قىرغىزىستانلىق رەسسام تەلەت مىررەھىموف: «50 يىللىق رەسساملىقىمنى ئۇيغۇرلار ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە بېغىشلىدىم!»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.07.26
Telet-Mirreximov قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم رەسسام تەلئەت مىررەھىموف ئەپەندى.
Photo: RFA
Telet-Mirreximov-ijadiyiti-1

قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم رەسسام تەلئەت مىررەھىموف ئەپەندى ئىجادىيەتلىرى. Telet Mirrehimof teminligen

Telet-Mirreximov-ijadiyiti-2

قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم رەسسام تەلئەت مىررەھىموف ئەپەندى ئىجادىيەتلىرى. Telet Mirrehimof teminligen

Telet-Mirreximov-ijadiyiti-3

قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم رەسسام تەلئەت مىررەھىموف ئەپەندى ئىجادىيەتلىرى. Telet Mirrehimof teminligen

Telet-Mirreximov-ijadiyiti-4

قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم رەسسام تەلئەت مىررەھىموف ئەپەندى ئىجادىيەتلىرى. Telet Mirrehimof teminligen

Telet-Mirreximov-ijadiyiti-5

قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم رەسسام تەلئەت مىررەھىموف ئەپەندى ئىجادىيەتلىرى. Telet Mirrehimof teminligen

Telet-Mirreximov-ijadiyiti-6

قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم رەسسام تەلئەت مىررەھىموف ئەپەندى ئىجادىيەتلىرى. Telet Mirrehimof teminligen

Telet-Mirreximov-ijadiyiti-7

قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم رەسسام تەلئەت مىررەھىموف ئەپەندى ئىجادىيەتلىرى. Telet Mirrehimof teminligen

Telet-Mirreximov-ijadiyiti-8

قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم رەسسام تەلئەت مىررەھىموف ئەپەندى ئىجادىيەتلىرى. Telet Mirrehimof teminligen

Telet-Mirreximov-ijadiyiti-9

قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم رەسسام تەلئەت مىررەھىموف ئەپەندى ئىجادىيەتلىرى. Telet Mirrehimof teminligen

Telet-Mirreximov-ijadiyiti-10

قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم رەسسام تەلئەت مىررەھىموف ئەپەندى ئىجادىيەتلىرى. Telet Mirrehimof teminligen

Telet-Mirreximov-ijadiyiti-11

قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم رەسسام تەلئەت مىررەھىموف ئەپەندى ئىجادىيەتلىرى. Telet Mirrehimof teminligen

Telet-Mirreximov-ijadiyiti-12

قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم رەسسام تەلئەت مىررەھىموف ئەپەندى ئىجادىيەتلىرى. Telet Mirrehimof teminligen

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر رەسساملىرى مىللىي تەسۋىر سەنئىتىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبلىرىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ بىرى، قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم رەسسام تەلئەت مىررەھىموفتۇر.

بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن تەلەت مىررەھىموف ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر رەسساملىقى تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان رەسسام دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇنىڭ رەسىملىرىدە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى ۋە بۈگۈنكى ھاياتى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ئۆزگىچە سەنئەت ئۇسلۇبىدا نامايان قىلىنغان. ئىگىلىشىمىزچە، ئۇنىڭ مىللىي روھ ئىپادىلەنگەن ماي بوياق رەسىملىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن باشلاپ، كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە كۆرگەزمىلەرگە قويۇلغان؛ بىر قىسىم رەسىملىرى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىنغان ۋە رەسىم توپلىمى قىلىپ نەشر قىلىنغان.

23-ئىيۇل كۈنى پېشقەدەم رەسسام تەلئەت مىررەھىموفنى تېلېفوندا زىيارەت قىلدۇق. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 1944-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئەمما 1955-يىلى ئائىلىسى بىلەن غۇلجا شەھىرىدىن قىرغىزىستانغا كۆچۈپ كەلگەن. قىرغىزىستاندا رەسىم كەسپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1968-يىلى قىرغىزىستان رەسساملار ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى سەنئەت فوندىغا ئىشقا ئورۇنلاشقان. ئۇنىڭ ماي بوياق رەسىملىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، 1971-يىلى تۇنجى قېتىم جۇمھۇرىيەتلىك كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئىكەن.

پېشقەدەم رەسسام تەلئەت مىررەھىموف ئۆزىنىڭ 50 نەچچە يىللىق ماي بوياق رەسىم ئىجادىيىتىدە، ۋانگوك قاتارلىق ياۋروپا كىلاسسىك رەسساملىرىنىڭ رىيالىزىم ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى ئۆرنەك قىلغان، تېما جەھەتتە بولسا ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇيغۇر ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئاساس قىلغان.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «مەن ماي بوياق بىلەن رېئالىزمغا يېقىن ئىشلارنى ئېلىپ كېتىۋاتىمەن. 50 يىل ئىچىدە كۆپ ئەسەرلەرنى ياراتتىم. ئەمگىكىمنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئۇيغۇر تېمىسى. مەن بالىلىق ۋاقتىمدىن تارتىپ ۋەتەندە كۆرگەن مەنزىرىلەرنى، دادامنىڭ ھېكايىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇيغۇرغا ماس كېلىدىغان تېمىلاردا ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن. مەن ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر، خوتەنلەرگە بېرىپ كەلدىم. ھەر بىر بارغىنىمدا ماتېرىياللارنى يىغىپ كەلدىم» دېدى.

تەلئەت مىررەھىموفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر رەسساملىقى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئۇسلۇبلىرى ئارقىلىق ياخشى تەرەققىياتقا ئېرىشىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇنىڭ رەسىم ئىجادىيىتىدە ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىي تېما قىلىنىشى ئۇنىڭ بالىلىق كەچمىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن؛ بالىلىق دەۋرىدە ئۇ خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەقىبلىرى سەۋەبىدىن، ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە كىندىك قېنى تۆكۈلگەن غۇلجا شەھىرىنى تاشلاپ، سوۋېت قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىگە كۆچمەن بولۇشقا مەجبۇر بولغانىكەن.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ 1944-يىلى غۇلجا شەھرىدە بىر زەرگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان؛ ئۇنىڭ دادىسى ئەغزەم مىررەھىموف ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، سابىق سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا يۈرگۈزۈلگەن تەقىبلەش سىياسىتى سەۋەبىدىن، غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. 1944-يىلى غۇلجىدا خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئازادلىق قوزغىلىڭى پارتلىغاندا، دادىسى ئەغزەم ئۇنىڭغا پىدائىي بولۇپ قاتنىشىپ، مىللىي ئارمىيەدە باتالىيون كوماندىرىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى بولغان. دادىسى ئەغزەم مىررەھىموفنىڭ زەرگەرلىك تالانتىنى بايقىغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىكى ئۇنىڭغا دۆلەت ئوردېن-مېداللىرىنى ياساشنى تاپشۇرغان.

1955-يىلى تەلئەت مىررەھىموف 11 ياشقا كىرگەن يىلى، دادىسى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن غۇلجا شەھىرىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

1971-يىلى ئۇ تۇنجى قېتىم جۇمھۇرىيەتلىك كۆرگەزمىگە قاتناشقان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، ئىران، بېلگىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردە ئۇيۇشتۇرۇلغان خەلقئارا ۋە يەككە كۆرگەزمىلەرگە كۆپ قاتناشقان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى، مۇزېيلىرى، سەنئەت فوندلىرى ۋە شەخسىيلەر تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان؛ كۆپلىگەن خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ۋە تاراتقۇلاردا ئۇنىڭ رەسىملىرى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلگەن.

تەلەت مىررەھىموفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ گەرچە بالىلىق دەۋرىدىلا ئانا يۇرتى بولغان غۇلجا شەھىرىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، كېيىنكى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە يېقىندىن دىققەت قىلغان. ئۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپ قېتىم زىيارەتتە بولغان. بۇ مەزگىللەردىكى ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغان شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال ھاياتىغا بېغىشلانغان.

1989-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىپ، ئىككى دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار بىر-بىرىنى يوقلاشقا باشلىغان يىللاردا، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە كېلىپ، ئانا يۇرتىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ئۇنىڭ 90-يىللاردىن كېيىنكى بىر تۈركۈم ماي بوياق رەسىملىرىدە دەل ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرگەن ھايات ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەزگىلدە ئۇ يەنە غازى ئەمەت، ئابدۇكېرىم نەسىردىنگە ئوخشاش تونۇلغان ئۇيغۇر رەسساملىرى بىلەن كەسپىي جەھەتتە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ياش ئۇيغۇر رەسساملىرىغا لېكسىيە بېرىش پائالىيەتلىرىدە بولغان. بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى رەسساملارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي بېسىمى سەۋەبلىك ئۆز قەلبىدىكى ئۇيغۇرلۇق روھىنى ئىپادىلەشتە ئۇچرىغان چەكلىمىلەرنى ئېنىق ھېس قىلىپ يەتكەن بولغاچقا، كېيىنكى مەزگىللەردىكى ماي بوياق رەسىملىرىدە غۇلجا، قەشقەر، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن.

رەسسام تەلەت مىررەھىموف 90-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە بىرقانچە قېتىم زىيارەتلەردە بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھاياتى ھەققىدە كۆپلىگەن رەسىملەرنى سىزغان. بۇ رەسىملەر، 2000-يىللاردىن كېيىن گېرمانىيە فىرانسىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى رەسىم كۆرگەزمىلىرىگە قاتناشتۇرۇلغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ 2006-يىللاردا چېقىلىشقا باشلىغان قەشقەر شەھىرى ھەققىدىكى رەسىملىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە كۆرگەزمە قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن، غازى ئەمەت، ئابدۇكېرىم نەسىردىنگە ئوخشاش داڭلىق ئۇيغۇر رەسساملىرى ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ئالاقە قىلىشتىن ئۆزىنى تارتقان. 2012-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ ئانا ۋەتىنى ئۇيغۇر ئېلىگە بارالمىغان. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۇيغۇرلار ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان رەسىملەرنى سىزىشنى داۋام قىلغان.

80 ياشقا كىرىپ قالغان تەلەت مىررەھىموف يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئاساسلىق تېما قىلغان بولۇپ، قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھرىدە ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۆز ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.