تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال كۈنى قاتتىق قارشىلىقلارغا قارىماي، 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تەرەپلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ماركۇ رۇبىيو(Marcho Rubio) 27_فېۋرال يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندنىڭ ئاز دېگەندە 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇشىنى «مۇمكىن بولغان ئەڭ قاتتىق ئىبارىلەر» بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ماركۇ رۇبىيو (Marcho Rubio)نىڭ تەكىتلىشىچە، تايلاند ئامېرىكانىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتىدە، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ساراسىمىگە چۈشكەن بولۇپ، بۇ تايلاندنىڭ ‹ب د ت تەن جازاسىنى چەكلەش ئەھدىنامىسى› ۋە ‹خەلقئارا مەجبۇرىي غايىب قىلىشتىن خالىي بولۇش ئەھدىنامىسى›دا ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىش خەۋپى شەكىللەندۈرمەكتە» ئىكەن.
تايلاند دائىرىلىرىنىڭ 27-فېۋرال تاڭ سەھەردە باڭكوكنىڭ سامپىلا كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى 40 نەپەر ئۇيغۇرنى كوزۇپلۇق يۈك ئاپتوموبىلىغا سولاپ، باڭكوك ئايرودۇرۇمىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇيەردىن بىر خىتاي ئايروپىلانىغا ئولتۇرغۇزۇپ قەشقەرگە يولغا يولغا سالغانلىقى مەلۇم بولدى.
40 نەپەر ئۇيغۇر ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ باڭكوكتىن قوزغىلىپ ئۇدۇل قەشقەرگە يېتىپ بارغانلىقى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تەرىپىدىنمۇ دەلىللەندى. 11 يىلدىن ئارتۇق ۋاقتىنى تايلاند لاگېرلىرىدا ئۆتكۈزگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرى تۇيۇقسىز خىتايغا قايتۇرۇلۇشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى قاتتىق ساراسىمىگە سالماقتا. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلۇشى ب د ت مۇساپىرلار ئالى مەھكىمىسى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما تايلاند مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فۇنتام ۋېچاياچاي (Phuntham Wechayachai)، خىتاينىڭ 27-فېۋرال قايتۇرۇلغان بۇ 40 ئۇيغۇرغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە كاپالەت بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن تايلاندتىكى «خەلقلەر ھوقۇقىنى كۈچەيتىش فۇندى تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى چالىدا تاجارونسۇك، 40 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىدە تايلاند ھۆكۈمىتىگە «ھەرگىز ئىشەنمەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرمەكتە. چالىدا تاجارونسۇك 27-فېۋرال مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دىدى: «تايلاند ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەسمىي تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي گىراژدانى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى، ئىككىنچىدىن، ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتقانلىقىنى قەيت قىلماقتا. بىراق بىز ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتقانلىقىنىڭ سىن خاتىرىسىنى سورىشىمىز كېرەك. چۈنكى، مەن ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان باياننامىدە ئۇلارنىڭ (خىتايغا) قايتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرىسىز».

چالىدا تاجارونسۇك، تايلاند ھۆكۈمىتى تۇتقۇنلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتقانلىقى، ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان 3-دۆلەت چىقمىغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇلارغا ياخشى مۇامىلە قىلغانلىقىنى ۋەدە قىلغانلىقى ۋە ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چالىدا تاجارونسۇك مۇنداق دەيدۇ: «ھالبۇكى، بىز ئۆتكەن قېتىم قايتۇرۇلغان 109 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەجرىبىلىرىدىن شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئۇلار تەھدىت ۋە خەۋپ ئاستىدا. ئۆتكەن قېتىممۇ دائىرىلەر ‹قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرىمىز› دېگەندىمۇ، مەن ئۇلاردىن رەسىمگە قاراپ، ئۇنىڭ شۇ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىدىغانلىقىنى سورىغان بولساممۇ، لېكىن جاۋاپ بەرمىگەن».
ھالبۇكى تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى فۇنتام ۋىچاياچاينىڭ مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇشنىڭ «تايلاند قانۇنى ۋە خەلقئارا پىرىنسىپلارغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بۇنىڭدا مەسىلە يوق، ئۇلارغا ياخشى قارىلىدۇ، چۈنكى بۇ كىشىلەر ئۇلارنىڭ پۇقراسى» دېگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 27-فېۋرال مۇخبىرىمىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا، تايلاندنىڭ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشى، خىتاينىڭ سادىر قىلىۋاتقان جىنايىتىگە ئورتاق بولغانلىق، دەپ ئەيىبلىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇيول 27-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىشىچە، بۇ ۋەقە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن ئورگانلىرىنىمۇ دەسسەپ ئۆتۈپ، خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. تايلاندتىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ 27-فېۋرال تاڭ سەھەردە بەرگەن خەۋەرلىرىدە، قارا يالتىراق بىلەن قاپلانغان بىر قانچە كوزۇپلۇق يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ سەھەر سائەت ئىككىدىن كېيىن باڭكوك كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىن ئايرىلىپ، باڭكوكنىڭ دون مېڭ ئايرودۇرۇمىغا قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئالدىدا، ئۇيغۇر مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى نىرولا ئەلىما، ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن تايلاندنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى 27-فېۋرال كۈنى خىتايغا قايتۇرماقچى بولغانلىقىنى ئىگىلىگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي خەۋپ ئىچىدە قالغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، 27-فېۋرال ئەتىگەن سائەت 4 تىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە جەنۇبىي خىتاي ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى باڭكوك دون مېڭ ئايرودۇرۇمىدىن ئايرىلىپ، ئۇدۇل قەشقەرگە قاراپ ئۇچقان. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ مۇشۇ ئايروپىلانغا ئولتۇرغۇزۇپ ئېلىپ كېتىلگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى، تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ۋاكالەتچىسى بەختىيار بۆرە، 27-فېۋرال رادىيومىزغا ئۇلارنىڭ قەشقەرگە يۆتكەل كېتىلگەنلىكىنى خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن بىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ھالبۇكى، BBC نىڭ خەۋەرلىرىدە، باڭكوك ھۆكۈمىتىنىڭ تايلاند باش مىنىستىر پېتوڭتارېن شىناۋاترا بۇ ئاينىڭ باشلىرى خىتايدا زىيارەتتە بولغاندا، خىتاينىڭ ئۇنىڭغا ئەگەر ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بەرسە، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. ماركۇ رۇبىيو(Marcho Rubio) 27-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى بۇ دۆلەتلەردە پاناھلىق ئىزدەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرماسلىققا چاقىرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ يىل 20-يانۋار ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى، كابىنېت دەرىجىلىك بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئېلىشىدۇر.
ماركو رۇبىيو(Marcho Rubio) مۇنداق دېگەن: «خىتاي، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە كونتروللۇقىدا شىنجاڭدىكى ئاساسلىقى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئېتنىك ھەم دىنىي ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى قەرەللىك ئىگىلەپ تۇرۇشقا يول قويۇشقا چاقىرىمىز. تايلاند ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىقىنى ئىزچىل ھەم تولۇق ئىگىلەپ تۇرۇشى شەرت».