يېقىنقى يىللاردا، بولۇپمۇ 2017-يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت قۇربان ھېيتقا ئوخشاش دىنىي بايراملىرىنى نورمال ئۆتكۈزۈشى چەكلەندى. ھەتتا نورۇزغا ئوخشاش ئىران ۋە تۈركىي خەلقلەرگە ئورتاق بولغان تەبىئەت بايراملىرى، مەشرەپكە ئوخشاش مىللىي خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشمۇ چەكلەندى. ئەمما خىتاي مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىدىن بولغان چاغان، پانۇس بايرىمى، قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى، زۇڭزا بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى دېگەندەك بايراملار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى، ھەتتا مەجبۇرلىشى ئاستىدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇملىشىشقا يۈزلەنمەكتە. بۇ ھادىسىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ تۇرىدىغان ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ يوقىلىشىغا بولغان ئەندىشىلەرنى بارغانچە كۈچەيتمەكتە.
خىتاينىڭ بۇ يىلقى تاۋۇز چاغىنى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇرلار ئىلگىرى «تاۋۇز چاغىنى» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان بۇ خىتاي بايرىمى خىتايچە ئاتالغۇسى بويىچە «جوڭچيۇجې» (ئوتتۇرا كۈز بايرىمى) دېگەن نام بىلەن ئاتالغان ھەمدە بۇ يىل خىتاينىڭ 1-ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمىدىكى دەم ئېلىش ھەپتىلىكىگە توغرا كەلگەن ھەمدە بۇ بايرامنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىنتايىن داغدۇغىلىق تەبرىكلەنگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» خەۋەرلىرىدە، يەنە ھەرقايسى ۋىلايەت-ناھىيەلەردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تەشكىللىشىدە، «قوشماق تۇغقان» بولغان ئائىلىلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ ئاي توقاچ يېگەنلىكى، تاۋۇز چاغىنى شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى بۇنداق داغدۇغىلىق تەبرىكلەش دولقۇنى قوزغىدى؟ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي بايراملىرىنى نورمال ئۆتكۈزۈشنى چەكلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز بايراملىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇملاشتۇرۇشىدا قانداق سىياسىي مەقسەتلەر يوشۇرۇنغان؟
ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاۋۇز چاغىنىغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى تەبرىكلەشنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ۋاسىتىلىرىدىن بىرى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ، بۇ خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى سۇسلاشتۇرۇش، ھەتتا يوقىتىش قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىغا، دىنىي ئېتىقادىغا، مائارىپىغا، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە چەكلىمىلەر قويدى، ھەتتا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. چۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باسقۇچى ۋە مەقسىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان دىنىي ئېتىقادى ۋە كىملىكىنى يوقىتىش ئۇلارنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى. »
تېڭ بىياۋ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەققىدە يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس دىنىي ۋە مەدەنىيەت بايراملىرى بار. بۇ مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئۆزى ياراتقان مەدەنىيەت خاسلىقى بار. ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قاتتىق چەكلىمەكتە. ھەتتا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە مىللى كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرغىنى ئۈچۈنلا لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاندى. مانا بۇ ئەھۋال ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بۇ رايوندا قەبىھلەرچە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. »
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلگىرىكى دىنىي ئىشلار مۇدىرى، نۆۋەتتە قۇرۇلتاينىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تاۋۇز چاغىنىغا ئوخشاش خىتاي بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىنىشى، شۇنداقلا چوشقا يېغى ئىشلىتىلگەن دەپ شۈبھىلىنىدىغان يۆبىڭ (ئاي توقاچ) يېيىشكە زورلىنىشى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىلقى تاۋۇز چاغىنى ھەققىدىكى تەشۋىقات خەۋەرلىرىدە يەنە، تاۋۇز چاغىنىنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، يەنى بۇندىن 1300 يىل ئىلگىرىلا تەڭرىتاغ دىيارىدىكى خەلقلەر ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىر لى بەينىڭ تەڭرىتاغدىكى ئاي تاماشاسى ھەققىدىكى نەزمىسى، خىتاينىڭ ئاتالمىش تارىخى كىتابلىرىدا قەدىمكى تۇرپان دىيارىدا تولۇن ئاي سەيلىسى ۋە ئاي توقاچ ھەققىدىكى بالىلار قوشاقلىرى بارلىقى نەقىل كەلتۈرۈلگەن.
ئامېرىكىدىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى، يۇقىرىقى بايانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئېھتىياجى ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقىلغان ئەپسانە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ما جۈ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ تارىخ كىتابلىرىدىكى، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، بايراملار ھەققىدىكى تارىخىي ھېكايىلەردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ئەمما ئۇلار ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋېتىلگەن. بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭدا يەر ئاستى سۈيىنى باشلاپ چىقىش تېخنىكىسىدا ياسالغان تۇرپاندىكى كارىزلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى ۋە ياسىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتە ئىرانلىقلارنىڭ كارىزلىرى بىلەن ئوخشاشلىقى ئېنىق تۇرسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخ كىتابلىرىدا، تۇرپان كارىزلىرىنى مەنچىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا سۈرگۈن قىلغان ئەمەلدارى لىن زېشۈ قازدۇرغان دېگەن بايانلار ئۇچرايدۇ. بۇنداق ئاساسسىز ئويدۇرمىلار ۋە مەنتىقىسىز جۆيلۈشلەر سىياسىي ئېھتىياج سەۋەبىدىن بۈگۈنكى خىتايدا ئىنتايىن ئومۇملاشقان. ھالبۇكى ئاي توقاچ يېيىش ۋە ئاي سەيلىسى ھەققىدىكى بايانلاردىن، بىز ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان، خىتايلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئەمدى سىستېمىلىق ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا ئۆتكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. »
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندى خىتاي تاراتقۇلىرىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان، «تاۋۇز چاغىنىدا ئاي توقاچ يەپ، تولۇن ئاي سەيلىسى قىلىش تاڭ دەۋرىدە تەڭرىتاغ دىيارىغا تارقالغان» دېگەن ئاتالمىش تارىخى بايانلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
قۇربان ۋەلى ئەپەندى بۇغداي ۋە بۇغدايدىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنىڭ كاۋكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى ئىكەنلىكىنى، بۇغداي تېرىش ۋە بۇغداي يېمەكلىكلىرىنىڭ مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى دەۋرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق خىتاينىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىگە تارقالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارغا خىتايچە بايراملارنى، خىتايچە يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىنى مەجبۇرىي تېڭىش، بۇ ھەقتىكى بۇرمىلانغان ۋە يالغان تارىخىي ھېكايىلەرنى ئويدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ياشاش ئادەتلىرىنى، تارىخىي كەچمىشلىرىنى بۇرمىلاش ئارقىلىق، بۇ زېمىننى خىتاينىڭ مەڭگۈلۈك بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشماقتا ئىكەن.
