كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى: «تايلانتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق، ئۇنتۇلدۇرمايمىز!»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.02.28
uyghur-musapir-tayland-turkiye.jpg تۈركىيە تايلاندتىكى مۇساپىرلار لاگېرىدىن قۇتۇلدۇرۇۋالغان ئۇيغۇر مۇساپىر بالىلار. 2015-يىلى ئىيۇل، ئىستانبۇل.
RFA/Erkin Tarim

تايلاندنىڭ 5 ئوخشىمىغان مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراجىئەتنامىسىدىن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 7 يىلدىن بۇيان ناچار شارائىتىلاردا قانچىلىك ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىدىن باشقا روھىي جەھەتتىنمۇ چوڭقۇر ئىزتىراپ چېكىپ ئۈمىدسىزلىككە پاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

ئۇلارنىڭ رادىيومىزغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرىدىن ئۆتكەن ئاينىڭ باشلىرىدا تايلاندنىڭ مۇكداخان ئۆلكىسىگە قاراشلىق مۇئاڭ رايونىدىكى مۇساپىرلار قاماقخانىسىدىن 7 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ قېچىشقا ئۇرۇنۇپ تۇتۇلۇپ قېلىشى بىلەن تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ھەر قايسى قاماقخانىلاردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەنلىكى ۋە ئۇلارنى جىددىي تارقاقلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى مەلۇم بولدى. 

ئەركىنلىكتىن مەھرۇم، تاماق، ياتاق ۋە داۋالىنىش شارائىتلىرى ئىنتايىن ناچار بولغان قىيىنچىلىقلاردا تۇرۇشقا مەجبۇرلانغان بۇ ئۇيغۇرلاردىن ئالغان ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، ئۇلارنى تېخىمۇ جىددىي ئەندىشىگە سالغىنى بولسا، يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان سالامەتلىك تەكشۈرگۈچىلەر دېگەن نامدا تۇرقىدىن خىتايلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان لاگېرلارغا كېلىپ مەخسۇس ئۇلارنىڭ شۆلگەي ۋە قان ئەۋرىشكىلىرىنى ئېلىپ كەتكەنلىكىدۇر. ئۇلار، بۇ تەكشۈرگۈچىلەرنى خىتايلار دەپ گۇمان قىلغان.

ئۇلار، 2015-يىلى 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن تايلاند ھۆكۈمىتى ئەمدى بۇ باھانىدە بىزنىمۇ قايتۇرۇپ بېرەرمۇ دېگەن ئەندىشىلەر ئىچىدە قايتا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تاراتقۇلاردىن جىددىي ياردەم سورىغان.

بىز مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراجىئىتىگە قارىتا ئىنكاسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تېلېفوننى ئالغان پروگرامما مەسئۇللىرىدىن زۇبەيرە خانىم مەزكۇر مۇراجىئەتتىن خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، دۇنيانىڭ دىققىتى كورونا ۋىرۇسى تەھدىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگىلا مەركەزلىشىپ قېلىۋاتقان بىر پەيتتە، تايلاندقا 7 يىلدىن بۇيان قاپسىلىپ، قىيىنچىلىقلاردا قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خېتى ناھايىتى توغرا بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. زۇبەيرە خانىم ئۆز تەشكىلاتى ۋە بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ خىل خەتەر ۋە بېسىم ئاستىدا قالغان ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتتى:

بىز، 2014-يىلىدىن بۇيان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ھەر تۈرلۈك يوللار ۋە سەۋەبلەر بىلەن بېرىپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىپ تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. بىز، ئۇنىڭدىن تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىسى ۋە ۋەزىيىتىدىن خەۋىرى بار-يوقلىغىنى سورىدۇق. 

سوفى رىچاردسون خانىم مۇنداق دېدى: «تەشكىلاتىمىزنىڭ تايلاند تارمىقىدا مەخسۇس مۇشۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ئۈستىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىككى نەپەر خادىمىمىز بار، ئۇلاردىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئائىت بىر قىسىم ئىجابىي مەلۇماتلار تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدىم، سىز دەۋاتقان يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋىرىم يوق، لېكىن خادىملىرىمىزنىڭ خەۋىرى بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. تايلاند بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ بېسىمىغا بوي بەرمەي ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرمىغان بولسىمۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئوخشاشلا ئامېرىكانىڭ بېسىمىغىمۇ بوي بەرمەي ئۇلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىپ بەرمەي كەلمەكتە. بىز بولساق كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك دىققەت چېچىلغان بىر ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، مەسىلىنى باشقا يۆنىلىشكە بۇراش ئارقىلىق ئۇلارغا ياردەم قىلىش يوللىرىنى ئىزدىمەكتە ئىدۇق. بۇ ئىش نەگە باردى ئېنىق بىلمەيمەن».

مۇخبىر: «ئۇنداقتا تايلاندنىڭ بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىشىمۇ مۇمكىنمۇ ؟»

سوفى رىچاردسون: «مۇمكىن، لېكىن بىزنىڭ جىددىي سىگنالىمىز ئۇلارنىڭ بۇ يولنى تاللىسا باش ئاغرىقى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، بۇ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇش خىيالىدىن ۋاز كەچكۈزۈشى مۇمكىن. مەيلى شارائىتلىرى ناچار بولسىمۇ ھازىرچە تايلاندتىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا تۇرۇش ھازىر بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شىنجاڭغا قايتۇرۇلۇشتىن ئەلا.»

مۇخبىر: «ئۇنداقتا دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ ؟»

سوفى رىچاردسون: «ھېچكىم ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرماسلىقى كېرەك، ھازىرقى شارائىتتا ھەر قانداق ئادەمنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ئىنتايىن خەتەرلىك، ئۇلارنىڭ ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. شۇنداقلا بۇ خەلقئارالىق قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلمىش, تايلاندنىڭ بۇ مەسىلىدە زور تارىخىي خاتالىقلىرى بار. ئۇيغۇرلارنى قايتۇرماسلىق ئۈچۈن ئۇلارغا قارىتا سىياسىي بېسىم ئىشلىتىش مۇھىم نۇقتا، بۇ جەھەتتە تەشكىلاتىمىز تايلاند ھۆكۈمىتىگە ياق دېيەلەيدىغان قاناللارنى ئاچقان. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بىز بۇ مەسىلىدىن دىققىتىمىزنى ئۈزمەيمىز، لېكىن تايلاند دائىرىلىرىنىڭ بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇۋاتقانلىقى گۇمانلىق بىر ئەھۋال، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇشىمىز رىقابەتكە ئۇچرايدۇ. بۇ مەلۇماتلار ناھايىتى مۇھىم مەلۇماتلار ئىكەن. ئەمدى قانداق قىلىپ بۇلار ئۈستىدە ئۆزگىرىش ياساش يولىنى ئىزدەيمىز. ئەندىشە قىلماڭلار، بىز تايلاند قاماقخانىلىرىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق.» 

بىر قانچە يىللار ئاۋۋال دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىشىپ مەخسۇس تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىنى ھەل قىلىش كومىتېتى تەشكىللىگەنىدى. مۇساپىر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن ئارىلىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا مەزكۇر كومىتېت بۇ يىلنىڭ بېشىدا تايلاندقا ۋەكىل ئەۋەتكەن ۋە بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ مەلۇماتلار ئالغان. 

ئۆمەر قانات ئەپەندى ئۆزىنىڭ تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ مۇراجىئىتىدە دېيىلگەن ئەھۋاللار ۋە ئۇلارنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ خەۋىرى بارلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دائىرىلىرىگە مەخسۇس دوكلات سۇنغانلىقنى بايان قىلدى. 

ئۆمەر قانات ئەپەندى يىغىنچاقلاپ: «تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئۇنتۇپ قالغىنىمىز يوق، قاچانىكى ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە بارساق ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىشلەۋاتىدۇ.» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.