ئۇيغۇر 12 مۇقام ئۆمىكى قازاقىستاندا ئويۇن قويدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەۋە ئۇيغۇر 12 مۇقام ئۆمىكى 13 - ئاپرىل كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ئورۇندىغان.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن مەزكۇر سەنئەت پائالىيىتىدە خىتاينىڭ ئالمۇتىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانە ھەمدە چەتئەللەر بىلەن ئالاقە باغلاش ئورگىنىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى شۇنىڭدەك قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باشلىقى سۆز قىلغان.

45 كىشىلىك ئۇيغۇر 12 مۇقام ئۆمىكى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلار زىچ ياشايدىغان يەركەت ۋە چۆنجى قاتارلىق جايلاردىمۇ ئويۇن قويغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.