تايلاند ھۆكۈمىتى 27-فېۋرال خىتايغا قايتۇرغان 40 ئۇيغۇرنى ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان بىرەر دۆلەت چىقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار بۇ بايانلار ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئاقلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشەنچلىك مەنبەلەر تەرىپىدىن يېڭى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلار ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئۇچۇر مەنبەلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دۆلەتلەر 48 ئۇيغۇرغا پاناھلىق بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما تايلاند خىتاينى رەنجىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، بۇ دۆلەتلەرگە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان. بەلكى ئۆتكەن ھەپتە 40 ئۇيغۇرنى مەخپىي خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇلارنى ئايروپىلاندا باڭكوكتىن ئۇدۇل قەشقەرگە ئېلىپ كېتىشىگە يول قويغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 5-فېۋرال ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكاغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شۇ كۈنى رادىيومىزنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، «بىز بۇ ئاقىۋەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تايلاند بىلەن كۆپ يىل ھەپىلەشتۇق. بۇ ئۇيغۇرلارنى باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىزچىل ۋە قايتا-قايتا تەكلىپ قىلدۇق. بۇ، بىر قېتىم ئۇلارنى ئامېرىكاغا ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپى بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېيىلگەن.
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە تايلاندنىڭ ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى كاناۋې سېيۇبساڭ 5-فېۋرال ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قارمىقىدىكى «بېنار خەۋەرلىرى» گە، تايلاندنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئۈچ دۆلەتتىن تەكلىپ تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ دۆلەتلەر ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىقلار ئىكەن. كاناۋېنىڭ «بىز بۇنى ئاشكارىلىدۇق، چۈنكى ھېچبىر دۆلەتنىڭ خالىمىغانلىقى ياكى (ئۇلار) ئالاقىلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ئۈزلۈكسىز تەكىتلىمەكتە» دېگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. كاناۋې سېيۇبساڭ يەنە 2024-يىلى 10-ئىيۇل كۈنى تايلاند تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتتە، دائىرىلەرنىڭ ئۈچ دۆلەت بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ۋەزىيەت ئايدىڭلاشقانسېرى، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىدىن باشلاپلا يالغانچىلىق قىلغانلىقى ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇيول مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا ۋە كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ كىشىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپى سۇنغانلىقى، تايلاندنىڭ دېگەنلىرى بىلەن زىددىيەتلىك. بۇ تەرەققىيات تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشەنچىسىز ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىش پىلانىنىڭ دۇرۇسلۇقىغا سوئال پەيدا قىلماقتا. تەشۋىقات ماقالىلىرىدە بىز پەقەت 3-4 لا ئۇيغۇرنى كۆرۈۋاتىمىز. ئۇلارغا نېمە بولدى، قالغانلىرىغا نېمە بولدى، بىلمەيمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
[ تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەتبۇئاتلاردىكى ئىنكاسلارOpens in new window ]
[ تايلاند ھۆكۈمىتى 27-فېۋرال كۈنى 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەردىOpens in new window ]
نۆۋەتتە، تايلاندنىڭ بۇ ئىشتا «يالغانچىلىق» قىلىشتىكى مۇددىئاسى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما مەركىزى نيۇ-يوركتىكى «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەشكىلاتى» نىڭ قوش ئىجرائىيە دىرېكتورى سوفىيە رېچاردسون، بانكوك بىلەن بېيجىڭنىڭ كېلىشىم بىلەن بۇ ۋەقەنى قانۇنلۇق كۆرسىتىشكە كۈچەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. سوفىيە رىچاردسون، «بېيجىڭ بىلەن باڭكوك مەلۇم شەكىلدە كېلىشىم بويىچە ھەرىكەت قىلىپ، بۇنى قانۇنلۇق ھەم قوبۇل قىلارلىق ۋەقە قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنسىمۇ، بىراق بۇ ھەرگىز ئۇنداق ئىش ئەمەس» دەپ كۆرسەتمەكتە. سوفىيە رىچاردسوننىڭ قەيت قىلىشىچە، گەرچە بىر قانچە دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى خالىغان بولسىمۇ، ئەمما تايلاند ھۆكۈمىتىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك بېسىم ئىشلىتىلمىگەن. سوفىيە رىچاردسون 5-فېۋرال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇنى ئاشكارىلىمىسىمۇ، لېكىن مەن شۇنى ئېيتالايمەنكى، يېقىنقى 10 يىلدا پەرقلىق ھۆكۈمەتلەر بۇ كىشىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپىنى قويغان، ئەمما بۇ ئەمەلگە ئاشمىدى. چۈنكى، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىدى. بۇ كىشىلەرنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان ھۆكۈمەتلەرمۇ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك بېسىم قىلمىدى.»
ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس، بۇ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ خىتاينىڭ تايلاندقا بەرمەكچى بولغان پۇلى ئالدىدا ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتى 18-مارت كۈنى تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى فۇنتام ۋېچاياچاي، ئەدلىيە مىنىستىرى تاۋې سودسوڭ، تاشقىي ئىشلا مىنىستىرى مارىس سانگىيامپوڭسا قاتارلىق ئۈچ كابىنېت دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىپ، 40 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كەلمەكچى ئىكەن. تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ زىيارەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەدە قىلغاندەك ئۇيغۇرلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنى دەلىللەپ، غەرب ھۆكۈمەتلىرىگە تەسەللى بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقى تەكىتلەنمەكتە. لېكىن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» دىكى روشەن ئابباس، بۇنىڭ بىر كۆز بويامچىلىقى ئىكەنلىكى، «بۇنىڭلىق بىلەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالى ھەم تەقدىرى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇيول بولسا، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 40 ئۇيغۇر ھەققىدە سۆزلەش سالاھىيىتى قالمىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. يالقۇن ئۇلۇيول مۇنداق دەيدۇ: «تايلاند ھۆكۈمىتى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان بۇ كىشىلەر ھەققىدە ھەرقانداق پىكىر قىلىش سالاھىيىتىنى يوقاتتى. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ دۆلەتلىك ھەم خەلقئارالىق قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىپلا قالماي، مانا ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتىغا ئورتاق بولماقتا. مېنىڭچە، ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەر ۋە ب د ت، ئۇلار بىلەن مۇستەقىل ھەم چەكلىمىسىز كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەت تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.»
ھالبۇكى، «خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى» دىكى سوفىيە رىچاردسوننىڭ قارىشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئەمدى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى زىيارەت قىلىشىغا ئېھتىياجلىق ئەمەس ئىكەن. سوفىيە رىچاردسون، «بۇ كىشىلەر ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلغان باشقا كىشىلەرنىڭ زىيارەت قىلىشىغا ئېھتىياجلىق ئەمەس. مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان بۇ كىشىلەرنى ھەرقانداق بىر كىشى زىيارەت قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇلارنى مۇستەقىل خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرگۈچىلىرى، بولۇپمۇ مۇساپىرلار ۋە سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ھوقۇقى بويىچە مۇتەخەسسىسلەشكەن كىشىلەر زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە قوغدىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك» دەپ كۆرسەتمەكتە.
تايلاند دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فۇنتام ۋېچاياچاي 4-فېۋرال مۇخبىرلارغا 40 ئۇيغۇرنى خىتاي قايتۇرۇش قارارىنى ئۆزىنىڭ تايلاند ئەدلىيە مىنىستىرى تاۋې سودسوڭ، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مارىس سانگىيامپوڭسا بىرلىكتە چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تايلاند «مىللەت» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فۇنتام ۋېچاياچاي، «بىز بۇ قارارنى خىتاي بۇ كىشىلەر قايتۇرۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ خىتايدا جازاغا تارتىلمايدىغانلىقى ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرىمايدىغانلىقىغا يازما كېپىللىك بەرگەندىن كېيىن چىقاردۇق» دېگەن.