5-نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ۋە مەدەنىيەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
2022.06.10
دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت فېستىۋالىنىڭ 5-نۆۋەتلىكى 9-ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا رەسمىي باشلاندى.
ئىستانبۇلدىكى ئاتاتۈرك ئايرودرومى مەيدانىدا بۇ يىل 5-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ۋە مەدەنىيەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلارغا مەخسۇس بىر چېدىر تەييارلانغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە 4 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، تۈركىيە ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇھەررەم، دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت فېدېراتسىيەسى رەئىسى بىلال ئەردۇغان، ئىستانبۇل ۋالىيىسى ئالىي يەرلىكايا ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيەسى ۋە مەدەنىيىتىنى جانلاندۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
تۈركىيە ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇھەررەم مۇنداق دېدى: «2016-يىلىدىن باشلاپ ئون نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن يۈز مىڭلىغان زىيارەتچىلەرنىڭ قاتنىشىشىدىكى بىلەن دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن ساھىبخانىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ فېستىۋالدا ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ساھەلىرىدە نۇرغۇنلىغان پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. بۇ فېستىۋال مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە بايرىمىغا ئايلاندى. ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەتنىڭ بىرلەشتۈرۈش كۈچى بىزنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىمىزنى مۇستەھكەملەش، جەمئىيەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا يېقىنلىشىشى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر پۇرسەت».
ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى بىلال ئەردۇغاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ فېستىۋالغا 26 دۆلەت ۋە رايوندىن 1000 دىن ئارتۇق كىشى 20 دۆلەت ۋە رايوننىڭ ھەر خىل تەنتەربىيە، مەدەنىيەت ۋە تاماق تەملىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باماقتىكەن.
بىلال ئەردۇغاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ فېستىۋالغا تۆت كۈن بويىچە بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتىكەن.
ئۇيغۇر ئاشپەز ئىلھامجان ئۇستامنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى «مېھمان رېستورانى» ھەر كۈنى 1000 كىشىلىك پولۇ ئېتىپ ھەقسىز تارقاتماقتىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، فېستىۋالدا 60 خىلدىن ئارتۇق ئويۇن، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىش، ئوق ئېتىش، تۈرك دۇنياسى خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، تاماق تەملىرىنى تېتىش، قول-ھۈنەر سەنئەتلىرىمى كۆرسىتىش، ناخشا-مۇزىكا ئورۇنداش قاتارلىق كۆپ خىل پائالىيەتلەت ئېلىپ بېرىلماقتىكەن.
بىز ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغان مەھمەت دېمىر ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مەھمەت دېمىر ئەپەندى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەيلى شەرقىي تۈركىستاندا بولسۇن مەيلى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بولسۇن ھەر قانداق بىر تۈرك زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا خۇددى مېنىڭ يۈرىكىمگە خەنجەر سانجىلغاندەك ھېس قىلىمەن، ئوخشاش ئازاب تارتىمەن، ئەلۋەتتە بىزنىڭ دىنىمىزمۇ ئاشۇنداق بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. ۋۇجۇدنىڭ بىر ئەزاسى ئاغرىپ قالسا پۈتۈن ئەزالىرى ئاغرىق ھېس قىلغاندەك، بىر تۈرك ئازاب تارتسا دۇنيادىكى پۈتۈن تۈركلەر ئازاب ھېس قىلىشى كېرەك ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قولىدىن نېمە ئىش كەلسە ئۇنى قىلىشى لازىم».
مەھمەت دېمىر ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ شۇنچە بېسىم ۋە زۇلۇمىغا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت-ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى ئونۇتمىغانلىقى ۋە قوغداپ كەلگەنلىكى مەن ئۈچۈن ئىنتايىن گۈزەل ۋە پەخىرلىنەرلىك بىر ئىش. خۇدايىم بۇيرۇسا بىر كۈنى تارىختىكىگە ئوخشاش كۈچكە ئىگە بولىمىز ۋە خىتايغىمۇ سۆزىمىز ئۆتىدىغان كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ماددىي ۋە مەنىۋى پىداكارلىق قىلىشقا تەييارمەن».
ئىستانبۇل مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدىكى پۈتۈن ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ فېستىۋالغا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ فېستىۋالنى نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپا ھالدا زىيارەت قىلدى. ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلىۋاتقان يۈسۈپ جەڭگەرە ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى ئۇيغۇرلارنى بىلەمسىز دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدۇ».
ئەخمەت ئىسىملىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى: «ئۇيغۇرلار خىتاي ئىشغال ئاستىدا ياشايدۇ، ئۇلار بىزنىڭ قان ۋە دىن قېرىنداشلىرىمىز، خۇدايىم بۇيرۇسا ئۇلار بىر كۈنى ئەركىنلىكلىرىگە ئېرىشىدۇ» دېدى.
بىز يەنە بۇ پائالىيەت توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەتكە مەدەنىيەت يەرمەنكىسى ئېچىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم جەمئىيسىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇرخانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، بۇ پائالىيەتنىڭ پەقەتلا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپلا قالماستىن بەلكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا تېخىمۇ كۆپ ئىنسانلارنى كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۈندەيدىغان، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايلار بىلەن مەدەنىيەت، ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت، ئىجتىمائىي ھايات ۋە كىيىم كىيىشتە بولسۇن ھەر جەھەتتە ھېچ قانداق ئوخشىمايدىغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدىغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ياخشى بىر پائالىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھازىر بىزنىڭ تىلىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى، مىللىي كىملىكىمىزنى يوق قىلىپ، ئۆزلىرىگە ئوخشاش پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئويۇنلارنى ئويناپ، سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋاتىدۇ، لېكىن بىز بۇ خىل پائالىيەتلىرىمىز ئارقىلىق، مەدەنىيىتىمىز ۋە مىللىي كىملىكىمىز بىلەن يوق بولمايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلايمىز».