خەلقئارادا ئۇيغۇر پروفېسسور تاشپولات تېيىپنى قۇتقۇزۇپ قېلىش سادالىرى كۈچەيمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.09.16
tashpolat-teyip-yighinda-soz.jpg شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور تاشپولات تېيىپن يىغىندا سۆزدە. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Social Media

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپتە جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋە پروفېسسورى تاشپولات تېيىپقا بېرىلگەن ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىنىڭ مۇشۇ يىل 9-ئاي ئىچىدە ئىجرا قىلىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭگە خىتاب قىلىپ، ئۇنىڭدىن بۇ قارارنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

مەزكۇر خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ھەرساھە چەتئەللىك زاتلارنىڭ ھەم شۇنداقلا كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. نۇرغۇن ئورگانلار تاشپولات تېيىپنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئېھتىماللىقىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۇندىن قالسا ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىگە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا چاقىرىق قىلىشنى باشلىدى.

«خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتى» بولسا پروفېسسور تاشپولات تېيىپنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ئىمزا قويۇش ھەرىكىتى قوزغىدى. مەزكۇر تەشكىلات يەنە تەشكىلاتنىڭ رەئىسى، پروفېسسور روبېرت كۇيننىڭ ئىمزاسى بىلەن 13-سېنتەبىر كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭگە ئوچۇق مەكتۇپ يوللىدى. مەكتۇبتا خىتاي ھۆكۈمىتى تاشپولات تېيىپنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاشكارىلاشقا چاقىرىلدى.

باياناتتا تۆۋەندىكى جۈملىلەر ئورۇن ئالغان: «مەلۇم بولغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، تاشپولات تېيىپ ھېچقانداق زوراۋانلىق بىلەن شۇغۇللانمىغان. ئۇنىڭ پەقەت بىر زىيالىي بولۇش سۈپىتى بىلەن پىكىر قىلىش ھوقۇقىنى ۋە كۆز قاراش ئەركىنلىكىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق قانۇنلارغا قول قويغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەسلىدە بۇنداق ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىشى ۋە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىدى»

«خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتى» باياناتىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭگە خىتاب قىلىپ، ئۇنى تاشپولات تېيىپقا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى دەرھال توختىتىشقا ۋە ئۇنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان. ئۇلار يەنە شى جىنپىڭدىن تۆۋەندىكىلەرنى تەلەپ قىلغان: «بىز سىزنى ئۇنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى، ئورنىنى ئاشكارىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز. ئۇنىڭغا ئارتىلغان جىنايەتلەر ئاممىغا ئاشكارىلىنىشى كېرەك، بىز يەنە ئۇنىڭ تۈرمىدىكى سالامەتلىك ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشىڭلارنى، ئىنسانىي مۇئامىلە، سەھىيە ياردىمى، كىتاب، قانۇنىي مەسلىھەت قاتارلىقلارغا ئېرىشىشىگە ۋە شۇنداقلا ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز شۇنداقلا ئۇنىڭ خەلقئارادىكى سوت تەرتىپلىرى بويىچە ئادىل ھالدا سوتلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭلارنى سورايمىز»

ئامېرىكادىكى كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئانتروپولوگىيە پروفېسسورى ماگنۇس فىسكەسيۆ ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا ئۆزىنىڭ تاشپولات تېيىپقا ئوخشاش بىر قىممەتلىك بىلىم ئادىمىنىڭ ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇشىدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى ئىپادە قىلدى. ئۇ ئېلخېتىدە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «مەن داڭلىق ئۇيغۇر ئالىمى ۋە تېخى يېقىنغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان تاشپولات تېيىپقا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىدىن قاتتىق چۆچۈدۈم. داڭلىق ئۇيغۇر ئالىمىغا قىلىنغان بۇ ھۇجۇمنىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىگە قىلىنغان بىر ھۇجۇملىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ يۈزلىگەن مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە ئىلىم ئەھلىلىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا مەجبۇرىي غايىب قىلىنماقتا ۋە ئۇلار ئۇ جايلاردا خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئازاب چەكمەكتە».

پروفېسسور ماگنۇس فىسكەسيۆ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇنىسى ئېنىقكى، تاشپولات تېيىپقا ئوخشاش مىللەتنىڭ داڭلىق مەدەنىيەت ۋەكىللىرىنى قاماش ۋە ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتكۈل خەلقنى قورقۇتماقچى ۋە ئۇلارنى ۋەيران قىلماقچى. بۇ بىر قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ ۋە تارىخ جىنايەتچىلەرنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ.»

14-سېنتەبىر كۈنى، ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىمۇ ئۇيغۇر پروفېسسور تاشپولات تېيىپنىڭ ۋەقەسىگە جىددىي ئىپادە بىلدۈردى. مەزكۇر گېزىتنىڭ تەھرىرات ھەيئىتى 14-سېنتەبىر كۈنى «ئۇيغۇر پروفېسسور تۇيۇقسىز غايىب قىلىنغان، ھەتتا ئۆلتۈرۈلگەن ئېھتىماللىقى مەۋجۇت تۇرۇقلۇق، خىتاي يەنە ھۆرمەت كۈتمەكتە» ماۋزۇسىدا بىر تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

ماقالە تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن باشلانغان: «خىتايدا سىياسىي جىنايەتچىلەر ئايلارچە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلىدۇ. بەزىدە ئۇلار ئۇزۇن مەزگىللىك سوئال-سوراقتىن كېيىن قايتا پەيدا بولۇپ، تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدا مەجبۇرىي ئىقرار قىلىشقا سېلىنىدۇ. بەزىلىرى ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ تەلەيسىز. سىز ئۇلارنىڭ بىر كۈنلەردە ھېچقانداق ئادوۋكاتسىز ۋە ئائىلىلىرى يېنىدا بولماي تۇرۇپ، مەخپىي سوتلانغانلىقىنى ئاڭلايسىز. يەنە بەزىلىرىنىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقى، داۋالىتىلمىغانلىقى ۋە ھەتتا بەزىلىرىنىڭ شۇ غايىب بولغان پېتى ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلايسىز. مانا بۇ رېئاللىقتىن قارىغاندا ئۇيغۇر پروفېسسور تاشپولات تېيىپنىڭ ۋەزىيىتى تولىمۇ قاراڭغۇ ۋە ئەندىشىلىك»

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئۇيغۇر پروفېسسور تاشپولات تېيىپنىڭ ئەھۋالىنى رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بايانى بويىچە تەپسىلىي تونۇشتۇرغان ۋە تاشپولات تېيىپنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىي ئەيىبلەشلەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. تەھرىرات ھەيئىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ؛ «غەربتىكى خىتاي دىپلوماتلار ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يامانلىشىشىدىن نارازى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بىز ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇمكىن بولسا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى بۇنداق ياۋۇزلارچە ۋە يەڭ ئىچىدە ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇپ يەنە دۇنيانىڭ ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىشىنى كۈتسە بولمايدۇ» دەپ يازغان.

پروفېسسور ماگنۇس فىسكەسيۆ ئەپەندىمۇ رادىيومىزغا ئەۋەتكەن ئېلخەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زۇلۇمنى دەرھال توختىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ زۇلۇمنىڭ دەرھال ئاياغلىشىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. تاشپولات تېيىپنى ئازاد قىلىش نۆۋەتتە رايوندا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھاكىمىيەت ئۈچۈن زۇلۇمنى توختىتىش ۋە پەيدا بولغان غايەت زور يارىلارنى ساقايتىش يولىدا ئېتىلغان مۇكەممەل تۇنجى قەدەم بولۇپ قالغۇسى»

تاشپولات تېيىپنى قۇتقۇزۇش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە چاقىرىق قىلىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى قاتارلىق ئورگانلارنى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى دەرھال بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشقا دەۋەت قىلىش ھەققىدىكى مۇراجىئەتنامە يەنە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى نازارەت قىلىش تەشكىلاتى قاتارلىقلار تەرىپىدىنمۇ ئېلان قىلىندى ۋە شۇنداقلا يەنە نۇرغۇنلىغان شەخسلەر تەرىپىدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلدى ۋە ئاۋازغا ئېرىشتى.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تاشپولات تېيىپ 2017-يىلى دائىرىلەر تەرىپىدىن مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنىدى. كېيىن رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان «ئاگاھلاندۇرۇش-ئىبرەت» فىلىملىرىدە كۆرسىتىلگەندەك، مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ساتتار ساۋۇت، مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر بىلەن بىر قاتاردا «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان. ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېچىلغان مەخپىي سوتتا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىر رەسمىي بايانات بېرىپ باقمىغان.

تاشپولات تېيىپ ياپونىيەدە جۇغراپىيە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان دەسلەپكى ساناقلىق جۇغراپىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.