ب د ت تايلاندتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلىرىغا ياردەمدە بولۇشنى رەت قىلغان

0:00 / 0:00

ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مىليونلىغان مۇساپىر ۋە سىياسىي پاناھلانغۇچىلارغا ياردەمدە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تايلاندتىكى 40 نەچچە نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىغا ياردەمدە بولۇشنى رەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان ئىچكى ھۆججەتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بېرىلگەن خەۋەرلەردە، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان تايلاند لاگېرلىرىدا ھاياتى تەھدىت ئاستىدىكى ئىنتايىن ناچار شارائىتتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىغا ياردەم بېرىش ھەققىدە ئىلتىماستا بولغانلىقى، لېكىن ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ھالبۇكى، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئىزچىل تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقى، ئەمما تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر مۇساپىرلار بىلەن ئۇچرىشىش ھەم بىر ھەل قىلىش چارىسى تېپىشتا ھەمكارلاشمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. «يېڭى ئىنسانپەرۋەرلىك» ناملىق مۇستەقىل ئاخبارات ئورگىنىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا دائىر ئىچكى ھۆججەتلىرىدىن تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن بەش يىل ئاۋۋال ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەمدە بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ غەيرى-رەسمىي ئىلتىماستا بولغانلىقى، ئەمما ب د ت خادىمىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تەۋسىيەدە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«يېڭى ئىنسانپەرۋەرلىك» نىڭ خەۋىرىدە، «ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ تەرەددۇتسىزلىنىشتە ئۇلار بېيجىڭنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشتىن، ئۇنىڭ بۇ ئورگان بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ۋە بېرىدىغان ئىئانە پۇلىنى ئازايتىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئىچكى ھۆججەتلىرىنى ئوقۇغان، «ھوقۇقنى مۇستەھكەملەش» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى جون كيۇنلېي (John Quinley III) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئىچكى ھۆججەتلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ۋاقىتسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى ھەل قىلىشتا ئاكتىپ بولمىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

جون كيۇنلېي مۇنداق دەيدۇ: «مەن ب د ت نىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە ئالاقىدار ھەر ئىككى ئىچكى ھۆججەتنى ئوقۇپ ھەم كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتىم. بۇنىڭدىن بىز شۇنى ئېيتالايمىزكى، ب د ت ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ۋاقىتسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى ھەل قىلىشتا ئاكتىپ بولمىغان.» جون كيۇنلېينىڭ 16-ماي بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قەيت قىلىشىچە، «ھۆججەتلەر تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشتا ئەزمىلىك قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە» ئىكەن.

ھالبۇكى، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى 15-ماي كۈنى رادىيومىز مۇخبىرىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەخسۇس يازما باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا ئاكتىپ رەۋىشتە قويۇپ كەلگەنلىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى، ئەمما تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ مۇساپىرلار بىلەن كۆرۈشۈشىگە ھازىرغا قەدەر يول قويمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ھالبۇكى، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ بۇ مەسىلىنى تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئالدىغا ئاكتىپ رەۋىشتە قويۇپ كەلگەنلىكى ۋە داۋاملىق قويىدىغانلىقىنى ئېيتالايمىز. بىراق تەلەپلىرىمىزگە قارىماي، ھېچبىر ۋاقىت مۇساپىرلار بىلەن ئۇچرىشىشىمىز ياكى بۇ دېلونى ھەل قىلىش چارىسىدە بولۇشقا يول قويۇلمىدى. »

ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى باياناتچىسى بابار بالوچنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، «بۇنىڭ ئەكسىنچە پىكىرلەردە بولۇش، بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى خاتا چۈشىنىش ھېسابلىنىدىكەن. » ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى باياناتتا يەنە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئائىت كونكرېت دېتاللارنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلىپ، بۇنىڭ «مەخپىيەتلىك چەكلىمىسى، شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىدە سەزگۈر بولغان بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش تىرىشقانلىقلىرىغا جىددىي بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق كۆزدە تۇتۇلغانلىقى» نى ئېيتقان.

جون كيۇنلېينىڭ قەيت قىلىشىچە، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ھۆججەتلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ئەزمىلىك قىلىشتا بېيجىڭدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. جون كيۇنلېي مۇنداق دەيدۇ: «ھۆججەتلەر (ئۇيغۇر) مۇساپىرلار مەسىلىسىنىڭ بەزى سىياسىي سەۋەبلەردىن ئارقىغا سۆرەلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ يەردە بېيجىڭدىن قورقۇش ئەھۋالى مەۋجۇت. چۈنكى بېيجىڭنىڭ ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسىنى يۇمشىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك بېسىم قىلىشتىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن. »

ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئىچكى ھۆججەتلىرىدە، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 2020-يىلى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىتسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاكتىپ رول ئوينىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئەمما ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى خادىمىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تەۋسىيەدە بولغانلىقى قەيت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى ۋاقىتتىكى 48 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىدىن ھازىر 41 نەپىرى قالغان. بەش نەپەر سىياسىي پاناھلانغۇچىنىڭ 2020-يىلى لاگېردىن قېچىشقا ئۇرۇنۇشى سەۋەبلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئىككى نەپەر سىياسىي پاناھلانغۇچىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغانلىقى مەلۇم.

ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىگە دائىر خەۋەرلەر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇئاۋىن دىرېكتورى مايا ۋاڭنىڭ (Maya Wong) قارىشىچە، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ پوزىتسىيەسى «يىرگىنچلىك» ئىكەن.

مايا ۋاڭ مۇنداق دەيدۇ: «ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ 3-دۆلەتكە لاياقەتلىك مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇساپىرلارنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. مېنىڭچە، بۇ دوكلاتتىكى ھادىسە يىرگىنچلىك، بۇ دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇشنى قارار قىلغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ خىتاينىڭ ئىئانە پۇلىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورققاندەك قىلىدۇ.»

مايا ۋاڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ھادىسە خىتاي ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ب د ت سىستېمىسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدىكەن. مايا ۋاڭ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، بۇ ھادىسە خىتاي ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ب د ت سىستېمىسىغا، جۈملىدىن ئۇنىڭ كەسپىي ئورگانلىرى ۋە ب د ت نى تەشكىل قىلغان دۆلەتلەرگە قانداق تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا بۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالغان بىر خەۋەر. » مايا ۋاڭنىڭ قەيت قىلىشىچە، «ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىشى، شۇنداقلا دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشى كېرەك» ئىكەن.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات ۋە پائالىيەت ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن دىرېكتورى پېتېر ئىرۋىن (Peter Irwin)، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تايلاندتا يىللاردىن بېرى سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇشى «قورقۇنچلۇق» ھەم «بىمەنىلىك» ئىكەن. پېتېر ئىرۋىن 16-ماي بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ دېلودىكى ھازىر تايلاندنىڭ باڭكوك شەھىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن پەقەت 40 تەك ئادەم قالدى. بۇنىڭ ئۆزى قورقۇنچلۇق. بىر توپ ياكى شەخسنى بۇلارغا ئوخشاش ھېچقانداق ئەيىبلىمەي، سوتلىماي خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش پۈتۈنلەي بىمەنىلىك. »

نۆۋەتتە، تايلاند لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن ئىككى كىشى كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. پېتېر ئىرۋىن، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلمىسە، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئۆلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. پېتېر ئىرۋىن بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «تايلاند لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئىككى كىشى كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان ئىدى. ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئەخلاق نۇقتىسىدىن بولسىمۇ، بۇ كىشىلەر قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. سىزمۇ بىلگەندەك، ئۆتكەن يىلى بۇ كىشىلەردىن بىر قانچىسى سالامەتلىك ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنىڭ ناچار شارائىتى سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى. ئەگەر بۇ دېلو ھەل قىلىنمىسا، ئالدىمىزدىكى يىللاردا تېخىمۇ كۆپ كىشى ۋاپات بولۇشى مۇمكىن. بۇ كىشىلەرنى بۇنداق ۋاقىتسىز سولاش ھەقىقەتەن تەلۋىلىك» .

مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت ھۆججەتلىرىدە «تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 2019-يىلدىن بېرى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىدىن بۇ مەسىلىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىشىنى تەلەپ قىلىشى كۈچەيگەنلىكى» ، «بەلكىم تايلاند ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار بىلەن ئۇچرىشىشىغا يول قويۇشى مۇمكىنلىكى» ، ئەمما ئوخشاش بىر ۋاقىتتا تايلاند دائىرىلىرىنىڭ تەۋسىيەسىگە گۇمان بىلەن قارىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا ئىكەن. بىر ھۆججەتتە، «ب د ت ئىشخانىسى، بەلكىم تايلاند خىتاينىڭ غەزىپىنى بۇراشتا ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنى قالقان قىلىپ قوللىنىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ» دېيىلگەنلىكى ۋە مۇساپىرلار ئىشخانىسى 2020-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا «تايلاند دائىرىلىرى ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسى بىلەن رەسمىي ئالاقىدە بولۇشتىن بۇرۇن ئاكتىپ قەدەم ئالماسلىق» نى قارار قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

يەنە بىر ھۆججەتتە، «ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ خىتايدىكى پائالىيىتىنىڭ سەلبىي تەسىرگە ئۇچراش خەۋپى» ، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ «ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنى پۇل بىلەن تەمىنلىشى ۋە قوللىشى» غا تەسىر يېتىشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، 7 مىليون 700 مىڭ دوللارلىق بۇ مەبلەغ مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ 10 كىشىلىك خىزمەت ئورنى ۋە تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىكەن.

جون كيۇنلېي، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەتلەرنى رەنجىتىپ قويۇشنى خالىمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك دەلىللەر بارلىقىنى، شۇڭا ئۇلارغا پاناھلىق سالاھىيىتى بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. جون كيۇنلېي مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ھۆكۈمەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى بۇزۇپ قويۇشنى، پۇلنىڭ توختاپ قېلىشىنى، ھۆكۈمەتلەرنى رەنجىتىپ قويۇشنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينى رەنجىتىپ قويۇشنى خالىمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارغا مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ پاناھلىق سالاھىيىتى بېرىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ دەرھال 3-دۆلەتكە ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. »

ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئىچكى ھۆججىتى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا تايلاند ھۆكۈمىتىگە دوكلات يوللاپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەلەپ قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئاشكارىلاندى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا يوللىغان دوكلاتىدا، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىرلارنى سەۋەبسىز ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ خالىغانچە تۇتقۇنغا كىرىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان، شۇنداقلا ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئەھۋالى، تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلىسى، ئادۋوكاتى ۋە ئۇلار خالىغان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇلغان قويۇلمىغانلىقىغا ئائىت تەپسىلىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.