خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىماكاندا «قۇمنى تىزگىنلەپ، ياشاش مۇھىتى بەرپا قىلىش» مۆجىزىسى ئارقىسىدا
2024.12.03
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 25-نويابىر خىتاي ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر رايونى ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ لىدوڭ، تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى قۇمنى توسۇپ زەربە بېرىش «جېڭى» نىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بوستانلىق بەرپا قىلىپ قۇم-بوران مەنبەسىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى يولغا قويۇپ، تەكلىماكاننىڭ بىر پۈتۈن ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئالغا سىلجىتىلغانلىقىنى ماختىغان.
جۇ لىدوڭ «ھازىر، 285 كىلومېتىرلىق قۇملۇق گىرۋەكلىرىنى قۇلۇپلاش ۋەزىپىسىنىڭ 269 كىلومېتىرى تاماملانغان، تاماملىنىش نىسبىتى %94. مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تاماملاپ بولۇشنى مۆلچەرلەۋاتىمىز» دېگەن.
ئۇنىڭ «جەڭ» دەپ تەسۋىرلەۋاتقىنى بولسا، يىللاردىن بېرى مانا بۇ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، كەڭ كۆلەملىك قۇمنى تىزگىنلەپ تۈزەش قۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىدىكەن. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلاردىن كۈرە، دائىرىلەر تەكلىماكان ئەتراپىدا، قۇمنى دائىرىلەپ، ئورمان بىنا قىلىش، ئوت-چۆپ تېرىش ۋە قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، تەكلىماكاندىكى قۇمنى تىزگىنلەش، تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتىدىغان يول ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەرنى قوغداش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن.
تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان تەكلىماكان قۇملۇقى، خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ قۇملۇق ۋە دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ كۆچمە قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقى شەرقتىن غەربكە 1000 كىلومېتىر، شىمالدىن جەنۇبقا 400 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئايلانمىسى 3046 كىلومېتىرغا، يەر مەيدانى 337،000 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيەسىنىڭ يېقىندا تەكلىماكان قۇملۇقىنى ھاۋادىن تارتقان كۆرۈنۈشلىرىگە قارايدىغان بولساق، تەكلىماكاننىڭ قۇمىنى توسۇپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغدايدىغان ئورمان تورى ۋە مېۋىلىك باغ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كۆلەملەشكەنلىكى، چىلان، ياڭاققا ئوخشاش قۇرغاق ھاۋاغا چىداملىق مېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. تەكلىماكان قۇملۇقىدا سۈنئىي ئۇسۇلدا بەرپا قىلىنغان بۇ يېشىل ئورمان ۋە بوستانلىقلار، شىمالدىن جەنۇبقا تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئۆتىدىغان تاشيول، شۇنداقلا خوتەن دەرياسى ۋە كېرىيە دەرياسىدىن ئۆتۈپ، تاشيول لىنىيەسى ۋە دەريا قىرغاقلىرىنى قوغدايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا بۇ، تەكلىماكاندا بەرپا قىلىنغان «يېشىل سەددىچىن»، «يېشىل ئەجدىھا» كەبى مۆجىزە دەپ تەسۋىرلىگەن.
ئىلگىرى خىتاي تەكلىماكاننى ئادەم ياشاشقا ماس كەلمەيدىغان «كىرىشى بار چىقىشى يوق ھالاكەت دېڭىزى» دەپ تەسۋىرلەپ كەلگەنىدى. ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردا تەكلىماكان قۇملۇقى خىتايدىكى قۇملۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالغان. ۋە قۇملۇقنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش تەدبىر سىياسەتلىرىنى ئېكولوگىيەلىك تۈزەش دەپ تەشۋىق قىلماقتا. ۋاھالەنكى خىتاينىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا يەنىمۇ كۆپ خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈپ كېلىش ۋە ئۇلارغا بۇ دائىرىدە ھايات مۇھىتى ھازىرلاش ئىكەنلىكى مەيدانغا چىقماقتا.
خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا يەنە تەكلىماكان قۇملۇقىدا، كۈچلۈك غەربىي شىمال شامىلى ۋە شەرقىي شىمال شامىلى چىققاندا، قۇم ئاسمان-پەلەك ئۆرلەپ، ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدىغانلىقى، بۇ رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە يەرلىك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. ئۇنداقتا تەكلىماكاننىڭ خەتەرلىك شارائىتىدا بۇ بوستانلىقلارنى كىملەر، قانداق قىلىپ مۆجىزە بەرپا قىلماقتا؟
بىز بۇنى، تاراتقۇلاردا يېقىندىن بۇيان قاقاس قۇملۇقتا، توپ-توپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسسىق ۋە قۇم بورانلىق ناچار ھاۋا شارائىتىغا قارىماي، ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر نۇرغۇن تىك-توك ۋىدىيولىرىنى ھەمبەھىرلەپ كېلىۋاتقان، ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتقا مۇراجىئەت قىلدۇق.
زۇمرەت خانىم ئۆزىنىڭ بۇ ۋىدىيولارنى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ھاشار ئەمگىكىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا داۋام قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گەرچە يىللار ئاۋۋال خىتاي ھاشارنى بىكار قىلغانلىقىنى جار سالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ھەر خىل ئوخشىمىغان ناملار ۋە شەكىللەردە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە ئىدى.
تەكلىماكاندىكى ئاتالمىش قۇم تىزگىنلەش ۋە كۆكەرتىشىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاشار ئەمگىكى ئارقىلىق بەرپا بولغانلىقى، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدىنمۇ ئاشكارىلىنىدۇ. خىتاي باشقۇرۇشىدىكى تەڭرىتاغ تورى-2023 يىلى-4 دېكابىردا «شىنجاڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش داۋامىدا كۆپ تەرەپ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى» ناملىق خەۋەر تارقاتقانىدى. مەزكۇر خەۋەردە ئاۋات ناھىيەسىدىكى كادىرلار، ئامما يېڭىئېرىق بازىرىنىڭ ئەشمە رايونىدا مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغانلىقى، ھازىرغىچە، بۇ ناھىيەنىڭ 240 مىڭ مو قۇملىشىپ كەتكەن يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
زۇمرەت خانىم يەنە، تەكلىماكاندىكى بوستانلىقلارنىڭ خىتاي ئېيتقاندەك، قانداقتۇر تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياكى بەخت يارىتىشنى ئەمەس، بەلكى يەنىمۇ كۆپ خىتايلارنى كۆچۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيەسىدە يېقىنقى كۈنلەردە، خىتاينىڭ تەكلىماكاندا چۆلنى بوستان قىلىش مۆجىزىسىنىڭ بىر مودېلى سۈپىتىدە، ئارالنىڭ نەشپۈت باغچىسى، ئۆرۈك، چىلان باغلىرى، شاللىق، كېۋەزلىكلىرى كۆرسىتىلىپ، بۇ جاينىڭ ھەر يېرىنىڭ بايلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.
بىڭتۈەننىڭ كېڭىيىشى ۋە بىڭتۈەندىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 شەھەر، خىتاينىڭ كۆچمەن يۆتكەش، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن قارشىلىقلارنى بىڭتۈەن ئارقىلىق باستۇرۇشىدا يىللاردىن بۇيان مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. 2004-يىلى 1-ئايدا قۇرۇلغان، ئارال ھازىر جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي نوپۇسى ئەڭ زىچ شەھەر بولۇپ، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى نوپۇسى 409 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان. ئۇ، خىتاي ساياھەتچىلىرىگە بىڭتۈەننىڭ «چۆلنى بوستان قىلىش تارىخى» نى تونۇشتۇرىدىغان ئۈلگىلىك تەشۋىقات نۇقتىسى قىلىنماقتا ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان مەبلەغ ۋە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىمكانىيەتلىرىنىڭ بارىچە تەكلىماكاندا، قۇمنى تىزگىنلەپ، قۇرغاق كىلىماتقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئورمانلىقلارنى بەرپا قىلىش، شورغا چىداملىق بوز يەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. نەتىجىدە ئالدى بىلەن ئاقسۇدىكى بىڭتۈەن 1-دىۋىزىيەسىگە قاراشلىق ئارال شەھىرىنى كۆكەرتىش ۋە كېڭەيتىش بازىسى قىلغان؛ بۇ جاينىڭ بوستانلىق قۇملۇققا قاراپ 20 كىلومېتىردىن ئارتۇق كېڭەيتىلگەنلىكى مەلۇم بولغانىدى.
تارىم ۋادىسىنى ئاساس قىلىپ ماكانلاشقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، ئۇزاق تارىخى جەرياندا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئەمەلىيىتىدە، توغراق، يۇلغۇن، يانتاق، ئالقات، جىغان، جىگدە، توشقانزەدىكى، بېدە، چۈچۈكبۇيا قاتارلىق قۇملۇق رايون خاسلىقىغا ئىگە سۇ تېجەش تىپىدىكى ئورمان، ئوت-چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ چۆلنى بوستان قىلىپ ياشاپ كەلگەنلىكى كۆپ خىل مەنبەلەردە خاتىرىلەنگەن. مۇتەخەسسىسلەر تارىم دەريا ۋادىسىدىكى توغراقلىق، يۇلغۇنلۇق، كېرىيە ناھىيەسىدىكى قۇملۇق قىزىلگۈلى، چەرچەن ئەتراپىدىكى سېھىرلىك توشقان زەدىكى، يانتاق، سۆك-سۆكلەردىن تەبىئىي گىرەلىشىپ كەتكەن تەبىئىي ھالدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش توسۇقى بولۇپ كەلگەنلىكىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قۇملۇقتىكى ھايات ۋە ئەقىل پاراسىتىنىڭ مىسالىدۇر دەپ قارايدۇ.
تەكلىماكاننىڭ ئەڭ ئىچىدىكى دەريا بويى يېزىسى بولسا، يېقىندا مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەنگە قەدەر، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت قانۇنىيىتىگە، ئەمەلىي جۇغراپىيەلىك ئەھۋال ۋە يەر ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، شۇ ماكاننىڭ خاسلىققا ئىگە ئۇسۇلدا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىپ ۋە قۇمنى تىزگىنلەپ كەلگەنلىكىنىڭ جانلىق ئىسپاتى.
ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ھالبۇكى خىتاي بىڭتۈەنى قۇرۇلغان 50 يىلدىن بۇيان، تارىم ۋادىسىدا سۇ مەنبەسى ۋە مۇنبەت تۇپراقلارغا ئىگە بولۇۋېلىپ، ۋە يەنە داۋاملىق «بوز يەر ئېچىش» باھانىسىدە، تەكلىماكاننى قوغداپ كەلگەن بۇ تەبىئىي توغراقلىقلارنى ۋەيران قىلىشى، سۇ بايلىقىنى ھەددىدىن زىيادە پايدىلىنىشى ۋە نېفىت ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى قالايمىقان ئېچىشى نەتىجىسىدە، تۇپراقنىڭ قۇملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە تەڭپۇڭلۇقىغا كۆرۈنەرلىك سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن.
بۇ جەھەتتىكى تىپىك مىسال تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى ھېسابلىنىدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشى سەۋەبىدىن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ، تارىم دەرياسىنىڭ جەمئىي 363 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قىسمى ئاستا-ئاستا قۇرۇپ كەتكەن، لوپنۇر كۆلىمۇ پۈتۈنلەي قۇرۇپ، ھازىر ئۇ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى.
قۇملۇقنى كونترول قىلىشتىكى ئەڭ ھالقىلىق ئامىل سۇ مەنبەسى بولۇپ، خىتاي قۇملۇقنىڭ چېتىدە سۇ مەنبەسى بىر قەدەر مول رايونلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش «قىرغاقنى قۇلۇپلاش» نىڭ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بەزى تاراتقۇلاردا تىلغا ئېلىنغاندەك، ئەگەر خىتاي بۇ جايغا كەلگۈسى بەش يىلدا يەنە 4 مىليوندىن 5 مىليونغا قەدەر خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەشنى كۆزلىگەن بولسا، سۇ بايلىقىغا بولغان ئېھتىياج ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن. سۇغا بولغان ئېھتىياجنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىتاي ھەتتا يارلۇ زاڭبۇ دەرياسى سۈيىنى تەكلىماكانغا باشلاش پىلانىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى.
-2017 يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ خىتاينىڭ تىبەتتىن تونېل ئارىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە سۇ يۆتكەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئاۋسترالىيەدىكى بىر خەلقئارالىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى خىتاينىڭ بۇ پىلانىنىڭ، قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، تېخنولوگىيە ۋە گېئولوگىيەلىك رېئاللىقلار تۈپەيلى روياپقا چىقمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ قىرغىقىدا بوستانلىق ھاسىل بولۇشىدىكى ئاساسلىق سۇ مەنبەسى يەكەن دەرياسىدا «شىنجاڭدىكى سەنشيا قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتالغان ئارىتاش سۇ تېجەش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، غايەت زور سۇ ئىنشائاتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. شۇنداقلا بۇ دەريا بويلىرىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى، يۇرت-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ تارقاقلاشتۇرماقتا.
خىتاي ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا ھازىر، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەتراپىدا، قۇملۇقنى كونترول قىلىش تۈرلىرى توختىماي ئېلىپ بېرىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا قۇملۇقلاردىن كۆپ تەرەپلىمە پايدا ئېلىشتا، 7 ئاچقۇچلۇق باشقۇرۇش تۈرى ۋە يەنە نۇرغۇن تارماق تۈرلەر ئۈچۈن زور مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ، بۇلار 2030-يىلغىچە داۋاملىشىدىكەن. ئاجرىتىلغان ئومۇمىي مەبلەغ 12 مىليارد 355 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن. ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش كۆلىمى بولسا 25 مىليون 920 مىڭ مو بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى ۋە قۇمۇل شەھەرلىرىدىكى 46 ناھىيەگە چېتىلىدىكەن.
ھازىر قارايدىغان بولساق، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش ۋە ئۇلارغا ياشاش مۇھىتى يارىتىش ئېھتىياجى بىلەن، تەكلىماكاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇمنى توسۇش جېڭىدىن باشقا يەنە، مالىيە، يەر ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئالاقىدار سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشكە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە باشلىغان.