېزىياروۋانىڭ شېئىرلىرى «ئەمگەك تۇغى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 1970-يىلى شۇ ۋاقىتتىكى «كوممۇنىزم تۇغى»، يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ ئەرەب يېزىقىدىكى قوشۇمچىسى «يېڭى ھايات» گېزىتى چىقىشقا باشلاپ، ئۇنىڭ بىرىنچى سانىدا «بىرىنچى قار» ناملىق شېئىرى بېسىلغانكەن. كېيىنكى يىللاردا تۇرمۇش-تىرىكچىلىكنىڭ ئېغىر بولۇشىغا قارىماي، ياش شائىرە ئۆز ئىجادىنى داۋام قىلىپ، ئەسەرلىرى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ كەلگەنىدى.

تاشگۈل ھېزىياروۋا ئۆزىنىڭ «قەلبىم نىداسى» دەپ ئاتالغان تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنىڭ يورۇق كۆرۈشىدە، بولۇپمۇ تونۇلغان تىجارەتچى دىلمۇرات قۇزىيېف ۋە ئۇنىڭ ئانىسى شاراپەتخاننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ كېيىنكى توپلاملىرىنىڭ قانداق شارائىتتا نەشر قىلىنغانلىقىغا توختىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «يوشۇرىدىغىنىم يوق، مېنىڭ كىتاب چىقىرىدىغان جاغدىيىممۇ يوق ئىدى. ئۇ ۋاقتىدا ئىككىنچى يولدىشىمنىڭ ئايالى تۇغۇتتا قايتىش بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلەندۇق. ئۇنىڭ بەش بالا، ئانىسىز، مېنىڭ تۆرت بالا، ئاتىسىز. شۇ بالىلارنى خەقنىڭ كۆزىگە قاراتمايلى دەپ، ئېتىز-ئېرىقتا، دېھقان ئىگىلىكىنى قۇرۇپ ئىشلىدۇق. شۇ ئېغىرچىلىقلاردا رەيھان ھاجىمنىڭ ياردىمى بىلەن ‹ئاخىرقى ياپراق› دېگەن ئىككىنچى كىتابىم چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن 60 يېشىمغا تولغىنىمدا ‹دولانا› دېگەن كىتابىم چىقتى.»

تاشگۈل ھېزىياروۋانىڭ پەقەت شېئىر يېزىش بىلەنلا چەكلەنمەي، پۇبلىستىكا، پروزا ساھەلىرىدىمۇ ھەر خىل ماۋزۇلارغا بېغىشلاپ ئەسەرلەرنى ياراتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز يېزا ئادەملىرى بولغاچقا، بۇ يېزا ئادەملىرىنىڭ ئۆمرىنى، تارىخىنى، ئائىلە مەسىلىلىرىنى بىلىمەن. ئاجرىشىدىغان ئائىلىلەرنى، يامان بولۇپ قالغان ئادەملەرنى ئىلاجى بولسا، ياراشتۇرۇشقا تىرىشىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇ توغرىلىق جىق ھېكايىلەرنى يازدىم. تاللاپ ئالغان يولۇم شۇ خەلقىمنىڭ ئانا تىلى، تارىخى، سەنئىتى. چۈنكى خەلقىمنىڭ تەقدىرى بىزنىڭ تەقدىرىمىزدۇر.»

يازغۇچى قازاق خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى ئاباينىڭ ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن بولۇپمۇ مۆمىن ھەمرايېفنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئۆزىنىڭ شائىر بولۇپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ئۆز سۆزىدە ئائىلە، تۇرمۇش-تىرىكچىلىك، خىزمەت، ئىجادىيەتتىن باشقا جەمئىيەت ئىشلىرىغىمۇ ئارىلىشىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا تاشگۈل ھېزىياروۋا يۇرتداشلىرىغا، تىجارەتچىلەرگە، ياشلارغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۆزىنى ئويلاندۇرىدىغان، تەشۋىشلەندۈرۈۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.