«خەلقنى كۈچەيتىش تەشكىلاتى» نىڭ مەسئۇلى چالىدا تاجارونسۇك: «تايلاند خەلقئارالىق قانۇنلارغا بويسۇنمايۋاتىدۇ»

0:00 / 0:00

22-فېۋرال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالاھىدە مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان بەش كىشى تايلاند ھۆكۈمىتىگە بىرلەشمە ئىلتىماس سۇنۇپ، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 43 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار ئىلتىماسىدا تۇتقۇندىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن شارائىتتا ياشاۋاتقانلىقى؛ خورلۇق، ھاقارەت ۋە قىيىن-قىستاققا ئۇچراۋاتقانلىقى؛ بۇ جەرياندا بەش ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسىنىڭ نارەسىدە بالىلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئىلتىماس بىلەن قوشۇپ سۇنۇلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «2014-يىل 3-ئايدىن باشلاپ، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر مۇساپىرلار تايلاند ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، تايلاندتىكى كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى ۋە تۈرمىلەردە ئىنتايىن قىيىن شارائىتتا تۇتۇپ تۇرۇلۇشقا باشلىدى. شۇندىن بۇيان 5 ئادەم قازا قىلدى، يەنە 48 ئادەم ھېلىھەم تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بەش ئەر تۈرمىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغانلىقى سەۋەبىدىن 12 يىللىق كېسىلىپ، تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتىدۇ. 43 ئادەم يەنىلا باڭكوكتىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ قاماقخانىسىدا يېتىۋاتىدۇ.»

دوكلاتتا يەنە خىتايدىن قېچىپ تايلاندتا تۇتۇلغان 350 ئۇيغۇردىن 173 ئادەمنىڭ 2015-يىل 7-ئايدا تۈركىيەگە قوبۇل قىلىنغانلىقى، 109 نەپەر ئەر-ئايال ۋە بالىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكىنىڭ ھازىرغىچە تېخى نامەلۇم ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن. دوكلاتتا يەنە تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ياخشى ئوزۇقلىنىش ۋە داۋالىنىش شارائىتىنىڭ يوقلۇقى، كۆپىنچىسىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقى ۋە ھاياتىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

جەنۇبىي تايلاندنىڭ سۇڭخلا شەھىرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ مېڭىلىش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر ئەرلەر ۋە بالىلار. 2014-يىلى 14-مارت.
جەنۇبىي تايلاندنىڭ سۇڭخلا شەھىرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ مېڭىلىش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر ئەرلەر ۋە بالىلار. 2014-يىلى 14-مارت. (REUTERS)

تايلاندتىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «خەلقنى كۈچەيتىش تەشكىلاتى» نىڭ مەسئۇلى چالىدا تاجارونسۇك (Chalida Tajaroensuk) خانىم، 2014-يىلىدىن بۇيان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ، تايلاند ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان بىرلەشمە ئىلتىماس ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلات ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، بۇ دوكلاتنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك يېزىلغانلىقىنى، ئەمما تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىلتىماسقا جاۋاب قايتۇرماسلىقى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ب د ت ئالاھىدە مۇتەخەسسىسلىرى يازغان بۇ دوكلاتتا بارلىق مەلۇماتلار ناھايىتى ئىنچىكە، ناھايىتى ئېنىق يېزىلىپتۇ. ئۇنى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەلقئارالىق قانۇنلارنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان ناھايىتى كۈچلۈك بىر دوكلات دېيىشكە بولىدۇ، ئەمما مەن تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىلتىماسقا جاۋاب قايتۇرۇشىغا تازا ئىشەنچىم يوق. خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە مۇتەخەسسىسلەر دوكلاتنى ياخشى يازغان بىلەن بۇ تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋاب قايتۇرۇشى ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس.»

جەنۇبىي تايلاندنىڭ سۇڭخلا شەھىرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ مېڭىلىش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر ئەرلەر ۋە بالىلار. 2014-يىلى 14-مارت.
جەنۇبىي تايلاندنىڭ سۇڭخلا شەھىرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ مېڭىلىش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر ئەرلەر ۋە بالىلار. 2014-يىلى 14-مارت. (REUTERS)

دوكلاتتا سۇەن فلۇ (Suan Phlu) كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە 2023-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 49 ياشلىق ئەزىز ئابدۇللانىڭ، 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 40 ياشلىق مەتتوختى مەتتۇرسۇننىڭ 9 يىلغا يېقىن كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە تۇرغاندىن كېيىن داۋالىنىش شارائىتىنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلىدىن قازا قىلغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلار تەپسىلىي بېرىلگەن.

چالىدا تاجارونسۇك خانىم، مەزكۇر دوكلات قانچىلىك تەپسىلىي، كۈچلۈك يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرماسلىقى مۇمكىنلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «قانۇن ئىجرا قىلىدىغان ئورگانلاردا ئىشلەيدىغان نۇرغۇن خادىملار خەلقئارالىق قانۇننى چۈشەنمەيدۇ. مەسىلەن، سۇەن فلۇ كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى تايلاند ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، ئىچكى ئىشلار ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. شۇڭا ئۇلار ھەر بىر ھەرىكىتىدە نۇرغۇن ئورگانلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك. شۇڭا بۇ دوكلاتقا كەلسەك، ئۇلار بۇ دوكلاتنى كۆرۈپ، بىر-بىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاخىرىدا ب د ت غا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن خىلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇلار خەلقئارا قانۇنلارنى تايلاندتا قانداق ئىجرا قىلىشنى بىلمەيدۇ. ئۇلار پەقەت تايلاند قانۇنىغا قاراپ ئىش كۆرىدۇ. يەنى تايلاند قانۇنى خەلقئارالىق قانۇنلارغا بويسۇنمايدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.»

جەنۇبىي تايلاندنىڭ سۇڭخلا شەھىرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ مېڭىلىش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر ئەرلەر ۋە بالىلار. 2014-يىلى 15-مارت.
جەنۇبىي تايلاندنىڭ سۇڭخلا شەھىرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ مېڭىلىش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر ئەرلەر ۋە بالىلار. 2014-يىلى 15-مارت. (AFP)

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 24-ئاپرېل كۈنى مەزكۇر بىرلەشمە ئىلتىماس ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ باياناتتا تايلاند ھۆكۈمىتىنى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، ئون يىلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى بىخەتەر بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا چاقىرغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى پىتىر ئىرۋىن (Peter Irwin) بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ بىرلەشمە ئىلتىماس ناھايىتى تەپسىلىي يېزىلغان. تايلاند ھۆكۈمىتى ئىلتىماستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەرگە جاۋاب بېرىش مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قارايمەن. ئۇلار تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشى كېرەك. ئالدىنقى يىلى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئەر تۇتقۇن شارائىتنىڭ ناچارلىقىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى. ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 10 يىلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە، ناچار شارائىت ئاستىدا قىينىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى بەك مۇھىم. داۋالىنىش شارائىتىنىڭ ناچارلىقىدىن تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە ھازىرغىچە ئۆلۈپ كەتكەن 5 كىشىنىڭ ئىچىدە بىر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ۋە يەنە بىر 3 ياشلىق بالىمۇ بار. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىزچىل ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. ئەپسۇسلىنارلىقى، تايلاند ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن ئۇيغۇرلارنى تېخىچە تۇتۇپ تۇرماقتا. بىز ب د ت نى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا، خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمىز.»

تايلاند ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان ئىلتىماسنىڭ ئاخىرىدا، تايلاند ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق ياكى ئۈچىنچى بىخەتەر بىر دۆلەتكە يۆتكەش، چېگرادىن چىقىرىۋېتىشنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىش، شۇنىڭغىچە ئۇلارنىڭ تۇرۇۋاتقان شارائىتىنى ئېنىق تەكشۈرۈپ كۆرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغان.