«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈندىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، يېڭىدىن قېزىلىشقا باشلىغان تېز سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ «تەڭرىتاغ غالىبىيەت تونېلى» ئۈرۈمچى بىلەن كورلا ئارىسىدىكى مۇساپىنى ئىلگىرىكى 7 سائەتتىن 3 سائەتكە قىسقارتىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاتناش ئالاقىسىدە ھالقىلىق رول ئوينايدىكەن. خەۋەردە مەزكۇر تېز سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا يېڭى قاتناش يولى بەرپا قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى خەلقئارا سودىدا تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ھالبۇكى، خىتاي، ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، بۇ يول قۇرۇلۇشى ۋە تونېللارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونتروللۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان غايەت زور ئۇل ئەسلىھە تۈرىدۇر، دەپ قارىماقتا.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «<تەڭرىتاغ غالىبىيەت تونېلى> دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تاشيول تونېلى بولۇپ، ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 22 كىلومېتىر كېلىدۇ، يەر شارىدىكى ئەڭ ئۇزۇن تاغ تىزمىلىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بۇ يول 2025-يىلى تاماملىنىدۇ. بۇ شىنجاڭنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىنى بىر-بىرىگە باغلايدىغان قاتناش تۈگىنى. بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئۇيغۇر رايونىنى قوشنا دۆلەتلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلەر بىلەن باغلايدۇ، شۇنداقلا قاتناش ئالاقىسىنى كۈچەيتىدۇ. نۆۋەتتە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا جەھەتلەردىكى جازالىرىغا قارىماي، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاشقى سودا مىقدارى رېكورت سەۋىيەسىدە ئۆرلىمەكتە. بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ 8 دۆلەت بىر چېگرالىنىدىغانلىقىدىندۇر. »
ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) نىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارشى پەرقلىق بولۇپ، ئۇ «تەڭرىتېغى غالىبىيەت تونېلى» ۋە «ئۈرۈمچى-لوپنۇر تېز سۈرئەتلىك تاشيولى» نىڭ قاتناش ۋە سودىدىكى رولىدىن كۆپرەك، بۇ يول قۇرۇلۇشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى كونتروللۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان غايەت زور ئۇل ئەسلىھە تۈرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئۇ، مۇنداق دېدى: « ‹تەڭرىتاغ غالىبىيەت تونېلى› چوڭ بىر قۇرۇلۇش. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلىۋاتقان چوڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىدىن بىرى. ئۇ ئەلۋەتتە شىنجاڭنىڭ تاشقى ئېكسپورتىنى تېزلىتىدۇ ھەمدە خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ۋە شىنجاڭغا بولغان تولۇق كونتروللۇقنى كۈچەيتىشنىڭ بىر يولى. خىتاي بۇ يول ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلىرىغا ئېرىشەلەيدۇ، شۇنداقلا شىنجاڭدىن ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستانغا تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلالايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەك مۇھىم. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ بىر چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى كونتروللۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان غايەت زور ئۇل ئەسلىھە تۈرى. »
قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق گىئو-ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى، پىروفېسسور شېرىپجان نادىروف ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «تەڭرىتاغ غالىبىيەت تونېلى» ۋە «ئۈرۈمچى-لوپنۇر تېز سۈرئەتلىك تاشيولى» نىڭ ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئۈچۈن پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە دۇنياغا خوجا بولۇش نىيىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
مەزكۇر خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭ ھازىر خىتاي بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەسىلىگە ئايلاندى. چۈنكى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش، جاسۇسلۇق قىلىش ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوللاش قاتارلىق بىر قاتار قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ شىنجاڭدا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا جازا ۋە ئېكسپورت كونتروللىرىنى يول قويدى. لېكىن بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا بۇ رايوننىڭ تاشقى سودىسى 287 مىليارد يۈەن (40 مىليارد 500 مىليون دوللار) بولۇپ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى. »
ئىستانبۇلدىكى «تەدبىر» تاشقى سودا مەسلىھەتچىلىك مائارىپ مۇلازىمىتى ۋە ساياھەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق، خىتاينىڭ نۆۋەتتە «تەڭرىتاغ غالىبىيەت تونېلى» ۋە «ئۈرۈمچى-لوپنۇر تېز سۈرئەتلىك تاشيولى» قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىغا؛ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر تەرىپىدىن چەكلىشىگە، شۇنداقلا خىتاينىڭ دېڭىز سودا يولىنىڭ راۋان بولماسلىقىغا باغلاپ چۈشەندۈردى.
دوكتور ئاندېرس كور، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ سودىنى توختىتىشى ۋە جازا يۈرگۈزۈشىدىن بەك ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا، ئافرىقا قاتارلىق رايونلارغا ئېكسپورت يولى ئېچىش ئۈچۈن يوللارنى قاناللارنى ئېچىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، «تەڭرىتاغ غالىبىيەت تونېلى» بىلەن «ئۈرۈمچى-لوپنۇر تېز سۈرئەتلىك تاشيولى» ئەنە شۇنداق يول قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى دېدى.
ئۇ، مۇنداق دېدى: «يەنە بىر مۇھىم مەسىلە شۇكى، خىتاي ھازىر چېكىنىشكە باشلىدى. يەنى خىتاي غەربكە يۈزلەنگەن بىر قىسىم خەلقئارالىق سودىلىرىدىن چېكىنىپ چىقتى، ئۇلار ھازىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودىغا مەركەزلىشىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، خىتاي تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن سودا قىلىش ئۈچۈن بار ئىمكانلارنى يارىتىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەگەر تەيۋەن بىلەن ئۇرۇش قىلىپ قالسا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ئۇرۇش سەۋەبىدىن سودىنى توختىتىشى ۋە جازا يۈرگۈزۈشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا ئۇلار باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت يولى ئېچىش ئۈچۈن يېڭى يوللارنى بەرپا قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. يەنى ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىگە مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىدىغان باشقا يېڭى يوللارنى ياساشقا تىرىشىۋاتىدۇ. «تەڭرىتاغ غالىبىيەت تونېلى» دەل ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئىستراتېگىيەسىگە ماس كېلىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش باشلانغىلى بىر نەچچە يىل بولدى. مەنچە، بۇ قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىشقا سەۋەبچى بولغان يۇقىرىقىدەك بىر نەچچە ئامىل بار. »
«لوۋىي ئاقىللار مەركىزى» نىڭ 2022-يىلىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاساسىي ئەسلىھە يول قۇرۇلۇشىغا غايەت زور مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسى ۋە كونتروللۇق دائىرىسىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشماقتىكەن. مەزكۇر دوكلاتتا بۇنىڭ «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇستەملىكىچىلىك» ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.