خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن تايلاندتىكى 48 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈلگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2025.01.23
tayland-uyghur-graphic.jpg خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن تايلاندتىكى 48 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈلگەن.
Photo: RFA

تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپنى ئاشكارىلاپ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنى بۇ پاجىئەدىن قۇتۇلۇشقا ياردەم قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلغانىدى. ئامېرىكا باشلىق غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە ب د ت نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتلەر، تايلاندىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تېزدىن ئىنكاس قايتۇرۇپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى بۇ 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرماسلىققا چاقىردى. ئىگىلىشىمىزچە، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى توغرىلىق تايلاند ھۆكۈمىتى چىقارغان قارار، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردىكى بېسىمى تۈپەيلى كېچىكتۈرۈلگەن.

43 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ باڭكوكنىڭ سۇئەن فلۇ (Suan Phlu) كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى (IDC) دە ھېچبىر گۇناھى يوق، قانۇنسىز ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، قالغان بەش ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ قېچىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن ئايرىم تۈرمىگە قامالغانلىقى مەلۇم. سۇئەن فلۇ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئەسلىھەلەر كونا، تۇتقۇنلار بەك كۆپ ۋە تازىلىقىنىڭ ناچار ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، ئادۋوكاتلىرى ۋە ئۇيغۇردىن باشقا مەھبۇسلار بىلەن ئالاقە قىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى بىلىنمەكتە. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئارىسىدا ئەرلەرنىڭ يېرىمىدا دېگۈدەك سالامەتلىك مەسىلىسى كۆرۈلۈپ، كېسەل بولۇپ كەتكەن ئىكەن.

8-يانۋار كۈنى تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسى سۇئەن فلۇدىكى 43 نەپەر ئۇيغۇردىن خىتايغا قايتۇرۇلۇشقا رازىلىقى بېرىدىغان ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئارىسىدا خىتايغا قايتۇرۇلۇش قورقۇنچى ۋە ئەندىشىسى كۈچەيگەن. ئۇلارغا «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىتايغا قايتىش جەدۋىلى» تارقىتىپ بېرىلگەندىن كېيىن، كوللېكتىپ ھالدا بۇ جەدۋەلگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان. ئۇلار بىردەك، «بىز ھازىر خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز» دېگەن ئۇچۇق خەتنى ئېلان قىلغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان ۋە «بىرلەشمە ئاگېنتلىق» تەك نوپۇزلۇق خەلقئارالىق تاراتقۇلاردىمۇ تىلغان ئېلىنغان بۇ مەكتۇپتا، باڭكوكتا تۇتۇپ تۇرۇلغان 43 نەپەر ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇش خەۋپنىڭ بەك ئېغىرلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى مەجبۇرىي چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش تەھدىتنى توختىتىش توغرىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇراجىئەت ئېلان قىلغان.

مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئەگەر تايلاند ھۆكۈمىتى بىزنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرسا، بىز تۈرمىگە تاشلىنىشىمىز مۇمكىن، ھەتتا ھاياتىمىزدىن ئايرىلىشىمىز مۇمكىن. كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىدىغان بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتلەرنىڭ دەرھال بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ، بەك كېچىكىپ قېلىشتىن بۇرۇن بىزنى بۇ پاجىئەلىك تەقدىردىن قۇتۇلدۇرۇش قېلىشىنى ۋە بىزگە ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز».

ھالبۇكى، تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى جىرايۇ خۇاڭساب ئالدىنقى ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق بىر قارار چىقىرىلمىغانلىقىنى، ئۇلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن. باياناتچى جىرايۇ خۇاڭساب، «بۇنداق بىر پىلان يوق، مەن ئۇلارنىڭ نېمىشقا بۇنداق دېگەنلىكىنى چۈشەنمىدىم. مېنىڭ بۇ توغرۇلۇق ئېنىقلىما بېرىدىغان مەلۇماتىم يوق» دېگەن. تايلاندنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، قوشۇمچە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى فۇنتام ۋىچاياچاي (Phumtham Wechayachai) 17-يانۋار بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتايغا مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈپ بېرىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

بىز تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلەشتۇق. ئىسمىنى ۋە ئاۋازىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى:

«ئەھۋالىمىزدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق. تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىز 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپى يەنىلا بەك زور. بىز ئېغىر تەھدىت ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ياشاۋاتىمىز، ئاچلىق ئېلان قىلغىلى 12 كۈن بولدى، سالامەتلىكىمىز بەك ناچارلاشتى. 4-5 كۈندە بىر قېتىم دوختۇرلار كىرىپ بىزنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. تايلاندتا باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى 48 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش بۇيرۇقىنى تېخى ئەمەلدىن قالدۇرمىدى. شۇڭا ھەر ۋاقىت خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپىمىز بار. بىز خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئىشقا دەرھال ئارىلىشىپ، بىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنى سورايمىز».

تايلاند پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى كانناۋېي سۇبساڭ (Kannavee Suebsang) شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە چىقىدىغان «يېڭى ئىنسانپەرۋەرلىك» خەۋەر تورىغا ھەرقايسى پۇقرالار تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھۆكۈمەتكە قارىتا ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇش پىلانىنى كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ، «ئەگەر بىز ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىغان بولساق، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى، مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن» دېگەن. 15-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن تايلاند پارلامېنتىنىڭ يىغىنىدا كانناۋېي سۇبساڭ، تايلاند ئاۋام پالاتاسىنىڭ باياناتچىسىدىن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇشىغا سەۋەب بولغان ۋە بۇنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغان. ئۇ تايلاند پارلامېنتنىڭ قائىدىسى بويىچە باش مىنىستىر پېيتوڭتارن شىناۋاترا (Paetongtarn Shinawatra) نىڭ 30 كۈن ئىچىدە بۇ سوئالغا جاۋاب قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر، ئالدىنقى يىلىلا تايلاندنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى قىيىن-قىستاق ۋە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش دەپ ھېسابلاپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش جەريانىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش كىشى قازا قىلغان. بۇلاردىن ئىككىسى كىچىك بالا ئىدى.

19-يانۋار كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، مۇئاۋىن رەئىسى پولات سايىم، قۇرۇلتاي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ساۋۇت مەمەتلەردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت تايلاند پايتەختى باڭكوكقا بېرىپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تايلاندتىكى ئەلچىخانىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇلار يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ تايلاندتىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا تايلاند ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تۈرمە شارائىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە جىددىي مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

روشەن ئابباس خانىم باڭكوكتىن قايتىش يولىدا بىزگە تايلاندىكى 48 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق مۇنداق دېدى: «تايلاندىكى 48 ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز دۇچ كەلگەن خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى تېخىچە داۋام قىلماقتا. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەممىمىز بىرلىكتە تايلاند ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشنى قۇلىمىزدىن كېلىشىچە داۋام قىلساق، بۇ بەك پايدىلىق بولاتتى. تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ھەققىدە چىقىرىلغان قارار پەقەت خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بېسىمى تۈپەيلى كېچىكتۈرۈلدى. تايلاند باش مىنىستىرىنىڭ 4-فېۋرال خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىغىچە بولغان ۋاقىت يەنىلا خەتەرلىك».

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 11-يانۋاردىكى مەخسۇس خەۋىرىدە، تايلاند پارلامېنتىنىڭ بىر نەپەر ئەزاسى بىلەن تايلاند ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئىككى كىشى بىرلەشمە ئاگېنتلىققا ھۆكۈمەت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش توغرىسىدا مۇنازىرىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى (UNHCR) 21-يانۋار كۈنى ئۆز تور بېتىدە بايانات بېرىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىدىن 48 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «تايلاند ھۆكۈمىتى 48 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك. ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، دەھشەتلىك قىيىن-قىستاققا ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇملىرىنىڭ ئىسپاتى بار. بىز ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئورنىغا كەلمەيدىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز. ئۇنداق قىلىش مۇساپىرلارنى تەن جازاسىغا ياكى باشقا زوراۋانلىقلارغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان خەتەرلىك دۆلەتلەرگە قايتۇرۇشنى چەكلەشتەك خەلقئارا بەلگىلىمىگە خىلاپ». مەزكۇر باياناتتا يەنە تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا زۆرۈر بولغان تۇرمۇش شارائىتى ۋە داۋالىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىشكە، مۇساپىرلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ياكى ئادۋوكاتى بىلەن ب د ت ئورگانلىرىنى ئۇچراشتۇرۇشقا يول قويۇشقا چاقىرغان ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) 15-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش گۇۋاھلىق يىغىنىدا، تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈپ: «بىز تايلاند ھۆكۈمىتىگە بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتمەسلىك ھەققىدە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىمىز» دېگەن ئىدى. ماركو رۇبىيو يەنە «بۇلار (ئۇيغۇرلار) ئاساسلىقى مىللىتى (ئۇيغۇر بولغانلىقى) ۋە دىنى (مۇسۇلمان بولغانلىقى) سەۋەبىدىنلا يىغىۋېلىنىپ، لاگېرلارغا سولاندى، يەنى ئۇلار ‹قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى› دەپ ئاتالغان جايلارغا سولىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كىملىكى تارتىۋېلىندى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلىۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى. شۇ كۈنى خىتاينىڭ باڭكوكتىكى باش ئەلچىخانىسى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى «ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرى» دەپ ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيودىن باشقا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ۋە ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى كرىستوفېر سىمىت (Chris Smith)، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سۇزى (Tom Suozzi)، دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئەزاسى جورجى مىكس (Gregory Meeks) تايلاندنى 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرماسلىققا چاقىرىپ بايانات ئېلان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.