بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن پېشقەدەم رەسسام تەلەت مىررەھىموف ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ بىرى. ئۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرى، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلانغان 50 نەچچە يىللىق رەسىم ئىجادىيىتىنى ئۇيغۇرلار تېمىسىغا بېغىشلىغان ۋە بۇ ساھەدە تونۇلغان ئۇيغۇر رەسساملىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.
ئالدىنقى قېتىملىق سۆھبىتىمىزدە، ئۇ ئۆزىنىڭ كەچمىشلىرىنى بايان قىلىپ، بالىلىق مەزگىلىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئانا يۇرتىغا بولغان سېغىنىشىنى ئۇيغۇرلار تېمىسىدىكى ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. ئۇ يەنە 1989-يىلى باشلانغان بىرقانچە قېتىملىق ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ مەزگىلىدە داڭلىق رەسساملاردىن غازى ئەمەت، ئابدۇكېرىم نەسىردىن ۋە باشقا ئۇيغۇر رەسساملىرى بىلەن تونۇشۇش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەنلىكىنى، غۇلجا، قەشقەر، خوتەن، تۇرپان قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر ئۆي-ئىمارەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا دائىر كۆپلىگەن قىممەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاپ، ئۆزىنىڭ ماي بوياق رەسىملىرىدە ئۇيغۇرلۇق روھىنى يورۇتۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
سۆھبىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا، رەسسام تەلئەت مىررەھىموف ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1989-يىلى تۇنجى قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ۋىزا ئېلىپ، ئانا ۋەتىنى ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان زىيارىتىنىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇر تېمىسىدىكى ماي بوياق رەسىم ئىجادىيىتىنىڭ زور بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ئۇ، قەشقەر شەھىرىدە ئۆيلىرى چېقىلىپ، كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى رەسىم ئىجادىيىتىدە بۇ ئەھۋاللارنى تېما قىلىپ كۆپلىگەن رەسىملەرنى سىزغانىكەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 2000-يىللاردىن 2015-يىلغىچە ئۇيغۇرلار ھاياتى تېما قىلىنغان رەسىملىرىنى فىرانسىيە، گېرمانىيە، لىيۇكسېمبۇرگ قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپ قېتىم كۆرگەزمە قىلغان. نەتىجىدە، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا بولغان قىزىقىش تېخىمۇ كۈچەيگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ قەشقەر ئىمارەتلىرىنىڭ چېقىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن رەسىملىرى دىققەت قوزغىغان. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار تېمىسىدىكى ماي بوياق ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرغان مۇخبىرلار، ئۇيغۇرلارنى «خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زېمىنى بېسىۋېلىنغان مىللەت» دەپ تەرىپلىسە، ئۇنى «ۋەتەنسىز سەرگەردان ئۇيغۇر رەسسام» دەپ تونۇشتۇرغان.
ئۇنىڭ چېقىلىۋاتقان قەشقەر كوچىلىرى، يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە سىزغان رەسىملىرىنىڭ ياۋروپادا كۆرگەزمە قىلىنىشى ۋە بۇ ھەقتە ئىشلەنگەن خەۋەرلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى كونسۇللىرىنىڭ ئۇنىڭغا گۇمانلىق كۆزدە قارىشىغا سەۋەب بولغان. ئىلگىرى ئۇ باشقا سەنئەتكارلار بىلەن بىرلىكتە، چەتئەللەردىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرى ئۇيۇشتۇرغان مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىگە تەكلىپ قىلىنىپ تۇرغان بولسا، 2000-يىللاردىن كېيىن تەكلىپ قىلىنمايدىغان بولغان. ئۇنىڭ بىلەن كەسىپ جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇپ كېلىۋاتقان غازى ئەمەت، ئابدۇكېرىم نەسىردىن قاتارلىق رەسساملارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەن. 2012-يىلىغا كەلگەندە بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىشنى توختاتقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇنىڭ ئانا يۇرت زىيارىتىنى توسقان بولسىمۇ، ئۇ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى داۋاملىق كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2016-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئەۋجىگە چىققان كەڭ-كۆلەملىك لاگېرلارغا قاماش ۋە تۇتقۇن قىلىش ۋەزىيىتى ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سىزىلغان ماي بوياق رەسىملىرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.