ئادۋوكات تېڭ بياۋ: «ما شىڭرۇيمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشى بىلەن جازاغا تارتىلىشى كېرەك»

0:00 / 0:00

خىتاي يازغۇچى ۋە ئوبزورچى سەي شېنكۇن 11-دېكابىر كۈنى «X» (ئىلگىرىكى «Twitter») تە بىر پارچە قىسقا ئوبزور ئېلان قىلغان. ئۇ مەزكۇر ئوبزورىدا، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسىغا يېڭىدىن مۇدىر كاندىداتى نىشانلاۋاتقانلىقىنى؛ بۇ ئورۇنغا نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ما شىڭرۇينىڭ قارا كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. سەي شېنكۇن «X» تە ئېلان قىلغان قىسقا ئوبزورىنى مۇنۇ جۈملىلەر بىلەن باشلىغان: «شى جىنپىڭ ئاخىرى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ پېشقەدەم مۇدىرى سەي چىنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن مۇدىر كاندىداتى بېكىتىشنى نىشانلىماقتا. بۇ يېڭى كاندىدات خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي بولۇپ، ئۇ پات ئارىدا شىنجاڭدىن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقماقچى. ئۇ 64 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا شى جىنپىڭغا ئەڭ يېقىن ئادەمگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر كۈتۈلمىگەن بىرەر ۋەقە يۈز بەرمىسىلا، كېلەر قېتىملىق مەركەز رەھبەرلىرى ئالمىشىدىغان ۋاقىتتا 68 ياشقا كىرىدىغان ما شىڭرۇي يەنە بىر بالداق ئۆستۈرۈلۈپ، ‹دۆلەت دەرىجىلىك ئەمەلدار›غا ئايلىنىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ھازىرقى ‹دۆلەت دەرىجىلىك ئەمەلدار› دېگەن ناملار پەقەتلا سىمۋوللۇق تۈسكە ئىگە بىر ئەمەلدارلىق ئاتالغۇسىدۇر. ئەگەر شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە قەدىرلىشىگە ۋە ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىسە، ھەرقانداق بىر دۆلەت دەرىجىلىك ئەمەلدارلىقنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى بولمايدۇ.»

ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ خەۋەرنىڭ بىرقانچە كۈندىن بۇيان بېيجىڭ شەھىرىدە تارقىلىپ يۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، بۇ خىلدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاشكارا تارقىلىشىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئۇسۇلى ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ئالاھىدە ۋەزىيىتىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، شى جىنپىڭنىڭ ھەممىگە ئايان بولغان ئۆزى نېمىنى خالىسا شۇنى قىلالايدىغان مۇستەبىت خاراكتېرلىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۇچۇرغا گۇمان بىلەن قاراش بىلەن توغرا كەلسىمۇ، ئەمما بۇنى ئېھتىماللىقتىن ساقىت قىلماسلىق كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرسەك، بۇ يەردە ئادەتتىكىگە ماس كەلمەيدىغان نۇرغۇن ئامىللار مەۋجۇت. چۈنكى شى جىنپىڭ دەۋرىدە بۇنداق يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي بيۇرو ئەزالىرىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى يۆتكەش ئىشى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى مەخپىي تۇتۇلۇپ كەلگەن. بىز شى جىنپىڭنىڭ ھازىرغىچە نۇرغۇن ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش باسقۇچىدا ئازراقمۇ ئىختىلاپ چىقمىغانلىقىنى بىلىمىز. 1950-يىلدىن بۈگۈنگە قەدەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدا پەقەت بىر يىللا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن كىشى بولۇپ باقمىغان. ما شىڭرۇي 2022-يىلى ئۆكتەبىردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەندى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى ئاران ئىككى يىل بولدى. بۇنداق قىسقا مۇددەت ئىچىدە يۆتكىلىش ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە ماس كەلمەيدۇ. شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىلگىرىكى ئەمەلدار يۆتكەش ئەنئەنىسىگىمۇ ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر رايونىغا ئوخشاش بۇنداق پەۋقۇلئاددە بىر جايغا نىسبەتەن بۇ ئۇچۇر بىزنىڭ بىلگەنلىرىمىزگە ماس كەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ. شۇڭا بىز يەنىلا بۇ تەخمىنگە سوئال بەلگىسىنى قويۇشىمىز كېرەك، ئەمما بىز بۇنى تولۇقى بىلەنمۇ رەت قىلالمايمىز. چۈنكى شى جىنپىڭ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلالايدىغان بىر مۇستەبىت. بىز ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئۆز خاھىشى ياكى ۋاقىتلىق ئىرادىسىگە ئاساسەن چىقارغان نۇرغۇن قارارلىرىنى كۆردۇق. ئەلۋەتتە، بۇ ئېنىق بولمىغان ئۇچۇر.»

سەي شېنكۇن مەزكۇر ئوبزورىدا، شى جىنپىڭنىڭ ما شىڭرۇينى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك مۇدىرلىقىغا نىشانلاۋاتقانلىقىنى؛ بۇنىڭ ما شىڭرۇينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى شەرت-شارائىتى تولۇق بىر ئەمەلدار بولۇش سۈپىتى بىلەن مەلۇم نوپۇز تىكلىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازغان: «2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شى جىنپىڭ ما شىڭرۇينى شىنجاڭغا ئەۋەتىپ، بىر قىسىم يۇمشاق كۆرۈنۈشتىكى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، چېن چۇەنگو قالدۇرۇپ كەتكەن قالايمىقانچىلىقنى تازىلىماقچى بولدى. چېن چۇەنگو شى جىنپىڭ ئىشىنىدىغان ئادەم بولماستىن، بەلكى لى كېچياڭنىڭ كونا سەركەردىسىدۇر. ئۇ شىنجاڭدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارغا ئايلانغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ‹ئەگەر شىنجاڭدا مۇقىملىق بولمىسا، ھەممە نەرسە نۆلگە ئايلىنىدۇ» دېگەن دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› ۋە ‹ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش› ئۈچۈن يۇقىرى بېسىملىق تەدبىرلەرنى قوللاندى. نەتىجىدە ئاتالمىش ‹كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەركىزى› نامىدىكى لاگېرلار كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹قايتا تەربىيەلەندى›. ئاخىرىدا، چېن چۇەنگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى يەنە شى جىنپىڭ تەرىپىدىنمۇ پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىلدى.»

خىتاي يازغۇچى ۋە ئوبزورچى سەي شېنكۇن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «X» تە ئېلان قىلغان ئوبزورى ھەققىدىكى ئوي-پىكرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ ما شىڭرۇينىڭ ئاددىي كان ئىشچىسى ئائىلىسىنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى؛ گەرچە ئۇنىڭ ھېچقانداق قىزىل ئارقا كۆرۈنۈشى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئوقۇش تارىخى ۋە سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىشىگە دەسمايە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت تارىخىدا بۇ ئورۇن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ كەلگەن. پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغانلار كەلگۈسىدە جەزمەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم رەھبىرىگە ئايلىنىدۇ. نۆۋەتتە مەركەزدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن كۆزەتكەندە، مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ ھازىرقى مۇدىرى سەي چى پەقەتلا ئۆتكۈنچى مەزگىللىك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدا شى جىنپىڭ بۇ مۇھىم ئورۇنغا چوقۇم يېڭى كاندىدات تېپىشى كېرەك. يېڭى كاندىداتقا كەلسەك، ھازىرقى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ما شىڭرۇينىڭ ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. ۋاڭ لېچۈەن، چېن چۇەنگو، جاڭ چۈنشيەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇ ئۇيغۇر رايونىنى يۇمشاق شەكىلدە ئىدارە قىلىشتا ۋە ھەل قىلغۇچ مۇھىم ئىشلاردا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا كۆزگە كۆرۈندى. شۇڭا نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ما شىڭرۇينىڭ بۇ ئورۇنغا نىشانلانغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى چەمبىرىكىگە كىرگەنلىكى ناھايىتى ئېنىق. بۇ ئەھۋاللار ئۇنىڭ چوقۇم بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئىلگىرىكى كەچۈرمىشلىرىدىن قارىغاندا، ما شىڭرۈي ئۆتكەن ئون يىلدا شى جىنپىڭ بىلەن ناھايىتى قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئەگەر ئۇنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بولمىسا، ئۇ بىۋاسىتە سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزاسى بولۇشتىن ئىبارەت بۇ دەرىجىگە كىرەلمەيتتى. مېنىڭچە، بۇنى بۇ نۇقتىدىن ئىزاھلاش مۇمكىن.»

دەرۋەقە، بۇ ئۇچۇرنىڭ راست-يالغانلىقى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان پەيتتە، ئەگەر ما شىڭرۇينىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك مۇدىرلىقىغا تەيىنلىنىشى ئېنىق بولىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئورنىغا كىمنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولۇشى، كەلگۈسىدىكى يېڭى سېكرېتارنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە داۋاملىشىش مەسىلىسى تەبىئىي يوسۇندا ئەڭ قىزىق سۆز تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ. سەي شېنكۇن بۇ ھەقتە توختىلىپ، شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ھازىرقى ئەڭ ياش سېكرېتارى جاۋ يىدېنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كەلگۈسى سېكرېتارى بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، ئەگەر جاۋ يىدې بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن تەقدىردىمۇ، خىتاينىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئومۇمىي سىياسىتىدە ھېچقانداق بىر تۈپكىي ئۆزگىرىشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئىنتايىن رەھىمسىز ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، دىنى-ئېتىقادى ۋە نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر رايونىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك پارتكوم سېكرېتارىنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شى جىنپىڭ تەختتىن چۈشمىسىلا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىتىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە بىر قىسىم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئىنتايىن كۈچلۈك خەلقئارا بېسىمغا دۇچ كەلدى. بۇ شى جىنپىڭ دەسلەپتە ئويلىمىغان ئىش ئىدى. گەرچە ئۇ خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە پىسەنت قىلمىسىمۇ، ئەمما بۇ خەلقئارالىق بېسىم كېيىنچە دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي بېسىمغا ئايلاندى. ئۇ رايوندا بىر قىسىم پەردازلاپ كۆرسىتىش ئۇسۇللىرىنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى تەس ئىدى. مەسىلەن، ئۇ ئامال بولمىغاندا بەزى جازا لاگېرلىرى ۋە ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› نى تاقىشى ياكى ئۇلارنى باشقا خىل شەكىلدىكى لاگېرلارغا ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. ئەمما رايوندىكى پۈتكۈل سىياسەتنىڭ ماھىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇلار سىياسىي كونتروللۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىر پارتىيەلىك مۇستەبىتلىكنى تۆمۈر مۇشت بىلەن ساقلاپ قالماقچى. ئۇيغۇر رايونىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك يېڭى پارتكوم سېكرېتارىنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خەلقئارا ئاخبارات، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا بولغان ئېسىمى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا ئالىقاچان باشلاپ بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇڭا شى جىنپىڭ ھوقۇقىدىن ئايرىلمىسىلا، ئۇيغۇر رايونى ئۈچۈن ھەرقانداق بىر قۇتقۇزۇش يولىنى تېپىش ئىنتايىن تەس.»

مەلۇم بولغىنىدەك، «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ھارپىسىدا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى چەت ئەل مەبلىغىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسى (OFAC) تەرىپىدىن ئىككى خىتاي ئەمەلدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز دۆلەتتىكى 20 شەخسكە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشى سەۋەبلىك جازا يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ ئەپەندى، ئىلگىرى جازاغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ما شىڭرۇينىڭمۇ چوقۇم جازا تىزىملىكىگە كىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى:

«ئىلگىرى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق ئىككى سېكرېتارى، يەنى جاڭ چۈنشيەن بىلەن چېن چۇانگۇمۇ جازاغا ئۇچرىدى، شۇڭا ما شىڭرۇيمۇ ئوخشاشلا جازاغا تارتىلىشى مۇمكىن. بۇ كېيىنكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا باغلىق دەپ قارايمەن. مەن، خەلقئارا جەمئىيەت ما شىڭرۇينىمۇ چوقۇم جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش كېرەك، دەپ قارايمەن!»