تايلاند كۆچمەنلەر مەركىزىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلاردىن ئابدۇلئەزىز ئابدۇللا ۋاپات بولغان

0:00 / 0:00

2014-يىلى 1-ئايدا ئائىلىسى بىلەن خىتايدىن قېچىپ چىقىپ، تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان ۋە شۇنىڭدىن بېرى تايلاندنىڭ بانكوك شەھىرىدىكى بىر كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن گۇمالىق باققال ئابدۇلئەزىز ئابدۇللا، 12-فېۋرال كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. بىزنىڭ تايلاند كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ئېرىشكەن دەسلەپكى ئۇچۇرلىرىمىز، 8 بالىنىڭ دادىسى بولغان 50 ياشلىق ئابدۇلئەزىز ئابدۇللانىڭ ئۆپكە ياللۇغىدىن ۋاپات بولغانلىقى، ئۇنىڭ بۇرۇن ئۆپكە ياللۇغى كېسىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ كېسەلنى 9 يىللىق ئىنتايىن ناچار تۈرمە شارائىتى، ئۇزۇقلىق يېتىشمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ۋە مۇۋاپىق داۋالىنىشقا ئېرىشەلمەسلىك كېسەلنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇلئەزىز ئابدۇللانىڭ جىنازە نامىزى 14-فېۋرال بانكوكتىكى تايلاند مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھارۇن مەسچىتىدە چۈشۈرۈلۈپ، ھارۇن قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. ئۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن ھازىرغا قەدەر تايلاندتا ۋاپات بولۇپ تاراتقۇلارغا ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن ئاز دېگەندە 3-كىشىدۇر.

ئابدۇلئەزىزنىڭ ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئوغلى مۇھەممەت ئابدۇلئەزىز 14-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ دادىسى بىلەن ئاخىرىقى قېتىم بۇنىڭدىن بىر ئاي ئاۋۋال تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى، شۇ چاغدا دادىسى ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەت ئابزۇلئەزىز مۇنداق دېدى: «ماۋۇ قېتىم دادام بىلەن تېخى 2-3 ئاينىڭ ئالدىدا ئالاقە قىلغان. ‹ئەھۋالىمسەل ئېغىرلاپ قالدى› دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس ئىكەنتۇق. بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئاندىن بىزگە ئېيتقان ئىدى. ‹سىلەرنى ئەنسىرەپ قالمىسۇن، دەپ جىق گەپ قىلمىغانتىم. ھازىر سەل ئېغىرلاپ قالدى، مەندىن رازى بولۇپ كېتىڭلار› دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان.»

مۇھەممەت ئابدۇلئەزىز، دادىسىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ ئاخىرىقى باسقۇچقا كېلىپ قالغاندا، ساقچىلارنىڭ ئاندىن ئۇنى تۈرمىنىڭ بىمارلار ياتىقىغا يۆتكىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دادىسى بىمارلار ياتىقىدا بىرەر ئايدەك ياتقۇزۇلۇپ، ۋاپات بولۇشتىن پەقەت بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ئاددەتىكى ياتاققا قايتۇرۇپ چىقىلغان ئىكەن.

ئەسلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدىن بولغان ئابدۇلئەزىز ئابدۇللا، 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىگە چىقىپ، ئۈرۈمچىدە ئۇزۇن يىل باقاللىق قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىش دولقۇنىدا، ئۇ 2013-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئايالى بىلەن 7 پەرزەنتىنى ئېلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي-جەنۇبي ئۆلكىلىرى ئارقىلىق تايلاندقا قېچىپ چىققان. ئەمما 2014-يىلنىڭ باشلىرىدا تايلاند دائىرىلىرىغا تۇتۇلۇپ قالغان.

8-پەرزەنتى تايلاندنىڭ كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە دۇنياغا كەلگەن ئابدۇلئەزىزنىڭ ئايالى بىلەن 8 پەرزەنتى 2015-يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوبۇل قىلىشى بىلەن 180 دەك ئايال ۋە بالىلارنىڭ قاتارىدا تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن. لېكىن تايلاند ھۆكۈمىتى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ تۈركىيەگە كېتىشىگە يول قويغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۈركىيەگە كېتىشىگە يول بەرمىگەن.

تايلاند ھۆكۈمىتى تەخمىنەن 180 دەك ئۇيغۇر ئايال ۋە بالىلارنى تۈركىيەگە يولغا سېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن ئەر ۋە ئايال بولۇپ تەخمىنەن 120 دەك كىشىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بۇنىڭدىن سىرت 50 نەچچە ئۇيغۇر مۇساپىرى ھازىرغا قەدەر تايلاند كۆچمەنلەر مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. تايلاند كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇلئەزىز ئابدۇللانىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، تايلاند تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە 53 نەپەر ئۇيغۇر قالغان.

ئۇيغۇر مۇساپىرلا رمەسىلىسىگە ئارلىشىپ كېلىۋاتقان تايلاند كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «خەلقلەرنى كۈچەيتىش جەمئىيىتى» نىڭ دېرىكتورى چالىدا تاجارۇنسوك خانىم 14-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۈل قىلىپ، ئابدۇلئەزىزنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ ساقچى تەرەپ بىلەن بىمارنى داۋالاش توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى ۋە تۆنۈگۈن ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

چالىدا تاجارۇنسوك مۇنداق دېدى: «بىز ئىچكىي جەھەتتىن ئالغان ئۇچۇرلىرىمىزدىن ئۇنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق. شۇنداقلا بىز ساقچى تەرەپ بىلەن ئۇنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. ئاخىرى ساقچىلار ئۇنى ساقچى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغان. بىز پەقەت تۆنۈگۈن ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق.»

چالىدا تاجارۇنسوكنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇلئەزەز ئۆپكە ياللۇغىدا ۋاپات بولغان بولۇپ، 14-فېۋرال ئەتىگەندە بانكوكتىكى ھارۇن مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. ئۇ مەرھۇمنىڭ ئىسلامىي ئۆرپ-ئادەتلەر بىلەن يەرلىكىگە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. چالىدا تاجارۇنسوك مۇنداق دېدى: «بىز ئۇنىڭ مىيىتىنى ئېلىش ئۈچۈن، يەنى مىيىتنى ئىسلامىي ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە ئۇزىتىش ئۈچۈن سۆھبەت قىلدۇق. ئاخىرى ھۆكۈمەت بۇنىڭغا قوشۇلدى. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن تايلاند چېكو ئىسلام جامائىتىنى ساقچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىشقا چاقىردۇق. چۈنكى بىز ساقچى تەرەپ بىلەن سۆزلەشسەك، ئۇلار مىيىتنى پەقەت چېكو ئىسلام جەمئىيىتى تەلەپ قىلسا، شۇلارغا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز چېكو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلاردىن مىيىتنى دەپنە قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشنى سورىدۇق. بىز يەنە دۆلەتلىك كىشىلىك سوقۇق كومىتېتى بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ مەسئۇلىدىن تايلاند ساقچى ئەمەلدارى بىلەن سۆزلىشىشىنى تەلەپ قىلدۇق. بۇ كىشى تايلاند خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر مۇسۇلمان ئىدى. ئۇ كۆپ ياردەمدە بولدى. ئاخىرى بۈگۈن مەرھۇمنىڭ مىيىتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، نامىزىنى ھارۇن مەسچىتىدە چۈشۈرۈپ، يەرلىكىگە قويدۇق.»

ئابدۇلئەزىزنىڭ ئائىلىسى رادىيومىزغا تەمىنلىگەن تايلاند قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ مەرھۇمنىڭ ئۆلۈمىگە ئائىت رەسمىي يازما ئىسپاتنامىسىدا، ئۇنىڭ ۋاپات بولۇش سەۋەبى كۆرسىتىلمىگەن. قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ رەسمىي يازما ئىسپاتنامىسىدە مەرھۇمنىڭ ۋاپات بولۇش سەۋەبىنىڭ نېمە ئۈچۈن تىلغا ئېلىنمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ئۇنىڭ ۋاپاتى تايلاند كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا بولغان ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. چالىدا تاجارۇنسوك، بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تايلاند دائىرىلىرىغا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تۈرمە شارائىتى ۋە داۋالىنىش ئەھۋالىنى ياخشىلاش توغرىسىدا دوكلات سۇنىدىغانلىقى، بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇئامىلە قىلىشتا بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاجارۇنسوك مۇنداق دېدى: «مەن بىر دوكلات تەييارلاپ، ئۇنى تايلاند دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىغا سۇنىمەن ۋە ئۇلاردىن تايلاند كۆچمەنلەر مەركەزىدىكى ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىشنى تەلەپ قىلىمەن. بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ياخشىلىشىنى، بۇ ۋەقە ساقچى خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك سىياسىي، دىنىي زىيانكەشلىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ، ئائىلە ۋە بالا-چاقىلىرى بىلەن بىللە خىتاينىڭ شەرقىي-جەنۇبىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئارقىلىق شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە، ئۇ يەردىن تۈركىيەگە قېچىش دولقۇنى پەيدا قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كارىدوردىن تۈركىيەگە قېچىش دولقۇنى 2012-يىلدىن 2015-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان.

بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا سازلىقلىرىدا ھاياتدىن ئايرىلغان ياكى تايلاند، ۋېيتنام كامبودژا، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇتۇلۇپ قېلىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ قايتا ئىز-دېرىكى بولمىغان ئىدى.