لېكىن خىتاي بۇ دىلولاردا خىتاي قانۇنى ۋە خەلقئارا ئەدلىيە ئۆلچەملىرىدىكى ئەقەللى پرىنسىپلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، مەسىلىسىنى سىياسىلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىنقى كۈنى سوت ئېچىپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە ماجىرا پەيدا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 22 كىشىگە ھۆكۈم ئېلان قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 5 كىشىنىڭ دەرھال ئۆلۈم جازاسىغا، يەنە 5 كىشىنىڭ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭ بىلەن خىتاي"5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە ماجىرا پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان كىشىلەرنىڭ سانى 22 گە يەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - ئايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 9 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىپ، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە ئائىت بۇ دىلولارنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، خىتاي قانۇنى ۋە خەلقئارا ئەدلىيە ئۆلچەملىرىدىكى ئەڭ ئەقەللى پرىنسىپلارغا رىئايە قىلمىغانلىقىنى، ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش، "جىنايەت"نى رەت قىلىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى ما شىنچۇن فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، "چارشەنبە كۈنى 5 دىلوغا مۇناسىۋەتلىك 22 كىشىنىڭ سوتلانغانلىقىنى، 5 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، يەنە 5 كىشىگە كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى"نى بىلدۈرگەن.
لېكىن ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلار ئۈرۈمچىدىكى سوتنى تەنقىدلەپ، ئادالەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان بۇ تۈرلۈك سوتنىڭ مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىكنى يۇمشىتىش ئەمەس، بەلكى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى خىتاي دىموكراتىيە پارتىيىسى خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ۋاڭ جۈن،" بۇ تۈرلۈك ھۆكۈم بىر تەرەپلىمىلىك، چۈنكى كومپارتىيىنىڭ دىكتاتۇرلۇققا تايىنىپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى سوتلىشى، ئۇلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىغا ئۇيغۇرلار ھەرگىز قايىل بولمايدۇ، قوبۇل قىلالمايدۇ ياكى تەن بەرمەيدۇ. ئەگەر خەنزۇلارنى بىر تەرەپلىمىلىك سوتلىسا خەنزۇلارمۇ قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن. بۇ سوت ئادالەتسىز بىر سوتتۇر. بۇ سوت مەسىلىنى ھەل قىلمايلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ كومپارتىيىگە بولغان نەپرىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىدۇ. ئارىدىكى مىللىي زىددىيەتلەر تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. سوتلاش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملىك ئۇسۇلى ئەمەس" دېدى.
ۋاڭ جۈننىڭ ئەسكەرتىشىگە قارىغاندا، ئوتتۇرىدىكى زىدىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ يولى دىموكراتىك پرىنسىپ ئاساسىدا تەرەپلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە پىكىرىگە قۇلاق سېلىشتۇر.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت باياناتچىسى ما شىنچۇن، چارشەنبە كۈنى سوتلانغان كىشىلەرنىڭ مىللىي تەۋەلىكى ۋە ئىسىم - شەرىپىگە ئائىت تەپسىلىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر سوتلىغان ھەم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان تۇتقۇنلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۇيغۇرلار ئىدى.
چارشەنبە كۈنكى سوت كامبودژا ھۆكۈمىتى 19 - چىسلا 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"گە مۇناسىۋەتلىك 20 ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى مانفرېد نوۋاك ئۈرۈمچىگە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا خىتاينى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا دۇرۇست مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ئۈندىگەن ئىدى. ئامېرىكا كامبودژا دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ، بۇ ۋەقەنىڭ ئۆزلىرىنى "قاتتىق بىئارام" قىلغانلىقىنى، بۇ كامبودژا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سوتنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، خىتاي قانۇنى ۋە خەلقئارا ئەدلىيە ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلمىغانلىقىنى، ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى فىلىپ كروۋلېي بولسا سوتنى سىياسىيلاشتۇرۇش خىتاينىڭ چوڭ دۆلەتلىك سالاپىتىگە ياراشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ "ناھايىتى روشەنكى، سىياسى نەتىجىگە ئېلىپ بارىدىغان سىياسى سوت بۈيۈك بىر دۆلەتنىڭ خاراكتىرىگە ياراشمايدۇ" دېگەن.
ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى ۋاڭ جۈن، خىتايدا ئەدلىيە سېستىمىسىنىڭ مۇستەقىل ئەمەسلىكىنى، بۇ ئەھۋالدا سوتنىڭ تەرەپلەرنى رازى قىلالايدىغان ئادىلانە ھۆكۈم چىقىرىشى قىيىنلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ" : چۈنكى جۇڭگودا ئەدلىيە مۇستەقىل ئەمەس. ئۇنىڭ مۇستەقىل ئەدلىيە ئورگانى ۋە قانۇننىڭ ئادىل ئىجىرا قىلىنىشىنى كۆزىتىدىغان ئورگان يوقتۇر. كومپارتىيىنىڭ ئاتالمىش ھازىرقى قانۇنى ئۇ ئېھتىياج بولغاندا تۈزۈلىدۇ ۋە ئىجرا قىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ قانۇنىدا ئادالەتسىزلىك مەسىلىسى مەۋجۈت. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنى سوتلىغاندا سوت مەخپىي ئېلىپ بېرىلدى ياكى ئادۋوكاتنىڭ ئەيىبلەنگۈچىلەرنى ئاشكارا ئاقلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى. بەزىدە بىر قىسىم خەنزۇلار بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ۋاقىتلار بولدى. مەسىلەن، جۇڭگو دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ بىڭجاڭنىڭ مەسىلىسىدە، ئۇ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سوتلىنىش جەريانى ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنمىدى. بۇنىڭغا ئوخشاش مەخپىي ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان نۇرغۇن دىلولار بار. كومپارتىيە بۇ ئىشلارنى نېمە ئۈچۈن ئاشكارا ئېلان قىلالمايدۇ ؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ سوتلىنىشى كومپارتىيە ئۆزىنىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن ئەمەس."
خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ 10 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھەققىدىكى مەزكۇر قارارى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمېس مەكگوۋېرىن، كرىستوفېر سىمىت، بېلل دېلېخۇنت ۋە فرانك ۋولفلار قارار لايىھىسى تەييارلاپ، 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئادىل سوتلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان مەزگىلدە يۈز بەرگەن. قارار لايىھىسىدە "جازا چوقۇم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھالدا يولغا قويۇۋاتقان ئۆلۈم جازالىرىنى توختىتىشى لازىم" دەپ تەكىتلەنگەن ئىدى.