شۋېتسىيىدە ئېچىلغان « 11 -سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان مىللەتلەر» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاساسلىق تېمىغا ئايلاندى
2012.09.11
يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاساسلىق تېمىغا ئايلىنىپ، نۆۋەتتە گۇئانتانامودا يېتىۋاتقان 3 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ ئەھۋالى، گۇئانتانامودىن قۇيۇۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەسىلىلىرى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر ۋە مۇلاھىزىلەر، شۇنداقلا گۇئانتانامودىكى 3 نەپەر ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇشنىڭ يوللىرى ھەققىدە تەكلىپلەر سۇنۇلدى. يىغىنغا گۇئانتانومودىن قويۇۋېتىلگەن سابىق مەھبۇس ئادىل ئابدۇلھېكىممۇ قاتناشتى
بۇ يىغىنغا شىۋىتسىيىدىكى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. يىغىندا شىۋىتسىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە، بىر قىسىم ئادۋوكاتلار، ئاخباراتچىلار ۋە بىر نەپەر پارلامېنت ئەزاسىمۇ قاتناشقان. يىغىندا شىۋىتسىيىدىكى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. نىجات تۇرغۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى، 11 -سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى ھەرىكەتتە، ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مىللەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ 11 -سېنتەبىردىن كېيىن خەلقئارا مۇھىتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچلەندۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىندا سابىق مەھبۇس ئادىل ئابدۇلھېكىمنىڭ ئادۋوكاتىمۇ سۆز قىلىپ ، ئادىل ئابدۇلھېكىمنىڭ ھاياتىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ گۇئانتانامودىن قويۇۋېتىلگەندىن كېيىنكى ھايات خاتىرىسىنى مىسالغا ئېلىپ، گۇئانتانامودا يېتىۋاتقان 3 ئۇيغۇرنىڭمۇ، ئادىل ئابدۇلھېكىمگە ئوخشاش كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ پەقەت ۋەتەن ۋە مىللىتىنىڭ قايغۇسىنى يىگەن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان ئالىجاناپ كىشىلەردىن بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۈگۈنكى كۈنگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. يىغىن قاتناشچىلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىنى، جۈملىدىن گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىلىرىنى شىۋىتسىيە خەلقى ۋە خەلقئارا جامائەتكە كەڭ كۆلەمدە تونۇشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق گۇئانتانامودىكى 3 ئۇيغۇرنىڭ قويۇۋېتىلىشى ۋە قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن كۈچلۈك بىر خەلقئارا جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىشتا پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن. يىغىن قاتناشقۇچىلىرىدىن سابىق مەھبۇس ئادىل ئابدۇلھېكىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى يىغىن تەسىراتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. ئادىل ئابدۇلھېكىم شۋېتسىيىدىكى ھايات تەسىراتلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى؛ ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ شۋېتسىيىگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ كەچمىشى سەۋەبلىك ھەرقانداق غەيرىي نورمال مۇئامىلىگە ئۇچرىمىغان، ئەكسىچە شۋېتسىيىلىكلەر ئۇنى تونۇپ قالغان ئەھۋالدا قىزغىن سالاملىشىپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن. ئادىل ئابدۇلھېكىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ گەرچە شۋېتسىيىدە كۆپ ئىمكانلارغا ۋە قوللاشلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ ئۆزىنى تېخى خاتىرجەم ھىس قىلىپ بولالمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:
« مەنچە ھەرقانداق بىر ئادەم، ئانا ۋەتىنى ئىشغالىيەتتىن ، خەلقى زۇلۇمدىن قۇتۇلماي تۇرۇپ تەل-تۆكۈس خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەيدۇ، مەنمۇ شۇ.»