تەلغەت ئابباس: «زۇلۇم تۈگۈمىگىچە توختىمايمىز»

0:00 / 0:00

ئاۋسترالىيە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىرقەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان ۋە شۇنداقلا كۆچمەن خىتاي نوپۇسىمۇ ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. مەلۇم بولۇشىچە ئاۋسترالىيەدە ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا قۇرۇلغان بىر قانچە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بار بولۇپ، ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى دائىم خىتايلار تەرىپىدىن پاراكەندىچىلىكككە ئۇچراپ تۇرىدىكەن.

خىتاي ھاكىمىيىتى بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇرنى «يىغىۋېلىش لاگېرى» غا سولىغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇرلىرى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئالدىدا نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرغان. ئاۋستىرالىيەدە ياشاۋاتقان ۋە ساياھەتكە كەلگەن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللايدىغان خىتايلارنىڭ نامايىشچىلارنى ھاقارەتلەش، جىسمانىي ھۇجۇم قىلىشى دائىملىق ۋەقەگە ئايلانغان.

بىرقىسىم خىتايلارنىڭ ئوچۇقتىن-ئوچۇق تەھدىت سېلىشىغا قارىماي بىر قانچە كىشى خىتاي كونسولخانىسىنىڭ ئالدىدا ۋە سىدنېي شەھەر مەركىزىدە 2019-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، ھەپتىنىڭ ھەر پەيشەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى مارافونچە نامايىشىنى باشلىغان. ئۇلار ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ رەسىملىرى چاپلانغان لوزۇنكا، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چاپلانغان لاگېر ھەققىدىكى ئۇچۇرلار يېزىلغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بەرگەن گۇۋاھلىقلىقلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ئېغىر ياڭراتقۇلىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشنى داۋام قىلماقتىكەن.

تەلغەت ئابباس ئەپەندى ئاشۇ نامايىشنى تەشكىللىگەن ۋە ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ نامايىشنى باشلىشىغا ئۈچ يىلدىن بۇيان گوللاندىيەنىڭ دام مەيدانىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلىپ كېلىۋاتقان ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ تۈرتكە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

تەلغەت ئابباس ئەپەندى 1985-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ئاۋسترالىيەگە كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتلاردا ئاتا-ئانىلىرىنىڭمۇ خىتاينىڭ بىسىملىرى تۈپەيلىدىن يۇرتتىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

تەلغەت ئابباس ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ھەر قانداق بىر سەۋەب تۈپەيلى بىر كىشى كېلەلىسىمۇ، ھەر ھەپتىنىڭ مۇقىم كۈنلىرىدە چوقۇم نامايىشنى داۋام قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشقان. تەلغەت ئابباس ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەسلىدە قېرىنداشلىرىمىزغا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلار كوچا-كوچىغا تۆكۈلۈپ، ‹قېرىندىشىم قەيەردە› دەپ ئىز-دېرىكىنى قىلىشىمىز كېرەك ئىدى، لېكىن ئەمەلىي ئەھۋال دەل ئەكسىچە. بۇ بەك چېئىنىشلىق ئەھۋال. مەن بىزگە (ئۇيغۇرلارغا)نېمە بولغىنىنى بىلەلمىدىم».

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم ئاۋسترالىيەلىك بولۇپ، ئۇ ئاۋىستىرالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاۋىستىرالىيەدە ئاز بولغاندىمۇ 4-5مىڭ ئۇيغۇر ياشايدۇ. ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنى، ئۇيغۇر ئانسامبىللىرىنى قۇرغان. ھەتتا تەنتەربىيە كوماندىلىرىمۇ بار. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىنمۇ بىر قانچىسى بار».

مەلۇم بولۇشىچە زۇبەيرە خانىم تىلغا ئالغان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ قۇرۇلغىنىغا 14 يىلدىن ئېشىپتۇ. ئۇيغۇر ئانسامبىلىمۇ ئىككى يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان «مەدەنىيەت كۈنى» ۋە باشقا مەدەنىيەت بايراملىرىدا ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەسسىسىنى قوشۇپ كېلىۋېتىپتۇ.

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت ئوبۇل ئەپەندى ئاۋسترالىيەدە ئۇيغۇر لارنىڭ ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەنلىكىنى، مەدەنىيەت كۈنلىرى ۋە توي-تۆكۈنلەردە 4-5 يۈز ئادەم بىر يەرگە يىغىلالايدىغانلىقىنى، لېكىن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ يۈزگە يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تەلغەت ئابباس ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «كۆپىنچە كىشىلەر مەن نېمە ئىش قىلالايتتىم، دەپ ئۈمىدسىز قارايدۇ. ھەممىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە كۈچىسەك، تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ كۈچىنى ئاشۇرالايمىز. ھېچ بولمىغاندا زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسەتكەن بولىمىز، ئۇ دۇنياغا يۈزىمىز قارا كەتمەيدۇ».

زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم تەلغەت ئابباس، ئابدۇرېھىم غېنىغا ئوخشاش يەككە پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدا ئوينايدىغان رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر پائالىيەتچىنىڭ قىلغانلىرى تەشكىلاتلارنىڭ كۈچىگە كۈچ قوشىدۇ. ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ ھەقىقىي پاكىتلىق رولىنى ئوينايدۇ. ‹چوڭ ئېقىن› ۋە ‹كېچىك ئېقىن›تەڭ ھەرىكەت قىلغاندا كۈچ زورىيىدۇ».

تەلغەت ئابباس ئەپەندى ئاخىرىدا بۇ نامايىشىنى قاچان توختىدىغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاخىرلاشقۇچە داۋام قىلىشقا بەل باغلىدۇق. بۇ يولغا ئوغلۇمنىمۇ ئاتاپ قويدۇم».