بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارا سەھنىگە چىقىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى، ئامېرىكا باشلىق دېموكراتىك مەملىكەتلەر، خەلقارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، تونۇلغان دۆلەت ۋە جامائەت ئەرباپلىرى، ئاتاقلىق ئالىملار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ تۈركىي-مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان تەقىبلەش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئەينى ۋاقىتلاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدە ياشىغان تۈركىي خەلقلەردىمۇ قانداقتۇر بىر بىرلىشىش، ھېسداشلىق قىلىش ھېسسىياتىنىڭ ئويغىنىۋاتقانلىقى بايقالماقتا.
بۇنىڭغا شۇ دۆلەتلەردە نەشىر قىلىنىۋاتقان گېزىت ۋە ژورناللاردا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈۋاتقان بەزى قازاق، ئۆزبېك، تاتار كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ، پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئېلان قىلىۋاتقان قاراشلىرى، ئىش-پائالىيەتلىرى دەلىل بولماقتا.
ئىگىلىشىمىزچە، مۇشۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدە ياشاۋاتقان تاتار پائالىيەتچىلىرى يالغۇز كىشىلىك نامايىشقا چىقىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنىكەن.
رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەركىبىدىكى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازان شەھىرىدە نەشىر قىلىنىدىغان «تۈرك نەزەرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تاتارىستاننىڭ نابېرېژنىيې چېلنى ۋە قازان، شۇنداقلا باشقۇرتىستان پايتەختى ئۇفا شەھەرلىرىدە تاتار ياشلىرىنىڭ «ئازادلىق» ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى رافىك كارىمۇللىن، ئېلدار مۇستافايېف ۋە ئالماز خابىبۇللىنلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە قارشى يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئۇيۇشتۇرغان. ئۇلار قوللىرىغا "خ خ ج دىكى ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز!»، «ئۇيغۇرلار، يۈرىكىمىز سىلەر بىلەن بىللە!» دەپ يېزىلغان پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ چىققان.
«تاتارىستاندا ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتى بولۇپ ئۆتتى» دەپ ئاتالغان ماقالىدا تاتار ياشلىرىنىڭ «ئازادلىق» ئىتتىپاقىنىڭ لىدېرى نائىل نابىئۇللىننىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى بېرىلگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دائىم ئىرقىي كەمسىتىلىۋاتقانلىقى توغرىلىق ئاخباراتلارنى ئېلىۋاتىمىز. خەلقئارا جامائەتچىلىك ۋە دۇنيا ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ھېسابلاۋاتىدۇ. بىز بولساق خ خ ج دىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز ۋە ئۇيغۇرلارغا ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋىي ياردىمىمىزنى ئىزھار قىلىشنى خالايمىز.»
بىز تاتارىستان پايتەختى قازان شەھىرىدىكى تاتار ياشلىرىنىڭ "«ئازادلىق» ئىتتىپاقىنىڭ لىدېرى، «تۈرك نەزەرى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى نائىل نابىئۇللىن بىلەن ئالاقىلەشتۇق.
نائىل نابىئۇللىن ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنى قوللىشىمىزغا ئۇيغۇر ۋە تاتارلارنىڭ بىر تۈركىي خەلق ئىكەنلىكى سەۋەب بولدى. تۈركىي خەلقلەر دائىم بىر-بىرىنى قوللىشى لازىم. ئەمدى تاتار ياشلىرىنىڭ ‹ئازادلىق› ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ روھى جەھەتتىن تۈركىي خەلقلەرنىڭ تەشكىلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1992-يىلى تۇنجى خەلقئارا تۈركىي ياشلار تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ، بۇ تەشكىلات دائىم تۈركىي خەلقلەر ھوقۇقلىرىنى قوغداپ، ‹تۈرك نەزەرى› گېزىتىنى نەشىر قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. تاتار ياشلىرىنىڭ ‹ئازادلىق› ئىتتىپاقى تۈركىي خەلقلەر ھوقۇقلىرنى داۋاملىق قوغداپ كېلىۋاتىدۇ. ھەر يىلى بىز خودجالى ئەزەربەيجانلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنىنى، قاراچاي، بالقار، تاتار خەلقلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشىنى، قازاقلارنىڭ ئاچارچىلىق پاجىئەسىنى خاتىرىلەپ كېلىۋاتىمىز. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، تۈركىي خەلقلەر بىر-بىرىنى قوغدىشى شەرت. مۇنداق قوغداشلار پەقەت قۇرۇق سۆز بىلەنلا چەكلەنمەي، بەلكى ئەمەلىيەتتە، جىسمانىي ھەرىكەتلەردە دەلىللىنىشى لازىمدۇر. بىز 2009-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى قوللاش بويىچە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىمىز. بىز بىر نەچچە قېتىم خىتاينىڭ قازاندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئۇيۇشتۇردۇق. بىز قېرىنداش ئۇيغۇر خەلقىنى قوغداشنى ئۆزىمىزنىڭ پەرزى، مۇھىم ۋەزىپىسى دەپ قارايمىز.»
نائىل نابىئۇللىن ئۇيغۇر ۋە تاتارلارنىڭ روھى، دىنى، مەدەنىيىتى جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئىنتايىن يېقىن خەلقلەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «‹تۈرك نەزەرى› گېزىتىنىڭ نۆۋەتتىكى سانى بېۋاسىتە ئۇيغۇرلارنى قوللاشنىڭ ئىپادىسىلا ئەمەس، بىز ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى› توغرىلىق، ئەلۋەتتە ئېيتىشىمىز كېرەك، ئۆزىمىزنىڭ ۋەتەنداشلىرىمىزغا چۈشەندۈرۈشىمىز لازىم. تۈركىي خەلقلەرگە ھېسداشلىق بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە چىقىۋاتقان گېزىت باشقىمۇ مەسىلىلەردىن چەتتە قالماسلىقى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەتنى بىزمۇ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېتىراپ قىلىمىز. ھەتتا قازاقلار، تاتارلارمۇ ئەنە شۇ تەقىبلەش ئاستىغا چۈشۈۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا بىز ئۇيغۇر ۋە تاتارلارنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرىدە بەزى ئوخشاشلىقلارنىمۇ بايقاۋاتىمىز. ئۇيغۇرىستان ئوخشاش تاتارىستاندىمۇ مىللىي پائالىيەتچىلىرىمىز قاتتىق بېسىم ئاستىدا قالماقتا. تاتار تىلى بولسا بىلىم ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىلدى. ھازىر تاتار تىلىنى ئۆز ئىختىيارى، پەقەت ئاتا-ئانىلارنىڭ خاھىشى بىلەن ئۆگىنىۋاتىدۇ. تاتار تىلىدا ئالىي بىلىم ئېلىش مۇمكىنچىلىكى يوقنىڭ ئورنىدا. بىزدە ھەر قانداق نامايىش، ئاممىۋىي پائالىيەتلەر مەنئىي قىلىنغان. لېكىن ئۇيغۇرلار ئىنتايىن كۈچلۈك قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن گېزىتنىڭ بۇ سانى ئاساسەن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بېغىشلانغان.»
نائىل نابىئۇللىن ھازىرقى ۋاقىتتا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر-بىرىنى قوللىيالماي كېلىۋاتقانلىقىنى ئەپسۇسلىنىش بىلەن تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنى بىرلىكككە چاقىردى.
بىز تاتارىستاننىڭ نابېرېژنىيې چېلنى شەھىرىدىكى رافىك كارىمۇللىن بىلەن ئالاقىلەشقىنىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ نامايىشلارغا ئىلگىرىمۇ پات-پات چىققانلىقىنى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىمۇ قوللاپ يالغۇز كىشىلىك نامايىشلارغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «نابېرېژنىيې چېلنىدا مەن ‹ئازادلىق› مەيدانىدا نامايىشقا چىقتىم. بۇ ۋاقىتقىچە قازاندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ چىققان ئىدىم. بىز بۇ ھەرىكەتنى بارلىق مەتبۇئاتلاردا شۇنچىلىك كەڭ دائىرىدە يورۇتتۇقكى، كېيىن خىتاي كونسۇلخانىسىغا يولىمىزنى يېپىۋەتتى. ئۇيغۇرلار توغرىلىق كۆپ مەلۇماتلارنى ئىگىلىدىم. ئۇلار بىزگە تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى جەھەتتىن ئوخشىغانلىقتىن ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى مەسىلىسى بىزگە ئىنتايىن يېقىن. ھەتتا بەزى مەسىلىلەردە تەقدىرىمىزمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم قاتتىق كۈچەيدى. ئۇيغۇرلار نېمىنى خالايدۇ؟ ئۇلارمۇ باشقا خەلقلەر ئوخشاشلا ئۆز تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنى، ئەۋلادلىرىنى مىللىي روھتا تەربىيىلەشنى خالايدۇ. شەخسەن ئۆزۈم تۈركىي خەلقلەر مەسىلىسىگە 2009-يىلدىن تارتىپ قىزىقىشقا باشلىدىم. ياشلار ئىتتىپاقى بىلەن بىرگە ھەرىكەت قىلىپ، تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىكى بىرلىكنى، ئىتتىپاقلىقنى، ھېسداشلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىۋاتىمىز.»
بىز شۇنداقلا باشقۇرتىستان پايتەختى ئۇفا شەھىرىدىكى تاتار پائالىيەتچىسى ئالماز خابىبۇللىننى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ مەزكۇر نامايىشقا قازاندىكى دوستى نائىل نابىئۇللىننىڭ تەشەببۇس بىلەن چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەن كۆپ بىلمەيمەنكەن. ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ھەم بىرلا قېتىم ئۇيغۇر مىللىتىنى ھەربىي سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقاندا ئۇچراتقان ئىدىم. مېنىڭ ھەيران قالغىنىم، ئۇ تاتارلارغا ئىنتايىن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولغاندى. بىز بەكمۇ يېقىن دوست بولۇپ كەتكەندۇق. مەن بۇ نامايىشقا مېنىڭ دوستۇم ئەنە شۇ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا چىقمىدىم. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقىنىنى ياخشى بىلمەيمەنكەن. ئەمما ھەر بىر خەلق ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى لازىم. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ساقلاپ، ئۆزىچە ياشاشنى خالايدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› سىياسىتى رۇسىيەنىڭ تاتارلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىگە ئوخشاش كېتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئارىدا چوڭ پەرق بار. بىزدە ھازىرچە ئۇنداق لاگېرلار يوق. مەسچىتلىرىمىزمۇ ئوچۇق. ئەمما تاتار مەكتەپلىرى رۇسچىغا ئايلاندى. بالىلىرىمىز پەقەت رۇس تىلىدا ئوقۇشقا مەجبۇر. بەزى ئىسلام ئېقىملىرى مەنئىي قىلىندى. شۇلارغا بارغان ياشلىرىمىز تۇتقۇن قىلىنىپ، 20-25 يىللىق تۈرمە جازاسىغا كېسىلدى. ئۇلار ھېچ قانداق بىر جىنايەت ئۆتكۈزمىدى. ئەمما ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ دەھشەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. چوڭ بىر خەلقنىڭ ئۇيغۇرلار ئوخشاش بىر خەلققە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ژىنايەت دەپ قوبۇل قىلماسلىق ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. »
ئالماز خابىبۇللىن يېقىندا 40 تىن ئوشۇق مەملىكەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايىتىنى تەكشۈرۈشنى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلغانلىقى توغرىلىق چوڭ خەۋەرنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا يورۇتۇلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە رۇسىيەنىڭ چوڭ مەدەنىيەتلىك دۆلەت سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئىمزاسىغا قوشۇلمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندى.
«تۈرك نەزەرى» ئومۇمىي تۈركىي مەدەنىي-ئاقارتىش، جەمىيەتلىك-سىياسىي گېزىتىنىڭ بۇ سانىنىڭ بىرىنچى بېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭدا «ئۇيغۇرلار، قېرىنداشلىرىمىز! بىزنىڭ يۈرەكلەر سىلەر بىلەن بىللە!» دەپ يېزىلغان. گېزىتتە تونۇلغان قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ «ئۇيغۇر مەسىلىسى: رېياللىق ۋە ئويدۇرمىلار» ناملىق چوڭ كۆلەملىك ماقالىسى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارغا ئائىت باشقىمۇ مەلۇماتلار بېرىلگەن.