گۇماندارلار، خالىد شەيىخ مۇھەممەد، رەمزى بىنالشىخ، مۇستافا ئەھمەد ئەل ھاۋسارى ۋە ئامار ئەل - بالۇچى ۋە ۋالىد بىن ئاتتاش قاتارلىق بەش كىشىدۇر. 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خالىد شەيىخ مۇھەممەد 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى.
دوكلاتتا بىلدۈرۈلىشىچە، خالىد شەيىخ مۇھەممەد، ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ غوللۇق ئەزاسى ئۇ، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن باشقا يەنە، 1993 - يىلى يۈز بەرگەن نيۇيوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزىنى پارتلىتىش ۋەقەسى ، 1995 - يىلىدىكى بوجىنكا سۈيىقەستى، 2002 - يىلىدىكى بالى پارتلىتىش ۋەقەسى قاتارلىق يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە ئامېرىكىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان چوڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى پىلانلاش، ئىجرا قىلىش، ياردەملىشىش رولىنى ئوينىغان.
سوتقا تارتىلغان قالغان 4 گۇماندار، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىكى 19 نەپەر ھۇجۇمچىنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلەش ئېلىپ بارغان.
گۇماندارلار ئادۋۇكات تۇتۇشنى رەت قىلغان
بۇ قېتىمقى سوت يېرىم ئوچۇق شەكىلدە ئېچىلغان بولۇپ، ئاخباراتچىلار نىڭ سوت مەيدانىدا بولۇشىغا رۇخسەت بېرىلمىگەن. ئاخباراتچىلار سوت جەريانىنى سوتخانىغا قوشنا بولغان ئاخباراتچىلار ئۆيىدىن ۋىدىئو ئېكرانىدىن كۆزەتكەن. خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، 5 نەپەر گۇماندارنىڭ سوت مەيدانىدىكى روھىي ھالىتى ناھايىتى تەمكىن ۋە ئازادە بولۇپ، ئادۋوكات تۇتۇشنى رەت قىلغان. خالىد شەيىخ مۇھەممەد ئۆزىنىڭ پەقەتلا شەرىئەت قانۇنىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ چاغدا سوتچى ئۇنىڭغا، ئەگەر بۇ سوتتا ئاقلىنالمىسا ئۆلۈم جازاسىغا يولۇقىدىغانلىقىنى سەمىگە سالغان، بۇنىڭغا قارىتا ئۇ : " ئۇ چاغدا مۇرادىمغا يەتكەن بولىمەن، چۈنكى مەن ئۇزۇندىن بېرى شېھىت بولۇشنى كۈتۈپ كېلىۋاتىمەن " دەپ جاۋاب بەرگەن. گۇماندارلاردىن رەمزى بىنالشىخ سوتتا، ئۆزىنىڭ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىگە ئىشتىراك قىلالمىغىنى ئۈچۈن ھەسرەت چېكىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئەينى چاغدا ئامېرىكىغا ۋىزا ئالالمىغىنى ئۈچۈن 11 - سېنتەبىر ھۇجۇمىغا ئىشتىراك قىلالمىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ئارقىدىن" شېھىدلىكنىڭ ماڭا بۈگۈن نېسىپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن" دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
ئادۋۇكات توماس دۇركىن: سوت ئادىل ئەمەس
نيۇيوركتىكى ئامېرىكا كىشىلىك ئەركىنلىك جەمئىيىتىنىڭ دىرېكتورى، Anthony D Romero، گۇماندارلارنىڭ ئادۋوكات قوبۇل قىلماسلىقىنى ھەيران قالارلىق ئەھۋال ئەمەس دەپ ئىزاھلىغان ۋە " ئۇلار 5 يىلدىن بېرى قىيىن - قىستاققا يولۇققاچقا، ئامېرىكا قانۇنىغا قارىتا ئىشەنچىنى يوقاتتى دەپ بىلدۈرگەن. رەمزى بىنالشىخنىڭ خالىس ئادۋۇكاتى بولغان Thomas Durkin گۇماندارلارنىڭ ھەربىي سوت تەرىپىدىن ئەمەس، فېدېرال سوت تەرىپىدىن سوتلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە " سەۋەبى نېمە بولسا بولسۇن، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلغىنى ئادىل سوت ئەمەس، كۆرگەزمە سوت دەپ ئەيىبلىگەن.
نۆۋەتتە، مەزكۇر ھەربىي سوت كوللېگىيىسى ئامېرىكىدا تالاش - تارتىشلىق بىر ئورگاندۇر. بۇ ئورگان گۈەنتانامو مەھبۇسلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ قانۇنىيلىقى ئامېرىكا ئالىي سوتى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنغان. نۆۋەتتىكى پرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن جون مىكايىن بىلەن باراك ئوبامانىڭ ھەر ئىككىسى ھەربىي سوت كوللىگىيىسىگە قارشى. ئەگەر گۇماندارلار ئۈستىدىكى سوت ئۇزۇراپ يېڭى پرېزىدېنت دەۋرىگە قەدەر سوزۇلسا، گۇماندارلارغا، ھەربىي سوتتا ئەمەس،فېدېرال سوتتا سوتلىنىش يولى ئېچىلىشى مۇمكىن.
ئىلشات : ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە سېلىشتۇرۇلسا سوت ئادىل بىر سوت
نۆۋەتتىكى ھەربىي سوت بەلگىلىمىسى بۇيىچە، گۇماندارلارنىڭ ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ھۆكۈم ئۈستىدىن فېدېرال سوتقا ئەرز قىلىش ھوقۇقى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىي سوت چىقارغان ھۆكۈم ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ. شۇڭا گۇماندارلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەسلىك ئېھتىمالىمۇ پەرەز قىلىنماقتا. بۇ قېتىمقى سوت 10 سائەت داۋام قىلغان بولۇپ، سوتنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمىنى چىقىرىش ئۈچۈن يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇ سوتقا قارىتا دىققەت نۇقتىسى 11 - سېنتەبىر پىلانلىغۇچىلىرىنىڭ سوتلىنىش جەريانى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنىڭ جازالىنىش جەريانى ئارىسىدىكى سېلىشتۇرمىدۇر.
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىلشات ئەپەندى: " بۇلار ئۈچۈن قانداقلا بولمىسۇن بىر سوت ئېچىلىۋاتىدۇ، سوتتىكى يېتەرسىزلىكلەر ئامېرىكىلىقلار تەرىپىدىن تەنقىدلىنىۋاتىدۇ، ئاخباراتچىلار خەۋەر قىلىۋاتىدۇ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى نازارەت قىلىۋاتىدۇ. ھەقلىق بىر داۋا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ئادۋۇكات تۇتۇش ئەمەس ئاتا - ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىدىنمۇ مەھرۇم. دېمەك بۇلارنىڭ سوتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا سېلىشتۇرۇلسا ئادىللىقنىڭ ئۈستىدىكى بىر ئادىللىق ئىچىدە بولغان،" دەيدۇ.