پارلامېنت ئەزاسى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى كانادا ھۆكۈمىتىنى تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى
2025.02.05

كانادا پارلامېنت ئەزاسى سامېر زۇبەرى، شۇنىڭدەك كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئادۋوكاتلار 5-فېۋرال كانادا پارلامېنتىدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كانادا ھۆكۈمىتىنى تايلاندتىكى 48 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر مەسىلىسىدە ب د ت مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلىشىشىغا ياردەم قىلىشقا چاقىرغان.
كانادا پارلامېنتىنىڭ 2023-يىلى 2-ئايدا مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان 10 مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى M-62 قارار لايىھەسىنىڭ سۇنغۇچىسى، لىبېرال پارلامېنت ئەزاسى سامېر زۇبەرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تايلاندنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى ئون نەچچە يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇشى ۋە ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇشى، خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ مۇتلەق جازالىنىشى بىلەن ئاقىۋەتلىنىدىكەن. بۈگۈنكى ئاخبارات يىغىنى، تايلاند ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتايدا تۆت كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇۋاتقان تايلاند باش مىنىستىرى پېتوڭتارىن شىناۋاترانىڭ (Paetongtarn Shinawatra) يەنىلا خىتاينىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىشى ۋە ئۇنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكۈشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ھالقىلىق بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن.
يىغىندا سامېر زۇبەرى مۇنداق دېگەن: «بۇ 48 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، تايلاندنىڭ خەلقئارالىق مەسئۇلىيىتىگە خىلاپ. بىز بۇنىڭغا قاراپ تۇرساق بولمايدۇ. بۇ مۇساپىرلارنىڭ ب د ت ئورگانى بىلەن ئالاقە قۇرۇشى، ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنىڭ كۆرۈپ چىقىلىپ، ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلىشىشىغا يول قويۇلۇشى كېرەك. كانادا ب د ت مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلار ئۈچۈن بىخەتەر، ئىززەت ھۆرمىتى بىلەن ياشايدىغان، ياخشى بىر كېلەچىكى بولغان دۆلەتكە ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇ بىر دۇنياۋى مەسئۇلىيەتتۇر. بىز چوقۇم بۇ مۇساپىرلارنىڭ ئورۇنلىشىشىغا، بولۇپمۇ ئۇلارغا مۇۋاپىق بىر جايغا ئورۇنلىشىغا ياردەم قىلىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك».
سامېر زۇبەرى سۆزىدە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 48 ئۇيغۇرنى M-62 قارار لايىھەسى بويىچە كاناداغا قوبۇل قىلىشنى ئاشكارا چاقىرمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ M-62 قارار لايىھەسىنىڭ باشقا دۆلەتلەردە زىيانكەشلىككە ئۇچراش خەۋپىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىشىك ئاچقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. سامېر زۇبەرى مۇنداق دېگەن: «كانادا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، زىيانكەشلىككە ئۇچراش خەۋپىدىكىلەرنى قوللاشتا ئۇزۇندىن بېرى ئۆزىدىن پەخىرلىنىپ كەلدى. بىزنىڭ تارىخىمىز بۇنىڭغا شاھىت. بۇ ھەپتە مەن سۇنغان، ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋازى بىلەن ماقۇللانغان M-62 لايىھەسىنىڭ ئىككى يىللىقىدۇر. ئۇنىڭدا ‹بىز كانادا ھۆكۈمىتى ئۈچىنچى دۆلەتلەردە زىيانكەشلىككە ئۇچراش خەۋپىدىكى ئون مىڭ ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىمىز› دېيىلگەن. بىز ئىنسانىيەت ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە، مۇساپىرلارنىڭ تېگىشلىك قوغداشقا ئېرىشىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز».
كانادادىكى ماكدونالد لاۋرىئېر ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، كىشىلىك ھوقۇق، خەلقئارا قانۇن ۋە تېرورلىق مەسىلىلىرىدە مۇتەخەسسىسلەشكەن ئادۋوكات ساراھ تېيچ ( Sarah Teich) نىڭ ئاخبارات يىغىنىدا تەكىتلىشىچە، تايلاندتىكى 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ۋەزىيىتى جىددىي خەلقئارالىق قانۇن ئەندىشىلىرىنى نامايان قىلماقتا ئىكەن. ساراھ تېيچ مۇنداق دەيدۇ: «تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇھىم خەلقئارالىق قانۇن ئەندىشىلىرىنى، بولۇپمۇ قىيىن-قىستاق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چەكلەش مەسىلىسىدىكى قانۇن ئەندىشىلىرىنى نامايان قىلماقتا. ئەگەر تايلاند بۇ كىشىلەرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرسە، ئۇ كۆپ خىل خەلقئارالىق قانۇن ۋە پىرىنسىپلارغا خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىش خەۋپىنىڭ يولىنى ئاچىدۇ».
ساراھ تېيچنىڭ كۆرسىتىشىچە، تەن جازاسىنى چەكلەش ئەھدىنامىسىدىكى دۆلەت بولغان تايلاندنىڭ 48 ئۇيغۇرنى جىنسىي زوراۋانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل تەن جازالىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئېنىق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغان خىتايغا قايتۇرۇشى، بۇ ئەھدىنامىنىڭ 3-ماددىسىغا خىلاپ ئىكەن. ساراھ تېيچ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى لاگېرلاردا جىنسىي زوراۋانلىق ۋە باشقا شەكىللەردىكى جىسمانىي خورلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىستېمىلىق تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغان ئەھۋالدا، 48 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىش، ناھايىتى ئېنىق رەۋىشتە بۇ قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ».
ساراھ تىېيچنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا ئورگانلار تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ناھايىتى تولۇق ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن ھەم ئېتىراپ قىلىنغان ئىكەن.
كانادا پارلامېنتىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا، كانادالىق ئۇيغۇر بىيولوگىيە ئىلمىي تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى كانادا شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى، دوكتور رازىيە ماھمۇت، تايلاندتىكى 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى پەقەتلا ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ قايتۇرۇلۇشى، دۇنياغا خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلسىمۇ بولىدۇ، دەيدىغان سىگنالنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رازىيە ماھمۇت مۇنداق دەيدۇ: «بۇ پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئەخلاقىي چۈشەنچىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئامانلىقى ھەم بىخەتەرلىكىگە ئېھتىياجلىق. بۇ ھەقلەر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىدە ۋەدە قىلىنغان. ئەگەر (خىتايغا) قايتۇرۇش يۈز بەرسە، بۇ خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا بولىدۇ، دېگەن سىگنالنى بېرىدۇ».
يىغىندا كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىرقى ھالقىلىق پەيتتە كانادا قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى دۆلەتلەر تايلاندنى ئاگاھلاندۇرۇشى، ئەگەر تايلاند ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇپ بەرسە، قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك ئىكەن. مەمەت توختى مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلغۇچى دۆلەتلەر، جۈملىدىن كانادا چوقۇم دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. مەن پالاتا ئەزاسى سامېر زۇبەرىنىڭ شۇ چاقىرىقىنى قايتىلايمەن، كانادا چوقۇم ب د ت مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ كىشىلەرنى قايتۇرۇشنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىشى، تايلاند ھۆكۈمىتىگە دىپلوماتىك بېسىم ئىشلىتىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئاقىۋىتى رەسمىي قانۇنىي جاۋابلىققا تارتىلىشنى، جۈملىدىن خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسىگە تارتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك».
نۆۋەتتە تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تايلاند دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىلەن خىتاينىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك ئىختىلاپ پەيدا قىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا. تايلاند MGR تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 1-فېۋرال كۈنى ئۆزىنىڭ فېيسبۇك بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاند دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى «شىنجاڭدىكى دىنىي ئېتىقاد ھەققىدە خاتا بايانلاردا بولۇش» بىلەن ئەيىبلىگەن. بۇ بىر تايلاند دۆلەت ئورگانى بىلەن تايلاندتا تۇرۇشلۇق خىتاي دىپلوماتىك ئورگىنىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ئاشكارا ئىختىلاپ قىلىشىدۇر. خىتاي ئەلچىخانىسى باياناتىدا، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئون نەچچە يىل ئاۋۋال بەزى چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ قۇترىتىشى، ئالدىشى بىلەن تايلاند چېگراسىغا قانۇنسىز كىرگەن خىتاي پۇقرالىرى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ «قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ۋە قانۇنىي ھەقلىرىنىڭ تولۇق قوغدالغانلىقى» نى ئېيتقان. لېكىن تايلاند دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ 4-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تايلاند مۇساپىرلارنى قايتۇرماسلىقتەك كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى قايتا مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.