تايلاندتىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە دىققەت قىلماقتا

0:00 / 0:00

ئىككى ئاي ئىلگىرى تايلاندنىڭ مۇساپىرلار لاگېرلىرىدىكى 52 ئۇيغۇر نامىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە ئاستىلىرىدا بىر مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە نىسبەتەن قايتىدىن ئەندىشىسىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغانىدى.

تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مۇراجىتىدە تايلاندتىكى لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ خىتايغا يوللىنىپ، يەنە بىر قىسمىنىڭ تۈركىيەگە يولغا سېلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ پارچىلىنىپ، قېرىنداشلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلغانلىقى، بۇ جەرياندا بەزىلەرنىڭ يېتىم بولۇپ قالغانلىقى، ھەتتا بەزىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ مۇراجىئەتنامىنى تارقاتقۇچىلار يەنە ھازىرمۇ جەمئىي 52 ئۇيغۇرنىڭ، تايلاندنىڭ 5 ئوخشىمىغان مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئەركىنلىكتىن مەھرۇم، تاماق، ياتاق ۋە داۋالىنىش شارائىتلىرى ئىنتايىن ناچار بولغان قىيىنچىلىقتا تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشىغا جىددىي ياردەم كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە قىسمەن چەتئەل تاراتقۇلىرىدىلا ئەمەس يېقىندا يەنە تايلاند يەرلىك مەتبۇئاتىدىمۇ تىلغا ئېلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى بۇ ھەقتە تايلاندتىكى مەلۇم مۇساپىرلار لاگېرىدىن رادىيومىزغا ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن مەلۇمات يەتكۈزگەن بىر ئۇيغۇر، «باڭكوك شەنبىلىك خەۋەرلەر گېزىتى» دە ‏3 ‏-ئاۋغۇست كۈنى مەخسۇس تايلاندتىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىنغانلىقىنى، بۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بىر خەۋەر بولدى دەپ ئۈمىدلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «باڭكوك شەنبىلىك خەۋەرلەر گېزىتى» دىكى مەزكۇر ماقالىدا تايلاندتا يەنە 49 ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندا ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچرايدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمىدە مەزكۇر بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك بېرىشى چاقىرىق قىلىنغانىكەن.

يېقىندا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتناشقان تايلاند كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنىڭ تايلاندتىكى ئامما ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىمۇ دىققەت قوزغاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىشتى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تايلاند شاھزادە سوڭكلا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور سرىسومپوب جىتپىرومسرى ئەپەندى، بىزنىڭ «تايلاندتىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردارمۇ سىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە خەۋىرىم بار، كونكرېت ئەھۋاللىرىنى بىلمىسەممۇ ئەمما بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا ئۇزۇندىن بۇيان تېخى بىر قارار ئېلىنماي تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. بولۇپمۇ، خەۋەرلەردىن ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى بىئارام بولدۇم. بەك يامان بولدى».

ئۇ، بىزنىڭ «ئۇنداقتا مۇبادا ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندا قانداق ۋەزىيەتتە قالىدىغانلىقىنى بىلەمسىز ؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «ئەلۋەتتە بىلىمەن، ئىلگىرى تايلاندتىن قايتۇرۇلغان 100دەك ئۇيغۇرنىڭ ھەر تۈرلۈك جىسمانىي قىيناقلارغا ئۇچراش ھەتتا ئۆلتۈرۈلۈش ئېھتىماللىقى بارلىقى تىلغا ئېلىنغانىدى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماپ بەكمۇ ئېغىر ۋەزىيەت شەكىللەندۈرگەن مۇنداق ۋەزىيەتتە ئۇلارنى قايتۇرۇش بەكمۇ خەتەرلىك بولىدۇ. بۇ ئىنسانلىققا ياتمايدۇ. لېكىن، تايلاندنىڭ نۆۋەتتىكىدەك ھەربىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان سىياسىي ۋەزىيىتى، بىز تايلاندتىكى كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرنىڭمۇ بۇ ئۇيغۇرلارغا ئەمەلىي ياردەم بېرىشىگە بەلگىلىك رىقابەت ياراتماقتا. چۈنكى، بىزنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلاردا جىسمانىي قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ ھەقتە تايلاند قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ ھازىرچە نەتىجە ھاسىل بولمىدى. ھازىر ياخشى تەرىپى بۇ مەسىلىدە تايلاند ھۆكۈمىتىگە قارىتا خەلقئارانىڭ بېسىمى بارغانچە ئاشماقتا. مېنىڭچە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشتە، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە خەلقئارالىق ئاخباراتلار ئارقىلىق تايلاند ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش ئەڭ توغرا بىر يول».

ھازىر بىر قىسىم تايلاند كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىمۇ ئۆزلۈكىدىن ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تايلاند كىشىلىك ھوقۇق ۋە تىنچلىق ئىنستىتۇتىغا ۋاكالىتەن ۋاشىنگتوندىكى يىغىنغا قاتناشقان، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى فاتېررا مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزۈم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بىۋاسىتە ئارىلاشمىغان بولساممۇ، مېنىڭ يېقىن بىر دوستۇم يەنى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىرقى تايلاند ھۆكۈمىتىدىن تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇ مەسىلىدە ئۇنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىدىن خەۋىرىم بار».

ئۇ، بىزنىڭ «ئۇنداقتا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كېتىش خەۋپى ھېلىمۇ مەۋجۇتمۇ ؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى قايتۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلغاندا ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقىدىن ئېنىق سىگنال بېرىلگەن بىر ئەھۋال ئاستىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇش مۇمكىنلىكى تۆۋەن، ئەمما يەنىلا خەتەردىن تامامەن قۇتۇلۇپ كەتتىمۇ دېيەلمەيمەن. بىز ئىنسانلىققا ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە ئىشىنىمىز. شۇڭا بىزمۇ تايلاندتا بۇ ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت قىلىمىز. بىز ھۆكۈمەتكە بۇ ھەقتە قانۇنلۇق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلغاندىن باشقا بۇ مەسىلىنىڭ تايلاندتا ئاممىنىڭمۇ كۆڭۈل بۆلىشىنى قوزغىشىغا تىرىشىشىمىز لازىم، ئۇيغۇر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىز بىلەن ھەمكارلىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز».

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇلارغا ئۈچىنچى بىر دۆلەتتىن چىقىش يولى ئىزدەش ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت قىلماقتىكەن.