تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 24 سائەت ئىچىدە خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار قايتا ئەندىشە قوزغىماقتا
2025.02.26

تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 24 سائەت ئىچىدە خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا كەڭ تارقىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار ۋە بەزى تايلاند پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا. بۇ، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم، ئون نەچچە يىلدىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ كەڭ دائىرىدە غۇلغۇلا ۋە ئەندىشە قوزغىشىدۇر.
ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ بېرما، تايلاند ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان بېرمانىڭ تايلاندقا چېگراداش رايونلىرىدىكى خەلقئارالىق تور ئالدامچىلىق بازىلىرىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان مىڭدىن ئارتۇق خىتاي پۇقراسىنى تايلاند ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇش ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىمۇ قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولغانلىقى كەڭ تارقالغان ئىدى.
بۇ ئۇچۇرلار، ئۆتكەن ھەپتە 43 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ دېلوسى تايلاندنىڭ جەنۇبىي باڭكوك جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە قارالغاندا، سوتچى تايلاند كۆچمەنلەر دائىرىلىرىدىن بۇ ئۇيغۇرلار چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش جازاسىنى ئاللىقاچان چېكىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى ئون نەچچە يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشىنى بۇيرۇشىنىڭ ئارقىسىدىن تارقالماقتا.
شۇ قېتىملىق سوتتا 43 نەپەر ئۇيغۇر ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگەن مۇستەقىل ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى نىرولا ئەلىما (Nyrola Elima) نىڭ رادىيومىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى 27-فېۋرال خىتايغا قايتۇرماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان. نىرولا ئەلىما 26-فېۋرال مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دېدى: «مەن بىرقانچە ئىشەنچلىك ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن تايلاند كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى (IDC) نىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قايتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىدەك خەۋەرنى ئاڭلىدىم. ئىچكى قىسىمدا جىددىيچىلىك پەيدا قىلىدىغان سۆھبەتلەر بولغان، شۇنداقلا سامپلا كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە قوشۇمچە خادىملار كۆپەيتىلگەن. شۇنداقلا مەن بۇنى يەنە بىر ئىشەنچلىك مەنبەدىنمۇ ئاڭلىدىم، بىز تايلاندلىق ژۇرنالىستلارنىڭ بۈگۈن ئاخشام مۇخبىرلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىغا يول قويۇلمىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ مەن ئېرىشكەن ئەڭ يېڭى خەۋەر. بۇ دېلونى ئىشلەۋاتقان خادىملار تۈنۈگۈن ماڭا ئىشەنچلىك مەنبەلەرنىڭ (تۇتقۇنلارنى) 27-فېۋرال كۈنى يولغا سالىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى».
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، تايلاند ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى كاناۋې سيۇبساڭKannavee) Suebsang) 26-فېۋرال X تىكى ھېسابىدا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئايروپىلان ئەۋەتىپ، تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنى 27-ياكى 28-فېۋرال ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئېنىقلىما بېرىشكە چاقىرغان. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، «تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرماسلىق ھەققىدە بەرگەن سۆزىنى قايتا قەيت قىلىشى، بېشىنى تىك تۇتۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا ئەمەل قىلىدىغانلىقىمىزنى يۇقىرى ئاۋازدا جاكارلىشى كېرەك» ئىكەن.
ھالبۇكى، تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ 27-فېۋرال قايتۇرۇلماقچى بولغانلىقىغا دائىر بۇ ئۇچۇرغا ھازىرغا قەدەر ئېنىق چۈشەنچە بەرمىگەن. تايلاندتىكى يەنە بەزى مەنبەلەر بولسا بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا بولۇشىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. تايلاندتىكى 43 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ ئادۋوكاتى چۇچارت كانپاي (Chuchart Kanpai) نىڭ 26-فېۋرال مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى ئۇنىڭغا «تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرماسلىق سىياسىتىنى كۈچلۈك رەۋىشتە دەلىللىگەن».
چۇچارت كانپاي مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن مەن كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى (IDC) دىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ساقچى بىلەن پاراڭلاشتىم. ئۇ، ئۆتكەن ھەپتە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كېلىپ، ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئۇلارغا ھالال يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئۇ يەنە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرماسلىق سىياسىتىنى كۈچلۈك رەۋىشتە دەلىللىگەنلىكى، چۈنكى بۇ مەسىلە كىشىلىك ھوقۇق ۋە تايلاند دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسىلىسىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى».
شۇنىڭ بىلەن بىر بىرگە، تايلاند خان جەمەتى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى گېنېرال ئارچايونت كرايتوڭ (Archayont Kraithong) ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قارمىقىدىكى «بىنار خەۋەرلىرى» نىڭ مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. خەۋەردە، گېنېرال ئارچايونت كرايتوڭنىڭ «مەن بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچقانداق دوكلات تاپشۇرۇۋالمىدىم… مېنىڭ بۇ ئىشتىن تېخى خەۋىرىم يوق» دېگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
نۆۋەتتە، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار، ئەركىنلىك سارىيى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنى ئەندىشىگە سېلىپلا قالماي، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى پالاتا ئەزالىرىنىڭمۇ دىققەت نۇقتىسى بولماقتا. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى رەئىسى پېت رىكېتس (Pete Ricketts)، بۇ كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى كرىس كۇنس (Chris Coons)، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىم رىش ( Jim Risch)، جېيىن شاخېن ( Jeanne Shaheen) قاتارلىقلار 24-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندنىڭ 48 ئۇيغۇرنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سادىر قىلىۋاتقان خىتايغا قايتۇرماقچى بولۇشىنىڭ كىشىنى «قاتتىق بىئارام قىلىدىغان» خەۋەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا بۇ مەسىلىنى بىزنىڭ خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئورتاق كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغان ھالدا ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى. بىز تايلاند رەھبەرلىرىنى بۇ ناچار قەدەمنى بېسىشنىڭ ئورنىغا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بۇ ھەل قىلىش چارىلىرىنى مۇزاكىرىلىشىشكە چاقىرىمىز».
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى جون مولىنار بىلەن بو كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى راجا كرىشنامورتې، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇش پىلانىنى «دەرھال توختىتىشى»، ئۇلارنىڭ جازادىن خالىي بىر دۆلەتتە يەرلىشىشىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان.
مولىنار بىلەن كرىشنامورتې 26-فېۋرال ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «بىز 3-دۆلەتلەر ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى خالاۋاتقان ۋەزىيەتتە، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ 48 ئۇیغۇر مۇساپىرىنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە مەجبۇرىي قايتۇرۇلماقچى بولۇش پىلانىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. ئەگەر بۇ راست بولسا، بۇ تايلاند پادىشاھلىقى ئۈستىگە ئالغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىدىكى مەجبۇرىيىتىگە ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش بولىدۇ» دېگەن. مولىنار بىلەن كرىسنامورتېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر تايلاند شۇنداق قىلسا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا شېرىك بولغۇچى سۈپىتىدە، ئامېرىكانى ئېمبارگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىمكانلىرى دائىرىسىدىكى بارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىشىغا مەجبۇر قىلىدىكەن.
تايلادنتا 11 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇردىن 43 كىشىنىڭ، بۇ يىل تايلاند سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرزى قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق سوتى 14-فېۋرال تايلاندنىڭ جەنۇبىي باڭكوك جىنايى ئىشلار سوتىدا ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ قېتىملىق سوتتا، تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى چۇچارت كانپاي، مۇستەقىل تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىما ۋە ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ۋاكالەتچىسى بەختىيار بۆرە گۇۋاھلىق بەرگەن. ھالبۇكى، 18-فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2-قېتىملىق سوتتا، سوتچى تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسى مەسئۇللىرىنىڭ 27-مارت كۈنى سوت مەھكىمىسىگە كېلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى نېمە ئۈچۈن 11 يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشىنى بۇيرۇغان ئىدى.