«شاڭخەي ئامېرىكا جەمئىيىتى» خەلقئارادىن تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان

0:00 / 0:00

تايلاند تۈرمىسىدە تايلاند چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرگەنلىكى سەۋەبى بىلەن 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە ھەمدە ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى يولىدا كۆرسىتىلگەن بارلىق تىرىشچانلىقلارغا قارىماي، 27-فېۋرال كۈنى تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇلارنى مەخپىي ھالدا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى. مەزكۇر ۋەقە، خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، ئامېرىكا قاتارلىق نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر، پارلامېنتلار ۋە ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن.

1-مارت كۈنى، ئامېرىكادىكى «شاڭخەي ئامېرىكا جەمئىيىتى» نىڭ ئەزالىرىمۇ خىتاينىڭ نيۇ-يوركتىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە تايلاند ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

«شاڭخەي ئامېرىكا جەمئىيىتى» 2022-يىلى ئامېرىكادا رويخەتكە ئالدۇرۇلۇپ، پائالىيەتلىرىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇلار خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشنىڭ ئالدىدىكى شاڭخەي مەدەنىيىتىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ۋە ھەمدە شاڭخەيلىكلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان بىر ئىجتىمائىي تەشكىلاتتۇر.

مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرى 1-مارت كۈنى نيۇ-يوركتىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرىغا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خىلاپ بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى ۋە ئەخلاقىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

昨天(3月1日),六位沪独人在纽约中国领事馆前,共同谴责中国政府迫害被泰国政府遣返中国的40名维吾尔人。

ئۇلار باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ئۇلار پەقەت زۇلۇمدىن قاچقان مۇساپىرلار ئىدى، چەت ئەللەردىن ۋاقىتلىق بىخەتەرلىك ۋە ئەركىنلىك ئىزدەۋاتقان ئاددىي كىشىلەر ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۈمىدلىرى رەھىمسىزلەرچە بەربات قىلىندى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى غايەت زور سىياسىي بېسىمى ۋە ئىقتىسادىي تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى بويسۇندۇردى. ئۇلار بۇ بىگۇناھ كىشىلەرنى تولىمۇ خەتەرلىك جايغا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا رەھىمسىزلەرچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جايغا مەجبۇرىي ھالدا قايتۇردى».

ئۇلار باياناتىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەتراپلىق پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش ​​‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرى›نى قۇردى، بۇلار ئەمەلىيەتتە جازا لاگېرلىرىدۇر. تۈمەنلىگەن ئۇيغۇرلار خالىغانچە قولغا ئېلىنىپ، قىيىن-قىستاققا ئېلىندى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىندى، شۇنداقلا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىلدى. ئۇلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە كىملىكى تارتىۋېلىندى. ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى پارچىلىنىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقى پۈتۈنلەي دەپسەندە قىلىندى. بۇ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇپ، پۈتكۈل بىر مىللەتنى غەرەزلىك يوقىتىشتىن ئىبارەت.»

«شاڭخەي ئامېرىكا جەمئىيىتى» نىڭ باياناتىدا، تايلاند ھۆكۈمىتىنىمۇ ئەيىبلەپ، «تايلاند ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارا قانۇنلارنى قوغدىشى ۋە مۇساپىرلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، مۇستەبىت بېسىمغا باش ئەگمەسلىكى ۋە بىگۇناھ كىشىلەرنى ئوتقا ئىتتەرمەسلىكى كېرەك ئىدى» دېگەن.

ئۇلار باياناتى ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن بىز نيۇ-يوركتىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىمىزكى، سىلەرنىڭ جىنايىتىڭلار ئاشكارىلاندى. ۋەھشىيلىكىڭلار ئاشكارىلاندى. سىلەر ھەقىقەتنى يوشۇرالمايسىلەر ھەمدە تارىخنىڭ ھۆكمىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. بىز تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئۆز مەيدانى ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا ۋە زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ شېرىكى بولماسلىققا چاقىرىمىز. بۇ كىشىلەرنىڭ ھاياتى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا. ئۇلارنىڭ كېلەچىكى تۈرمىدە ياكى قىيىن-قىستاقتا ئەمەس، بەلكى ئەركىنلىك ۋە ئىززەت-ھۆرمەتتە بولۇشى كېرەك.»

«شاڭخەي ئامېرىكا جەمئىيىتى» نىڭ ئەزاسى خې ئەنچۈەن (何岸泉) ئەپەندى رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ زۇلۇمغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشنى بىر مەجبۇرىيەت، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ۋەقەگە سۈكۈت قىلىپ تۇرساق بولمايدۇ. بىز چوقۇم بايرىقىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈشىمىز، مەيدانىمىزنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك ھەمدە خىتاينىڭ مۇستەبىتلىكىگە قارشى خەلقئارالىق ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمى بولۇشىمىز كېرەك. بىز ھازىر ئامېرىكادا، يەنى بىخەتەر جايدا ياشاۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما بىز چوقۇم زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان شاڭخەيلىكلەر ئۈچۈن سۆزلىشىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ تەۋرەنمەس مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.»

«شاڭخەي ئامېرىكا جەمئىيىتى» نىڭ ئەزالىرىدىن ۋۇ جۈن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ھالدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ جازا لاگېرىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارغا كەڭ كۆلەملىك جازا ۋە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتلىرى بىلەن ئىسپاتلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇشۇنداق ئەھۋالدا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تايلاند تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئېغىر ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئىلگىرى، تايلاند خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ چىققان مۇساپىرلارنىڭ پاناھگاھى ئىدى، تايلاندتا ئۇلار مەلۇم دەرىجىدە قوغداشقا ئېرىشەلەيتتى. بىراق، خىتاينىڭ ھازىر تايلاندقا بېسىم ئىشلىتىپ، پاناھلانغۇچىلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشقا بۇيرۇشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بىخەتەرلىكنى كۆزلىگەن بارلىق مۇساپىرلار ئۈچۈن خەتەر پەيدا قىلىدۇ. تايلاندتا بۇنداق خەتەرلىك ئۈلگىنىڭ تىكلىنىشى پاناھلىنىش ئۈچۈن بۇنداق جايلارغا تايىنىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.»

ۋۇ جۈن ئەپەندى خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان بۇ باستۇرۇشىغا قارشى قەتئىي ئاۋاز چىقىرىشنىڭ ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ تەكرارلانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇڭلاشقا بىزلەر ۋە ئامېرىكالىقلار ۋىجدان ئىگىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ مەسىلىنى ئاشكارىلاش ئىنتايىن مۇھىم. خەلقئارانىڭ دىققىتى قانچە كۆپ بولسا، خىتاي شۇنچە بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ. دۇنياۋى تونۇش ۋە دۇنيادىكى تەشكىلاتلارنىڭ ماسلاشقان تىرىشچانلىقى خىتاينى چېكىنىشكە مەجبۇرلايدۇ. بۇ ھەم تايلاند ھۆكۈمىتىنىمۇ بۇ قىلمىشىنى تەكرارلىماسلىققا مەجبۇرلايدۇ.»

«شاڭخەي ئامېرىكا جەمئىيىتى» 1-مارت كۈنىدىكى نامايىشتا ئېلان قىلغان باياناتىدىمۇ خەلقئارا جەمئىيەت، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ھۆكۈمەتلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، «ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتا بىۋاسىتە قولى بولغان ئەمەلدارلارنى جازالاشقا، دىپلوماتىك بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق، قايتۇرۇلغان مۇساپىرلارنىڭ ھاياتىنى قوغداپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان». ئۇلار باياناتىدا يەنە «بىز 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ تەقدىرى بىزنىڭ كوللېكتىپ مەسئۇلىيىتىمىز. ئۇلارنىڭ ياردەم تەلەپلىرىگە بىز چوقۇم جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.