ئانالىزچىلار 11‏-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختالدى

11‏-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئانالىزچىلىرى مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە توختالدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.09.07
dunya-sod-merkizi-koyuwatqan-korunush-305.jpg دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ كۆيۈۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2001-يىلى 11-سېنتەبىر، نيۇ يورك.
AFP

خىتاي ھۆكۈمىتى 11‏‏-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ يەر شارى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى يەر شارى تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان دۆلەت دەپ جاكارلىغان. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى خەلقئارا تېررورچىلىقنىڭ بىر قىسمى، دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنىڭدىن بۇيان ئۆزىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى ئاساس قىلغان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىزچىل يولغا قويۇپ كەلدى. گەرچە 11‏-سېنتەبىر ۋەقەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرىلەپ كونترول قىلىشىغا بەزى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ سىياسىتى يەنە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى ئالغا سۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا، قازاقىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە ياشايدىغان بەزى ئۇيغۇر ۋە خىتاي مۇتەخەسسىس ۋە ئانالىزچىلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 11‏-سېنتەبىر ۋەقەسى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە دائىر بەزى مەسىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

«11-سېنتەبىر ۋەقەسى ئامېرىكا ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بىر ۋەقە. ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن جاۋابىمۇ ناھايىتى شىددەتلىك بولدى. بىراق بۇ خەلقئارا ۋەزىيەتكە ناھايىتى زور ئېغىقچىلىق ۋە قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئەمدى ئۇيغۇرلارغا كەلسەك، ئويلايمەنكى، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشى جەريانىدا خىتاي بۇنىڭدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئاددىي ۋە قانۇنى دائىرىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى ئۇيۇشتۇردى. خىتايغا ياخشى پۇرسەت كېلىپ قالدى، بىزنىڭ ئاددىي ۋە قانۇنى تىنچلىق ھەرىكىتىمىزگە كۈچلۈك توسالغۇ پەيدا قىلدى.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى، خىتاينىڭ يەنە ب د ت نىڭ تېررورلۇققا بەرگەن تەبىرىنى بۇرمىلاپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن چۈشەندۈرگەنلىكىنى ۋە باشقىلارغا شۇ پېتى قوبۇل قىلدۇرماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. قەھرىمان غوجامبەردى، خىتاينىڭ تېررورلۇق ئۇقۇمىنى مۇجىمەللەشتۈرۈپ، تېررورلۇق بىلەن دىنىي پائالىيەتلەر ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ چەك-چېگرىسىنى تامامەن ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «2001-يىلدىن كېيىن پۈتكۈل دۇنياغا ئادەتتىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بولسۇن، ئۆز ھوقۇقى ياكى تىنچ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەتلىرى بولسۇن، ھەممىسىنى تېررولۇققا باغلاپ باستۇرۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، خوتەندە بولغان ۋەقە ياكى قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تېررورلۇققا يېقىنمۇ يولىمايدىغان ۋەقەلەر. لېكىن، خىتاي دائىرىلىرى بەرىبىر ئۇنى تېررورلۇق دەپ ئېلان قىلىپ، ناھايىتى شەپقەتسىزلىك ۋە قاتتىق قوللۇقنى، ھېچقانداق دۆلەتتە يوق قوراللارنى قوللىنىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئەسلى ھەرقانداق بىر ۋەقەنىڭ ۋە نەرسىنىڭ نەزەرىيىۋى بولسىمۇ، مەلۇم چەك-چېگرىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۇقۇمىنىڭ چۈشەنچىلىرى بار. ب د ت نىڭ تېررورلۇققا بەرگەن ئېنىقلىمىسى بار. بىراق خىتاي ھەممىنى ئارىلاشتۇرۇپ، تىچ نامايىشلارنىمۇ، ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە قانۇنسىزلىققا قارشى ھەرىكەتلەرنىمۇ، ئومۇمەن ھەممە نەرسىنى بىر يەرگە يىغىپ، تېررورلۇق دەپ ئەتەي قالايمىقانلاشتۇرۇۋاتىدۇ.»

ئامېرىكىدا ياشايدىغان بەزى ئۆكتىچى خىتاي زىيالىيلار بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «11‏-سېنتەبىر ۋەقەسى» نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىۋەتكەنلىكى، مەزكۇر ۋەقەنى ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىدىغان بىر پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىدا قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن پىكىرداش. خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان ئەڭ چوڭ نەشرىيات ئەپكارى «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى خۇ پىڭ ئەپەندى «ئۆتكەن 10 يىل مابەينىدە بىز شۇنى نەرسىنى ئېنىق كۆردۇق. جۇڭگو كومپارتىيىسى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى ئېغىر دەرىجىدە كېڭەيتىپ، تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان ئىشلارنى تېررورلۇققا باغلىۋالدى. ئەمەلىيەتتە بۇ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قانۇندىن ھالقىغان تېخىمۇ قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن باستۇرۇشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى شىنجاڭدا يۈز بەرگەن نۇرغۇن ۋەقەلەر بۇ نۇقتىنى ناھايىتى ئېنىق ئىسپاتلايدۇ،» دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن، خۇ پىڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرالايدىغانلىقىنى ئويلىغان بولسىمۇ، بىراق نەتىجە ئۇنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاينىڭ سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ شىددەتلىك نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئۇيغۇرلاردىكى قارشىلىقنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خۇ پىڭ مۇنداق دەيدۇ: «چۈنكى ئۇ چېكىدىن ئاشقان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىنى ئويلىغان ئىدى. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقى ۋە ۋەھشىلىكى شۇنداقلا قانۇن-تۈزۈملەردىن ھالقىغان قىلمىشى ئەمەلىيەتتە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنى قوزغاپ، شىنجاڭ مەسىلىسىنى ئىلگىرىلەپ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يىتەلمىدى.ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قىلمىشى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ۋە قارشىلىققا ئۇچرىدى.»

تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم، خىتاينىڭ «11‏-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن يولغا قويغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتى ئۇزۇن مۇددەتتىن ئالغاندا ئۇنىڭ دۇنيادىكى سۈپەر دۆلەت بولۇش خىيالىغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى لازىم. ئەگەردە ئۆزگەرتمىسە خىتاينىڭ كەلگۈسىدە چوڭ دۆلەت بولۇشىغا زىيان قىلىدۇ. چۈنكى خىتاي يۈكسىلىشى ۋە يۈكسىلىش بىلەن بىرگە ئەتراپىغا ئېچىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىقتىسادى دېسەك، ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خام ماددىغا ئېھتىياجى چۈشىدۇ. ئۇ ئېھتىياج بولغان خام ماددا ياۋروئاسىيا ۋە تۈركىيىگە قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى رايوندا. شەرقىي تۈركىستان تىنچ بولمىسا، خىتاينىڭ ياۋروئاسىيادىن ئەكېلىدىغان خام ماددىسىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ شۇنداقلا يەنە خىتاينىڭ ياۋروئاسىيانى ئۆزىنىڭ بازىرىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش پىلانى ئىشقا ئاشمايدۇ. خىتاي تۈت ئەتراپىدىكى قوشنىلار بىلەن تازا ياخشى ئەمەس، ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ گۇمان بىلەن قارايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا تازا ئىشەنچ قىلالمايدۇ. شۇڭا خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلاردا خىتايغا زىيان سالغىلى بولىدىغان رايوندۇر. ئەسلى شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل بۆلۈش خىتاي ئۈچۈن بىر مەجبۇرىيەت. ئەگەر ئۇ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەي ھازىرقىدەك داۋاملاشتۇرۇۋەرسە، ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى قىلىۋېرىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ يوقىتىپ قويىدىغان ھېچقانداق نەرسىسى يوق.»

«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىدىكى خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى مىللىي زىددىيەتنى پەسەيتمەكچى بولسا، چوقۇم ئۇيغۇرلارغا بەزى ھوقۇقلارنى بېرىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ «مېنىڭ پىكرىمچە، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي. يەنى ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ھەقىقىي ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى، دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن نوقۇل ئىقتىسادى تەرەققىياتنى تەكىتلەش بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىققا توغرا كېلىدۇ. بۇ، مەسىلىگە ئىنساننىڭ كىشىلىك ئىززەت ھۆرمىتى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقى نۇقتىسىدىن قاراش كېرەك دېگەنلىكتۇر. بۇ بىزنىڭ ئۇ يەردىكى خەنزۇ قېرىنداشلىرىمىز ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى» دەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «11‏-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان ئىدى. ئۇ «قوش تىللىق» مائارىپ سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ يولىنى ئاچقان. ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىگە خىزمەت تېپىپ بېرىشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر يېزا ياشلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ھەيدىگەن. ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارتىيە ئورگانلىرىدىكى ئۇيغۇر كادىرلارنى سىقىپ چىقىرىپ، ھوقۇقنىڭ تامامەن خىتايلارغا مەركەزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن شۇنداقلا يەنە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى جىددىيلەشتۈرگەن ئىدى.

ئەركىن ئەكرەم، خىتاي خەلقئارا تېررولۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى باھانە قىلىپ، يۇقىرىقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ۋاقىت ئۆتكەنسېرى خىتايغا ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، زور قارشىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

«خىتاي ھازىر قىسقا ۋاقىتتا بۇنداق قىلىۋالدىم دېگەن بىلەن، ھېچقانداق نەرسىسى قالمىغان ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى خالىغان قارشىلىقلارنى ئېلىپ بارالايدۇ. ئۇزۇن مۇددەتتىن ئالغاندا خىتاي بۇنىڭدىن چوڭ بىر نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. بۇرۇن شىڭ شىسەي دەۋرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، خىتايلارنى يەرلەشتۈرگەن ئىدى. لېكىن بۇ، غۇلجىدا ئىنقىلاب قوزغاپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. خىتاي مانجۇرىيە قولدىن كېتىپ قالمىسۇن، دەپ موڭغۇلىيىنى بېرىشكە مەجبۇر بولدى. ئەڭ مۇھىمى جياڭ جىشى ئاغدۇرۇلۇپ، شەنشىدىكى كوممۇنىستلارنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىغا سەۋەب بولدى. يەنى دېمەكچىمەنكى، ئۇيغۇرلارنى قىيىن ئەھۋالغا تاشلاپ قويسا، بۇ يەردىكى بىر ئىسياننىڭ ئۇرۇقىنى تېرىپ قويغان بولىدۇ. خىتاي قىسقا ۋاقىتتا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرغا قىلغان بېسىم كەلگۈسىدە قالايمىقان بىر رېئاكسىيىگە سەۋەب بولىدۇ. ئۇ چاغدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇسىغا تايىنىپ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلالايدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايمەن.»

لېكىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىدىكى خۇ پىڭ ئەپەندى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدىكى خاتالىقلىرىدىن ساۋاق ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ‏ئۇ «2009‏-يىلى 5‏-ئىيۇل ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ، شىنجاڭ دائىرىلىرىنىڭ قىلمىشىنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك، دەپ قارىغان ئىدى. شۇڭا ئۇلار ۋاڭ لېچۈەننى يۆتكەپ كېتىپ، ئورنىغا جاڭ چۈنشيەننى يۆتكەپ كەلگەن ئىدى. جاڭ چۈنشيەن بىر ئاز يۇمشاق قول دەپ قارالغان ۋە بەزى تۈزىتىشلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن پەقەت ئىقتىسادنىلا تەكىتلەپ، سىياسىي، مىللىي مەسىلىگە دائىر باشقا ئىشلارنى يولغا سالمىدى. شىنجاڭ ھۆكۈمىتى سادىر قىلغان بۇرۇنقى خاتالىقلارنى تۈزەتمىدى» دەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.