بىلىنكېن: خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەر قانداق تاجاۋۇز ھەرىكىتى «دەھشەتلىك ئاقىۋەت» پەيدا قىلىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن جۈمە كۈنى دۇنيا رەھبەرلىرى قاتناشقان بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاي تەيۋەنگە قاراتقان ھەر قانداق تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتىنىڭ «دەھشەتلىك ئاقىۋەت» پەيدا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ھەمدە خىتاي رەھبەرلىرىنى تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرمەسلىك توغرىسىدا ناھايىتى ئەستايىدىل ئويلىنىشقا چاقىرغان.

بىلىنكېن بۇ سۆزلەرنى جۈمە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقى ساھىبخانىلىق قىلغان «رويتېرس نېكست» ناملىق ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن نوپۇزلۇق سىياسىيون ۋە نوپۇزلۇق ئەربابلار قاتناشقان بىر سۆھبەت يىغىندا قىلغان.

ئۇ، بېيجىڭ دائىرىلىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇپ كېلىۋاتقان تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ بۇ ئارالنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئەقىدىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىلىنكېن مۇنداق دېگەن: «مەن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ كرىزىسىنى كۈچەيتمەسلىك توغرىلىق ئەستايىدىل ئويلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭچە، بۇ كرىزىس نۇرغۇن كىشىلەرگە دەھشەتلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، خىتايدىن تارتىپ ھەممەيلەننىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق.»

ئەگەر تەيۋەن تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغاندا ئامېرىكا ھەربىي كۈچ ئەۋەتىشكە ۋەدە بېرەلەمدۇ-يوق دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەن بىلىنكېن «بىزنىڭ تەيۋەننىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشىنى كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىمىز مەسىلىسىدىكى مەيدانىمىز يىللاردىن بۇيان ناھايىتى ئېنىق ۋە ئىزچىل روشەن بولۇپ كەلدى. بىز بۇ ۋەدىمىزگە ئىزچىل كاپالەتلىك قىلىمىز.»

يېقىدىن بۇيان خىتاينىڭ تەيۋەننىڭ ھاۋا مۇداپىئە رايونىغا كۆپ قېتىم سۇقۇنۇپ كىرىپ، تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرگەنلىكى دۇنياۋى دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان.

بۇ يىل ئۆكتەبىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېن ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتىپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.