تايلاندتىكى مەلۇم بىر مۇساپىرلار لاگېرىدىن رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى بىلەن ئالاقە باغلىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خەت ۋە ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللاپ، تايلاندتىكى ھەر قايسى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شارائىتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىنتايىن ناچارلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇزۇن مۇددەت زەي تۈرمە، نەم ھاۋا، ناچار ئوزۇقلۇق قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئۇلارنىڭ كۆپلىرىنىڭ ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بولسىمۇ داۋالىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى شىكايەت قىلدى. ئۇلار خېتىدە بولۇپمۇ يۈرەك، بۆرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئېغىر كېسەللەرنى جىددىي داۋالاشنى تەلەپ قىلغان.
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم رادىيومىز ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا مۇراجىئەتنامىلەر يوللاپ، مۇساپىرلار لاگېرلىرىدىكى ناچار شارائىتلار، گۇندىپاي ۋە باشقىلارنىڭ كۆپ قېتىم تۇيۇقسىز جىسمانىي خورلۇقىغا ئۇچراش سەۋەبلىك، زۇلۇملارغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قانچە قېتىم قېچىشقا ئۇرۇنۇپ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلغانىدى.
تايلاندتىكى مەلۇم مۇساپىرلار لاگېرىدىن رادىيومىزغا ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، تايلاندنىڭ مۇكداخان تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن بۇ يىل 1-ئايدا قېچىپ ۋە 3 كۈندە تۇتۇلۇپ ياندۇرۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن، 3-ئاينىڭ 9-كۈنى سوت ئېچىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۈرمىنى بۇزۇپ قېچىش جىنايىتى بىلەن ئىككى يىللىقتىن كېسىلىپ، تۈرمىگە سولانغان. ئۇلار باشقا لاگېرلاردىكى سەپداشلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكى ۋە تۈرمىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن ئىككى كىشىلىك كامېرلاردا ياتقانلىقى، بىر ئاز ئەركىن ئىكەنلىكى، مۇھىتى ۋە ھاۋا شارائىتلىرىنىڭمۇ مۇساپىرلار لاگېرلىرىدىكىدىن ياخشىراق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگەنىكەن.
دۈشەنبە كۈنى تېلېفون ئارقىلىق ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قارمىقىدىكى «Benarnews»، يەنى «بېنار خەۋەرلىرى» تورىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن تايلاندتىكى ئادۋوكات ۋانات: «بۇ يەتتە كىشى باڭكوكنىڭ شەرقىي شىمالىغا 685 كىلومېتىر كېلىدىغان مۇكداخان ئۆلكىسىدىكى تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ» دېگەن.
رادىيومىز «بېنار خەۋەرلىرى» تورى گۇرۇپپىسىنىڭ 9-مارت دۈشەنبە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، 2014-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلات دىرېكتورى چالىدا تاجاروئېنسۇكنىڭ 1-ئايدا ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭغا «مۇكداخان مۇساپىرلار لاگېرىدىكى كامېردىن قېچىپ كېتىشىمىزدىكى سەۋەب تار ۋە تازىلىق شارائىتىغا چىدىيالمىغانلىقىمىزدا» دېگەنلىكلىرى نەقىل ئېلىنغان.
چالىدا «بېنار خەۋەرلىرى» تورىغا مۇنداق دېگەن: «ئۇلار تېخىمۇ ياخشى مۇھىتتا ۋە نەپەسلىنىش بوشلۇقى يېتەرلىك، ھەقىقىي تۈرمىدە يېتىشىنى خالايمىز. بىز ئاۋام پالاتا كومىتېتىغا خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان ۋە ھالال يېمەكلىكلەرگە ئېرىشەلەيدىغان ئەسلىھەلىرىنىڭ بار بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز».
مۇساپىرلار لاگېرىدىن قاچقان 7 ئۇيغۇرنىڭ ئادۋوكاتى ۋانات «بېنار خەۋەرلىرى» تورىغا يەنە: «بۇ يىل يىل بېشىدا تايلاندنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قاچقان يەتتە ئۇيغۇر ئالدىنقى ھەپتە تۈرمە بۇزۇش، دۆلەت مۈلكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە ئەمەلدارلارنى قورقۇتۇش جىنايىتى بىلەن ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇلار تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ دېلوغا نارازىلىق ئەرزى سۇنماسلىقى مۇمكىن» دەپ بىلدۈرگەن.
تايلاند تىلىدىكى «تايلاند رات گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇكداخاننىڭ سۇڭ پېي كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى سورنچاي راسرىخام شاللىقلاردىكى، يەنى گۈرۈچ ئېتىزلىرىدىكى چاشقانلارنى يوقىتىۋاتقاندا ئۇيغۇرلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ مىلتىق ۋە ئۇزۇن كالتىكىنى ئېلىپ، 30 مىنۇتتىن كېيىن ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كەتكەن.
ئادۋوكاتنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارغا مىلتىقىنى تارتقۇزۇپ قويغان مەزكۇر دەۋاگەر ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان بولۇپ، ساقچىلار بۇنى «بۇلاڭچىلىق دېلوسى» دەپ قاراپ، مەزكۇر ئۇيغۇرلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
2015-يىلى، تايلاند بۇ دۆلەتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 350 ئۇيغۇرنىڭ 100 نى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بەرگەندە خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى. بىراق تايلاند دائىرىلىرى ئارىدا تايلاندتىن 170 گە يېقىن ئايال ۋە بالىنى تۈركىيەگە ئەۋەتىۋەتكەن. نۆۋەتتە، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى 2014-يىلىدىن باشلاپ تايلاندتىكى ھەر قايسى مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا تۇرۇۋاتقان، مەسىلىسى تېخىچە ھەل بولمىغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلمەكتە.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرىنى بېجىرگۈچى خادىملىرىدىن مايا ۋاڭنىڭ تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بەرگەن يازما جاۋابىغا قارىغاندا، مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىككى نەپەر كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرگۈچىسى مەخسۇس تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان لاگېرلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى ۋە شارائىتلارنىڭ ناچارلىقى سەۋەبلىك ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ تايلاند دائىرىلىرىنىڭ تۈرمىدىن قاچقان بۇ ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن جازاسىنى، سىياسىي قارار دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «يەتتە ئۇيغۇرنىڭ ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى سىياسىي مەقسەت بىلەن خىتاينى رازى قىلىش قارارىدۇر» دەپ تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلار ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلمىغان. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر جىنايىتى ئۆز ۋەتىنىدە خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيانكەشلىكىدىن قېچىش. ئۇلار مۇساپىرلارنى قوغداش خەلقئارا قانۇنى بويىچە قوغدىلىشقا لايىق».