ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكلىك يېقىنقى يىللاردا ئىزچىل ئەۋجىگە چىقىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ يىرىكلىكنىڭ ئاشكارا دۈشمەنلىك بولۇشتىن باشقا يەنە ئامېرىكا ئۈچۈن تۈرلۈك خەتەرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئەڭ جىددىي مەسىلىلەردىن بولۇپ قالدى. مارت ئېيىنىڭ كىرىشى بىلەن باشلانغان بىر ھەپتە ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۈچۈن خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى رېئاللىقنى ئەستايىدىل باھالاپ چىقىش ھەپتىلىكى بولدى. شۇ قاتاردا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيۇشتۇرغان خىتاي ھەققىدىكى بىر قاتار گۇۋاھلىق يىغىنلىرىنىڭ بىرى 28-فېۋرال كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قارمىقىدىكى «تاشقى ئىشلار كومىتېتى» ئۆتكۈزگەن «خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئەۋلاتلىرىمىزغا كېلىۋاتقان دۈشمەنلىك خىرىسلىرىغا قارشى كۈرەش» تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنى بولدى.
گۇۋاھلىق يىغىنىدا تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكىل مەككول (Michael McCaul) ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي جاسۇسلۇق ھاۋا شارىدىن گەپ باشلاپ خىتاي نۆۋەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن پەيدا قىلىۋاتقان تۈرلۈك دۈشمەنلىك خىرىسلىرىنىڭ تور جاسۇسلۇقى، دېڭىز بوشلۇقىدا ئىغۋاگەرلىك قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ دۇنياسى شۇنچە كۆپ بەدەل تۆلەش ھېساۋىغا بەرپا قىلىپ چىققان دۇنياۋى تەرتىپنى بۇزۇپ تاشلاپ، بۇنىڭ ئورنىغا خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ھاكىممۇتلەقلىقنى دەسسىتىش ئۇرۇنۇشى بولۇۋاتقانلىقىنى شەرھىيلىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، خىتاي ئىزچىل تۈردە رۇسىيەنى تۈرلۈك قوراللار بىلەن تەمىن ئېتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىننىڭ يېقىنقى ئۇچرىشىشى ھارپىسىدىكى ئىشلار بولۇپ قالغان. ئۇلار مۇشۇ يوسۇندا ئىتتىپاقلىق ئورنىتىپ، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك بىر دەۋرنى ياراتقان. نۆۋەتتە ئىككى قۇتۇپ ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق تېما دۇنيا كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق جەڭگاھ تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك بولۇپ قالغان.
مايكىل مەككول ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى قارمىقىدىكى «سانائەت ۋە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى»نىڭ خىتايغا بىر قىسىم يۇقۇرى تېخىكا ئىجازەتنامىلىرىنى سېتىپ بېرىشىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللىشى ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايغا سېتىپ بېرىلگەن مۇشۇ خىل ئىجازەتنامىلار ئالدىنقى يېرىم يىلدىلا 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ يېرىمى خىتاينىڭ «خۇاۋېي» گۇرۇھىغا بېرىلگەن. ئامېرىكا يۇقۇرى پەن-تېخنىكا ساھەسىگە مەنسۇپ ئىجازەتنامىلارنى سېتىۋالغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي كومپارتىيەسىگە باغلىنىشلىق بولغان ھەربىي شىركەتلەر بولۇپ، بۇلار ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەربىي قۇۋۋىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان. ناۋادا بۇ خىل «يېشىل چىراق» يېقىپ بېرىش ھەركىتى داۋام قىلىۋەرسە، خۇددى بۇ قېتىمقى خىتاي جاسۇسلۇق شارىنىڭ قالدۇقلىرى ئامېرىكا ئىشلەپچىقارغان ئۈسكۈنىلەر بولۇپ چىققاندەك ھادىسە يەنە كۆرۈلىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي كومپارتىيەسى ئامېرىكا سېتىپ بەرگەن پەن-تېخنىكا ۋاستىلىرىنى قورال قىلىپ تۇرۇپ ئامېرىكاغا قارشى كۈچلۈك بىر سەپ تۈزۈپ چىقىدۇ. يەنە بىر ياقتىن ھازىر خىتاي پۈتۈن كۈچى بىلەن ئامېرىكا ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىئولوگىيەلىك كۈرەشنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئامېرىكا كۆپ ئارقىدا قالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھال بارلىق ئامېرىكا خەلقىنى ئويغىتىشى لازىم.
شۇنىڭدىن كېيىن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر بىر-بىرلەپ سۆز ئالدى. گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى دەنىيل كرىتېنبرىنك (Daniel Kritenbrink) بولدى. ئۇمۇ خىتاي جاسۇسلۇق ھاۋا شارىنى مىسال قىلغان ھالدا بۇ خىلدىكى ئىغۋاگەرلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكنى قەتئى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، مۇشۇ قىلمىشنىڭ ئۆزى خىتاينىڭ ھازىر ئىچكىي ۋە تاشقىي جەھەتتە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە خىرىس قىلىۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى، خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان بۇ خىرىسلارنىڭ ھازىر ئىقتىساد، دىپلوماتىيە، ھەربىي ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىدە تېزدىن ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز ئىچكى قىسىمدا ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈشكە مەبلەغ سېلىش، ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، خىتاينىڭ تەھدىت ۋە خىرىسلىرىغا قەتئى قارشى تۇرۇش سىياسىتى بويىچە مېڭىشىمىز لازىم» دېدى.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى ئالان ئېستېۋېز (Alan Estevez) نۆۋەتتىكى خىتاي دۈشمەنلىكى ۋە تەھدىتىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ مېڭىۋاتقان رېئاللىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ھازىر ئامېرىكا سىياسىتى ۋە جەمئىيىتىنى خىتاي كومپارتىيەسىگە ماسلىشىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ھەربىي جەھەتتە بولسا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن تەييارلىقنى باشلاپ، چەت ئەللەردە خىتاي ساقچى پونكىتلىرى قۇرۇش ئارقىلىق ئۆز تەسىرىنى دۇنياغا كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
شۇ قاتاردا سۆز ئالغان «ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات پۇل-مۇئامىلە گۇرۇھى»نىڭ باش ئىجرائىيە رەئىسى سكوت نېيسىن (Scott Nathan)، «ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئىدارىسى» ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ ياردەمچى دىرېكتورى مايكىل شىففېر (Michael Schiffer) قاتارلىقلارمۇ خىتاي تەھدىتى ۋە دۈشمەنلىكىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋە مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى ئەھۋالىدىن گۇۋاھلىق بېرىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئاللىقاچان «ئويلىنىپ كۆرۈش» باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى نامايەن قىلغان رېئاللىقنىڭ ئۆزى خىتاينىڭ ھازىر قانداق بىر ھاكىمىيەت بولۇش يولىنى تاللاپ بولغانلىقىدىن بىشارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قارمىقىدىكى تاشقىي ئىشلار كومىتېتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقىي مۇناسىۋەت ئىشلىرىغا دائىر قانۇنلارنى ماقۇللاش ھەمدە دىپلوماتىيە ساھەسىنى نازارەت قىلىش ھېسابلىنىدۇ.
