تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال 40 ئۇيغۇر مۇساپىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ھەققىدىكى چۇقانلار داۋاملاشماقتا. تايلاند كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى 4-مارت كۈنى 40 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى تېمىسىدا تايلاند پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا، تايلاندنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشى تايلاندنى خىتاينىڭ ۋاسسال دۆلىتىدەك كۆرسىتىپ قويغانلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ تايلاندنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن قوغلاپ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. 4-مارت تايلاند پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان بۇ يىغىن، ئۆتكەن ھەپتە 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ «ئۆز ئىختىيارلىقى» بىلەن خىتايغا قايتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن تايلاندنىڭ باش مىنىستىرى شىناۋاترا ھۆكۈمىتىگە بولغان قاتتىق نارازىلىقنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە.
تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال كۈنى 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغاپلا قالماي، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىدىن تارتىپ، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسىگىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن تارتىپ ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەتلىرىگىچە بولغان كۆپ تەرەپنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. يىغىندا تايلاند «خەلقلەر ھوقۇقىنى كۈچەيتىش فوندى تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى چالىدا تاجارونسۇك مۇنداق دېگەن: «سىلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلدىڭلار. ب د ت تايلاندنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىشى كېرەك.»
تايلاند 2024-يىلى 10-ئايدا، ب د ت ئومۇمى يىغىنى تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 2025-يىلىدىن 2027-يىلىغىچە بولغان ئەزالىقىغا سايلانغان. تايلاند پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدى قېلىپ قالغان سەككىز ئۇيغۇرنى بولسىمۇ، خىتايغا قايتۇرماسلىقى تەلەپ قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە چاقىرىلغان. يىغىندا چالىدا تاجارونسۇك «بىز ئۇيغۇرلارنى 3-تۈركۈمدە يەنە قايتۇرۇش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۆتكەن ئىككى قېتىملىق شەرمەندىچىلىك يېتىپ ئاشىدۇ» دېگەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۇرك تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى بولسىمۇ قايتۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدەك ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ياردەمچى ئالىي كومىسسارى رېۋىندېرىنى مېنىكدېۋىلا، تايلاند پادىشاھلىق ھۆكۈمىتىنىڭ «قايتۇرماسلىق پىرىنسىپى ھەم خەلقئارا قانۇندىكى مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ گەرچە قايتۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ قانداق تەدبىر ئالىدىغانلىقى يەنىلا ئېنىق ئەمەس. ھالبۇكى، مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار ب د ت مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسىنىڭ ھازىر تايلاندتا قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن ئۈچ كىشىگە ئىلگىرى مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن 2016-يىلىدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى يېڭىلاپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بىز ب د ت مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسىگە خەت يېزىپ، بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. ب د ت مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى بالوچ بابۇر 4-مارت مۇخبىرىمىزغا بەرگەن يازما باياناتىدا «مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسىدە بۇ گۇرۇپپا كىشىلىرىنىڭ قوشۇمچە ئۇچۇرى يوقلىقى» نى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا «دۇنياۋى قائىدە سۈپىتىدە بىز مەۋجۇت شەخسىي دېلولارنى جەزىملەشتۈرمەيمىز ياكى مەخپىيەتلىك ۋە قوغداش سەۋەبلىرىدىن ئۇنىڭغا باھا بەرمەيمىز» دېگەن. بابۇر بالۇچ باياناتىدا، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسى (UNHCR)نىڭ تايلاند ھۆكۈمىتىگە ئوخشىمىغان ھەل قىلىش چارىلىرىنى سۇنغانلىقى، لېكىن تايلاند پادىشاھلىق ھۆكۈمىتى ب د ت مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە قۇرۇشىغا يول قويمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما يىغىندا ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» نىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس ب د ت مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تاشلاپ قويغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. تايلاند پارلامېنتىدىكى يىغىنغا ېكران ئارقىلىق قاتناشقان روشەن ئابباس مۇنداق دېگەن: «بۇ نومۇسسىزلارچە قىلمىش تايلاند ئۈچۈن شەرمەندىلىك بولۇپلا قالماي، دۇنياۋى ئەخلاقنىڭ چۆكۈشىدۇر. ب د ت مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسىمۇ خىتايدىن قورقۇپ ھېچقانداق ئىش قىلماي، بۇ ئۇيغۇرلارنى تاشلاپ قويدى. بۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش مەجبۇرىيىتىگە خىيانەت قىلغانلىقتۇر.»
يىغىندا ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ تايلاند سوتىدىكى ۋاكالەتچىسى، ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى بەختىيار بۆرە ئېكران ئارقىلىق سۆز قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ خىتايغا «ئۆز ئىختىيارلىقى» بىلەن قايتقانلىقىغا سوئال قويغان. بەختىيار بۆرە مۇنداق دېگەن: «تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىتايغا قايتىشقا قوشۇلغانلىقىنى قەيت قىلماقتا. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى مۇكەممەل ھۆججەتلەر ئارقىلىق ئايان بولغان ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىش خەۋپى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىر دۆلەتكە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتىشنى خالىغانلىقىغا ئىشىنىش بەك مۈشكۈلدۇر.»
بۇ يىغىن تايلاند ھۆكۈمىتى «خىتاي ئۆزىگە قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇرغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن» لىكىنى قەيت قىلىۋاتقان، ئەمما خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ۋە ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە پەرقلىق بايانلاردا بولۇۋاتقان، شۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىگە بولغان ئەندىشىلەر تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن. تايلاند پارلامېنتىدىكى «قوغدىلىدىغان ھېچكىم قالمىدى: ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتىلمىغان 11 يىللىق كەچمىش» ناملىق بۇ يىغىندا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى سۇناي فاسۇك تايلاندنىڭ بۇ كىشىلەر بىلەن كۆپرەك كۆرۈشۈپ تۇرۇشى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. سۇناي فاسۇك مۇنداق دېگەن: «مەن تايلاندنىڭ خىتاينىڭ بۇيرۇقلىرىنى بېجا كەلتۈرۈشتىن باشقا نېمىگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرەلمىدىم. بۇ تايلاندنىڭ ئورنىنى خىتاينىڭ بىر ۋاسسال دۆلىتى ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويدى.»
سۇناي فاسۇكنىڭ تەكىتلىشىچە، 27-فېۋرال خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن 40 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىنى نازارەت قىلىش تايلاند بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك ئىكەن. سۇناي فاسۇك بۇ ھەقتە توختىلىپ «مەسىلە شۇكى، ئەگەر بۇ كىشىلەرنى نازارەت قىلىش يالغۇز تايلاندقا يۈكلەپ قويۇلسا، بۇنىڭغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. تايلاند چوقۇم خىتاي بىلەن ب د ت نىڭ (ئۇلار بىلەن) كۆرۈشۈشى، خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەركىن بېرىپ-كېلىشىگە يول قويۇشى ھەققىدە سۆزلىشىشى كېرەك» دېگەن.
نۆۋەتتە، تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن ب د ت مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغا مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىش ۋە ئۇلارنى بىخەتەر 3-بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئۆز ئارا زىددىيەتلىك ئۇچۇرلارنى بېرىپ جاۋابكارلىقنى بىر-بىرىگە ئارتماقتا. ب د ت مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى بابۇر بولوچ تايلاند پادىشاھلىق ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ھەر دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردا ئۇلارغا «دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق قانۇنىي مەجبۇرىيىتىنى ئەسلىتىپ كەلگەنلىكى»، ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرماسلىق ھەققىدىكى كۆپ قېتىملىق ئىلتىماسىغا قارىماي قايتۇرغانلىقى» نى قەيت قىلسىمۇ، ئەمما تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغان 3-دۆلەتنىڭ چىقمىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
ھالبۇكى، يىغىندا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى سۇناي فاسۇكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما تايلاند بۇ يوللارنىڭ ھەممىسىنى توسۇپ قويغاچقا بۇ دۆلەتلەر ئۈچۈن رەسمىي تەلەپ سۇنۇش پۇرسىتى تۇغۇلمىغان.