تايلاند ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلماقچى بولغانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ «ئۆچ ئېلىشى» دىن قورققانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
2025.03.06

27-فېۋرال 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەتلەر چىقمىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۆز ئىختىيارلىقى» بىلەن قايتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن تايلاند ھۆكۈمىتى، 5-مارت بۇ بايانلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان دۆلەتلەرنىڭ چىققانلىقى، ئەمما ھۆكۈمەت بېيجىڭنىڭ «ئۆچ ئېلىشىدىن» قورقۇپ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. تايلاندنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راست چالېچان (Russ Chaleechan) چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا، ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا، بۇنىڭ بېيجىڭنىڭ ئۆچ ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ تايلاندنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تايلاندنىڭ مەزكۇر مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇنى، ئىشەنچلىك مەنبەلەر 5-مارت كۈنى «ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت چىقمىدى» دېيىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىشىنىڭ ئارقىسىدىن ئېتىراپ قىلغان.
راست چالېچان بۇنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رادىيومىزغا يازما بايانات بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «بۇ ئاقىۋەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تايلاند بىلەن كۆپ يىل ھەپىلەشكەن» لىكى، «بىر قېتىم (ئۇلارنى) ئامېرىكاغا ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپى سۇنغان» لىقىنى ئېلان قىلغانىدى. راست چالېچان 5-مارت ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلماقچى بولغان دۆلەتلەرنىڭ چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان. ئۇ: «بەزى دۆلەتلەر ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما مەن بۇنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تەسىر قىلماسلىقى ئۈچۈن، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتىماسلىقنى قارار قىلدىم» دېگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا قەتئىي بەل باغلىمىغان. ئۇ، بىر دۆلەتنىڭ ئۇلارنى «قوبۇل قىلىشقا تەييار» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى، تايلاند ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت دېگەنلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.
ھالبۇكى، باڭكوك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان تايلاندتىكى ئۆكتىچى «ئادىللىق پارتىيەسى» نىڭ رەھبىرى، پارلامېنت ئەزاسى كانناۋې سيۇبساڭ (Kannfvee Suebsang) نىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتايمۇ بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولۇپ، تايلاند، ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان دۆلەتلەرنى ئەمەس، بەلكى خىتاينى تاللىغان. كانناۋې سيۇبساڭ 5-مارت رادىيومىز «بېنار خەۋەرلىرى» گە مۇنداق دېگەن: «شۇ قېتىملىق يىغىندا خىتاينىڭمۇ بۇ ئارزۇسى بارلىقى، تايلاندتىن بۇ ئۇيغۇرلارنى باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرماسلىقنى، تايلاندنىڭ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يەنى بۇ، ئۇلار كەلگەن دۆلەت بىلەن ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالايدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تەلەپ. شۇ ئەھۋالدا، بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ بېرىشى كېرەك بولغان بىر سىياسىي قارار بولدى.»
كانناۋې سيۇبساڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا، تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن يىغىن ئاچقانىكەن. ئۇ: «يىغىندا، بىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەكىللىرىدىن كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرقانداق بىر تىرىشچانلىق بار-يوقلىقىنى سورىغان. ئۇلار بۇنى چەت ئەللەر بىلەن مۇزاكىرىلىشىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئۈچ دۆلەت بارلىقىنى ئېيتقانىدى» دېگەن. ھالبۇكى، تايلاند سوتىدا ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغا ۋاكالەتچى بولغان ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى بەختىيار بۆرە ئەپەندى 5-مارت بۇ قېتىمقى ئوڭۇشسىزلىق بىلەن ئاخىرلاشقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى بەزى تىرىشچانلىقلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئامېرىكانىڭ تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكاغا ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپى سابىق بايدېن ھۆكۈمىتى دەۋرىدە سۇنۇلغان.
بەختىيار بۆرەنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ بۇ يىل 14-فېۋرال كۈنى سوتى ئېچىلىش ئالدىدا ئۇنىڭغا، «ئەگەر ئۇيغۇرلار سوتتا قۇتۇلۇپ چىقسا، ئامېرىكا يەنىلا ئۇلارنى ئەكېتىشكە تەييار» دېگەن.
نۆۋەتتە، تايلاند ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ 40 ئۇيغۇرنى ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى، غەرب ھۆكۈمەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ تەن جازاسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تولدۇرۇۋالغۇسىز زىيانكەشلىكلەر» گە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى يەنىلا ئاقلىماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، تايلاند مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راست چالېچان باياناتىدا يەنە ئۇيغۇرلارنى باشقا دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش تايلاند بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالالمايدىغانلىقى، شۇڭا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپى «رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەسلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ بۇ ئەھۋالدا: «تايلاند خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىغا دۇچ كېلىشى ۋە بۇنىڭ نۇرغۇن تايلاندلىقلارنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى» دېگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشى تايلاند ئۈچۈن «ئەڭ ياخشى تاللاش يولى» بولغان.
ئامېرىكادىكى «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى تەشكىلاتى» نىڭ قوشما دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون، بۇ ۋەقە خىتاينىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن قانچىلىك ئىزچىل ھەم قەتئىيلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
سوفىيە رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىش نىيىتىنىڭ قانچىلىك ئىزچىل ھەم قەتئىيلىكىنى كۆرەلەيمىز. بۇ ھۆكۈمەت، مۇساپىرلار ۋە سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى باستۇرۇشتا ئىنتايىن قەتئىي بولۇپ، ئۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ پۇل خەجلىمەكتە.»
لېكىن سوفىيە رىداردسون يەنە، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن ب د ت ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەم ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ قاتتىق بېسىم قىلىشىنى كۈتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. سوفىيە رىچاردسون: «ئەسلى بىز، بۇ كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئالاقىدار ب د ت ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرلىكتە تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشىنى، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى ئەمەس، بەلكى ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن تايلاندقا تېخىمۇ قاتتىق بېسىم قىلىشىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلغان بولساقمۇ، لېكىن بۇ ئۇنداق بولمىدى» دەپ كۆرسەتتى.
تايلاند خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ ئاساسلىق كېلىدىغان مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ساياھەتچىلىرى تايلاندنىڭ ساياھەتچىلىك كىرىمىنىڭ كۆرۈنەرلىك مىقدارىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، «كۆپ تەرەپلىك ئىشەنچى» نى ئاشۇرۇش، ئۆتكەن ئايدا خىتايدا زىيارەتتە بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن تايلاند باش مىنىستىرى شىناۋاترانىڭ زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئاساسلىق تېما بولغانىدى. شىناۋاترانىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن، تايلاندنىڭ 27-فېۋرال 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشىنىڭ ئارقىسىدىنلا خىتاينىڭ بايتې دەنس گۇرۇھىغا قاراشلىق تىك-توك شىركىتى، كەلگۈسى بەش يىلدا تايلاندتىكى سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ مۇلازىمەت قۇرۇلۇشىغا 8 مىليارد 800 مىليون دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.