تەكلىماكان قۇملۇقىدا نېمىشقا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى؟

0:00 / 0:00

بىر قانچە كۈندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا تەكلىماكان قۇملۇقىدا سۇ ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر ئارقا-ئارقىدىن تارقىلىشقا باشلىدى. قۇملۇقتا سۇ ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشى دەماللىققا ئادەمنىڭ تازا ئەقلى يەتمەيدىغان بىر ئەھۋالدەك بىلىنىدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا خىتاي سىرتىدىكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە بۇ ۋەقە كۆپ دىققەت قوزغىمىدى. ھالبۇكى، خىتاينىڭ «شىنخۇا تورى»، «خەلق تورى» ۋە «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، شۇنداق بىر ئىشنىڭ بولغانلىقى ئېنىق. ئادەتتە تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدە بەزىدە سۇ ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشى نورمال ئەھۋال ھېسابلىناتتى، ئەمما تارىم ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىي قىسمىغا جايلاشقان غايەت زور قۇملۇق - تەكلىماكان چۆلىدە سۇ ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشى ھەيران قالارلىق ئەھۋال ئەمەسمۇ؟

دەرۋەقە، شۇنداق! بۇ بىر ھەيران قالارلىق ئەھۋال بولسىمۇ، تەكلىماكاندا سۇ ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىن بۇيان تەكلىماكان چۆللۈكىدە ھەر يىلى دېگۈدەك سۇ ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىپ تۇرغانلىقى، ھالاكەت دېڭىزى دەپ ئاتالغان بۇ زور چۆل-جەزىرىدە ھەتتا بىر قانچە كۆللەرنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقى، شۇنداقلا تەكلىماكاننىڭ ئاستىدا غايەت زور سۇ مەنبەسىنىڭ بايقالغانلىقى. . . غا دائىر تۈرلۈك خەۋەرلەر خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئىزچىل تارقىلىپ يۈرمەكتە. دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىم ئويمانلىقىغا سۇ يۆتكەش، تەكلىماكان چۆللۈكىنى ئىنسانلار ئولتۇراقلىشالايدىغان بوستانلىققا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى ھېلىھەم توختاپ قالغىنى يوق. بىز بۇ ھەقتە « خىتاينىڭ تارىم ئويمانلىقىغا سۇ يۆتكەش قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇق كىرىزىسى» ناملىق ئوبزورىمىزدىمۇ توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق.

كۈنسېرى ئازىيىپ قۇرۇشقا باشلىغان ۋە ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان تۈمەن دەرياسىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىن ئۆتكەن بۆلىكى.
كۈنسېرى ئازىيىپ قۇرۇشقا باشلىغان ۋە ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان تۈمەن دەرياسىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىن ئۆتكەن بۆلىكى. (Qeshqer sheher tori)

خىتاي مەنبەلىرىدە تەكلىماكاندا سۇ ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىنى «يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك ئېرىپ كېتىشى» گە باغلاپ تەبىرلىگەن. ئۇنداقتا، تەكلىماكان قۇملۇقىدا سۇ ئاپىتىنى يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبى راستتىنلا خىتاي ئېيتقاندەك كىلىمات ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ ئۇنداق بولۇشى ناتايىن! گەرچە يەر شارىدا كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئېغىر بولۇۋاتقانلىقى، شۇنداقلا يەر شارى خاراكتېرلىك بىنورمال ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى راست بولسىمۇ، ئەمما تەكلىماكاندىكى سۇ ئاپىتىنىڭ كەينىدە مەلۇم سۈنئىي سەۋەبلەرنىڭ رول ئويناۋاتقانلىقى ئېنىق.

بۇ يىل 5-ئىيۇل فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا «نېمىشقا سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنى قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە (كۈن تاختا) بىلەن قاپلاش ناچار پىكىر؟» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدا گەرچە كىشىلەر قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كىلىمات ئۆزگىرىشىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى دەپ قارىسىمۇ، لېكىن شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىشنىڭمۇ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنى مەزكۇر ماقالىدا ئەنگلىيەدىكى نوپۇزلۇق «تەبىئەت» ژۇرنىلىنىڭ قارمىقىدىكى «يەر شارى ئالاقىسى ۋە مۇھىت» CEE£©) ژۇرنىلى 2024-يىلنىڭ بېشىدا تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا، ئەگەر ئافرىقادىكى سەھرايى كەبىر چۆلىدە ئورناتماقچى بولغان كۈنتاختىلارنىڭ كۆلىمى مەلۇم نىسبەتتىن ئېشىپ كەتسە، يەر شارىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى ئامازوننىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىغا زور تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىزنىڭ مەزكۇر ماقالىنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىشىمىز سەۋەبسىز ئەمەس، ئەلۋەتتە. چۈنكى خىتاي ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا تەكلىماكان قۇملۇقىدا زور كۆلەمدە كۈنتاختا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نەچچە مىليون ئاھالىنى توك بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلدى. خىتاينىڭ « شىنجاڭنىڭ توكىنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىللار بولدى. بۈگۈن كۆپلىگەن خىتاي ئۆلكىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توكىنى ئىشلىتىدىغان ئەھۋالغا كەلدى. مىسالغا ئالساق، خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا تورى» نىڭ 2022-يىلى 16-دېكابىر ئېلان قىلغان « شىنجاڭ نېمىشقا خىتاينىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەمىنلىشىدىكى ئەڭ چوڭ بازىغا ئايلىنالىدى؟» ناملىق ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلى نۆۋەتتە خىتاينىڭ 20 ئۆلكە ۋە شەھىرىنى توك بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي مەركىزىي خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ يىل 11-ئىيۇن كۈنى تەكلىماكان قۇملۇقىدا قۇرۇلغان غايەت زور قۇياش نۇرى ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھەققىدە بىر خەۋەر ئېلان قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى مەزكۇر قۇياش ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ كۆلىمى 3300 مو بولۇپ، ئۇنىڭ 260 مىڭ پارچە كۈنتاختىدىن قۇراشتۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خىتاي ئاتالمىش « 12-بەش يىللىق پىلانى» مەزگىلىدىلا ئۇيغۇر ئېلىدە قۇياش ئېنېرگىيەسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ بولغان. ئاتالمىش « 14-بەش يىللىق پىلان» ىدا بولسا پەقەت جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى مەركەز قىلغان قۇياش نۇرى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش، قۇياش نۇرى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق قۇملۇققا تاقابىل تۇرۇشنى بېكىتكەن. شۇنداقلا دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇش پىلانىنى باشلىغان.

دېمەك، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئېلى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئاساس قىلىدىغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلانغانلىقى شەكسىز! لېكىن يۇقىرىدا بىز فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ سەھرايى كەبىردە كۈنتاختىلارنى كەڭ كۆلەمدە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يەر شارى كىلىماتىغا يامان تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدۇق. ئەجەبا، تەكلىماكان قۇملۇقىدا ۋە تارىم ئويمانلىقىدا كەڭ كۆلەمدە كۈنتاختا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىلىماتىغا تەسىر كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟ نۆۋەتتە تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئىبارەت مەركىزىي ئاسىيادىكى يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى ئەڭ ئاز بولغان بۇ غايەت زور چۆللۈكتە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك كەلكۈن ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى قالايمىقان ئېچىش، قالايمىقان ئىشلىتىش ئۇرۇنۇشى بىلەن ئالاقىسى يوق، دېيەلەمدۇق؟ بولۇپمۇ پامىر، قاراقۇرۇم، تەڭرىتاغ ۋە باشقا مۇزتاغلاردىكى قار-مۇزلارنىڭ بۈگۈنگە كەلگەندە تېز سۈرئەتتە ئېرىپ كېتىۋاتقانلىقى، پەقەتلا يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

ئومۇمىي كۆلىمى ئۇيغۇر ئېلى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 59.3 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان، جەمئىي كۆلىمى 972 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر چوڭلۇقتىكى تارىم ئويمانلىقنىڭ مەركىزىدە غايەت زور قۇملۇق - تەكلىماكان چۆلى سوزۇلۇپ ياتىدۇ. تەكلىماكان چۆلىنىڭ گىرۋەكلىرىدە 60 تىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك بوستانلىقلار جايلاشقان. تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى تاغ تىزمىلىرىدىن ئېقىپ كەلگەن يۈزلىگەن دەريا-تاراملار خوتەن، يەركەن، قەشقەر، ئاقسۇ دەريالىرى بىلەن قوشۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەيۋەتلىك تارىم دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 330 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئۇ دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كۆچمە قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەردىكى كۆچمە قۇملار قۇياش نۇرىنىڭ ئىسسىقلىقىنى سۈمۈرۈۋېلىپ، ئەتراپتىكى بوستانلىقلارغا ھارارەت بېرىدۇ، شۇنداقلا دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا بەكمۇ قولايلىق شارائىت يارىتىدۇ. شۇڭىمۇ تارىختىن بۇيان تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى بوستانلىقلاردا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار بۈيۈك بوستانلىق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلالىغان. ھالبۇكى، 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەش يۈز نەچچە دەريا ئېقىنلارنى تىزگىنلەپ، غايەت زور كۆلەمدە بوز يەر ئېچىپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان. شۇ سەۋەبتىن بىپايان تەبىئىي توغراقلىقلار قۇرۇپ، كۈرمىڭلىغان قىممەتلىك ئۆسۈملۈكلەر ۋە ياۋايى ھايۋاناتلار غايىب بولغان. تېخىمۇ ئېچىنارلىقى شۇكى، بىڭتۈەننىڭ سۇ مەنبەلىرىنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىشى ئارقىسىدا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئېغىر نامراتلىق كىرىزىسىگە پاتۇرۇلغان.

شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، بۈگۈنمۇ تارىخ قايتا تەكرارلانماقتا! خىتاي بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش بەدىلىگە خىتاي ئۆلكىلىرىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىمەكتە.

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]