مەلۇمكى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردا تەنھەرىكەتنىڭ ھەر تۈرلىرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسەتمەكتە.
يېقىندا بىرۇنېي پايتەختى دارۇسسالام شەھىرىدە ياش ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئۇشۇ-ساندا، يەنى چامباشچىلىق بويىچە ئۆتكەن ئاسىيا مۇسابىقىسىگە قازاقىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «نىيەت» تەنھەرىكەت كۇلۇبىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرىمۇ قاتنىشىپ، ئىلھام غاپپاروف 70 كىلوگرام سالماقتا 2-ئورۇننى، فارىنگىز غوپۇروۋا بولسا، 3-ئورۇنغا ئىگىلىگەن.
بىز مەزكۇر مۇسابىقىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن فارىنگىز غوپۇروۋانى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇشۇ-سانداغا 2018-يىلى فېۋرالدا قاتناشتىم. ئىككى يىلنىڭ ئىچىدە تاراز، ئاقتاۋ شەھەرلىرىگە ۋە قىرغىزىستانغا بېرىپ، 6 مۇسابىقىگە قاتناشتىم. 15 ئالتۇن، 2 كۈمۈش ۋە 3 مىس مېدالغا ئىگە بولدۇم. بىرۇنېيدا 19 مەملىكەت بولدى. مېنىڭ بىلەن سوقۇشقان قىز ھىندىستاندىن كەلگەن. كېيىنكى يازدا دۇنيا مۇسابىقىسىگە بارغۇم كېلىدۇ. ئاتا-ئانام مېنى قوللايدۇ.»
غوپۇروۋا فارىنگىز پەرھات قىزى 2004-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، شەھەردىكى 129-مەكتەپنىڭ 9-سىنىپىنى تاماملىغان. ئۇ ھازىر خەلقئارا بىزنېس، يەنى سودا ئاكادېمىيەسىنىڭ تېخنىكومىدا بىلىم ئالماقتىكەن.
بىز شۇنداقلا فارىنگىزنىڭ ئانىسى زۇلپىيە خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ قىزى فارىنگىز ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بىرىنچى سىنىپقا بارغاندىن كېيىن، ئۇ ماڭا تەنھەرىكەتكە باراتتىم دەپ باشلىدى. ئۇنى ئېلىپ بېرىش ۋە ئېلىپ كېلىش مۇمكىن بولمىدى. كاراتې، يەنى قائىدىسىز چېلىشىش يوق ئىكەن. كېيىن ئۇ ئۇشۇ-سانداغا باردى ۋە بۇ ماڭا ياقتى دېدى.»
زۇلپىيە خانىم فارىنگىزنىڭ بىر يىل مابەينىدە تەنھەرىكەتنىڭ بۇ تۈرىگە خېلى ئۆگىنىپ قالغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە چوڭ ئۇتۇقلارغا يەتكەنلىكىنى، ئوقۇشىنىڭمۇ يامان بولمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە قىزىنىڭ بىلىمگە قىزىقىپ، ئۆز كۈچى بىلەن ئوقۇشقا چۈشكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن كۆپ ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىز 2003-يىلى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ چونجا يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن، بىرۇنېيدا ئۆتكەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، كۈمۈش مېدالغا سازاۋەر بولغان يەنە بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئىلھام غاپپاروفقا مۇراجىئەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئالمۇتا شەھىرىنىڭ 102-مەكتىپىدە بىلىم ئالدىم. ھازىر قازاقىستان-رۇسىيە تېببىي تېخنىكومىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. تەنھەرىكەت بىلەن 2014-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدىن باشلاپ شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمەن. بەش يىل مابەينىدە قازاقىستاننىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە ئۆتكەن مۇسابىقىلەرگە قاتناشتىم ۋە مۇكاپاتلىق ئورۇنلارغا ئىگە بولدۇم. 35 ئالتۇن، 8 كۈمۈش، 5 مىس مېدالىغا سازاۋەر بولدۇم. ئۆمەر ئاكا ۋە ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىغىنىمغا خۇشالمەن.»
بىز ئىلھامنىڭ ئانىسى گۈلخان خانىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭدىن ئىلھام ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيەتتە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەنھەرىكەت ئىشلىرىغا چوڭ كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا مەن ھەم ئانا، ھەم ئۇستاز رېتىدە كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدۇم. سەۋەبى ئۇيغۇر بالىلىرى ھەر خىل كەسىپ تاللاشتا ئەڭ يۇقىرىقى پەللىلەردە بولمىسا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلەچىكى ئېغىر بولۇشى مۇمكىن. بالىغا مىللىيلىكنى سىڭدۈرۈشتە ئاتا-ئانىنىڭ رولى چوڭ دەپ ئويلايمەن.»
گۈلخان خانىم ئىلھامنىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرىنى پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇتۇقى دەپ ئويلايدىغانلىقىنى، ياشلارنى تەن-سالامەتلىك تەرەپتىنلا ئەمەس، بەلكى ئەقىل تەرەپتىنمۇ يۇقىرى دەرىجىدە تەربىيەلىسە، ئۇيغۇرنى مىللەت سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ھەم بۇ مەسىلىگە چوڭ ئەھمىيەت بېرىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.
بىز فارىنگىز غوپۇروۋا ۋە ئىلھام غاپپاروفنىڭ مەزكۇر ئۇتۇقلارغا يېتىشىگە سەۋەب بولغانلارنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ ترېنېرى ئۆمەرجان ئىدىللايېفنى زىيارەت قىلدۇق.
ئۆمەرجان ئىدىللايېف 1984-يىلى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، شۇ يېزىدىكى ھېزىم ئىسكەندەروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان. ئۇ ئالمۇتا شەھىرىدىكى تەنھەرىكەت ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا چۈشۈپ، تەنھەرىكەتنىڭ يەكمۇ-يەك تۈرى بويىچە ئۇزۇن يىللار مابەينىدە شۇغۇللانغان. ئۇ جۇمھۇرىيەتلىك ۋە دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، چېمپىيون ئاتالغان.
ئۆمەرجان ئىدىللايېف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «نىيەت» كۇلۇبىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا توققۇز يىل بولدى. بۇ ۋاقىت مابەينىدە بىر يېرىم مىڭدىن ئوقۇش تەنھەرىكەتچى تەييارلىدۇق. شۇلارنىڭ ئىچىدە رىزايدىن رايلىن، تىمۇر ھەمرايېف ئوخشاش خەلقئارا دەرىجىلىك تەنھەرىكەت ماھىرلىرىنى تەييارلىدىم. مۇشۇ تاپتا قول ئاستىمدا 150-200 گە يېقىن ئۇيغۇر بالىلىرى مەشىقلىنىدۇ. ھازىر شاڭخەيدە بولىدىغان دۇنيا مۇسابىقىسىگە تەييارلىنىۋاتىمىز.»
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان قازاقىستاندا تەنھەرىكەتنىڭ بوكس، كىكبوكسىڭ، يەنى ئەركىن مۇشتلىشىش، كاراتې، يەنى قائىدىسىز چېلىشىش، چامباشچىلىق، «جيۇ-جىتسۇ»، يەنى بىرازىلىيەچە ئەركىن چېلىشىش ۋە باشقىمۇ تۈرلىرى بويىچە كۆپلىگەن ئۇيغۇر ماھىرلىرى يېتىلىپ چىققان ئىكەن. ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف، ھېمىت توختاخۇنوف، زاكىر توختىيېف، غوپۇر توختىيېفقا ئوخشاش تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىسمى پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىرتىدىمۇ ياخشى مەلۇم. ھازىر شۇ ماھىرلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېلىۋاتقان ياشلار ئاز ئەمەس ئىكەن.
0:00 / 0:00