ئەمما، مەھكۇملارنىڭ كونكرېت قانداق ھەرىكەتلەر سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە قانداق جازاغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلمىدى. ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ يۈن ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، مەزكۇر يىغىننى خىتاينىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ھەرىكەتتىكى قەتئىي مەيدانىنىڭ ئىپادىسى، باش كۆتۈرگەن ھامان ئۇرۇش چارىسىنىڭ بىر پارچىسى دەپ كۆرسەتكەن. بۇ سۆزلەر بۇ كۈنكى يىغىندا ئاز دېگەندە بىر قانچە كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىدىن بىشارەت بەرمەكتە. بۈگۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت سۆزىدە، خىتاينىڭ سىياسىي دېلولارنى قانۇن بۇيىچە ئەمەس، بەلكى سىياسىي چاقىرىق ۋە ھۆججەتكە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل ئىشنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا تامامەن خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ خەلقئارا جامائەتنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى. دىلشات رىشىت سۆزىدە خىتاي يەنە خاتالىشىۋاتىدۇ، قورال كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.
مەركىزى گېرمانىيىنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىگە جايلاشقان شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى، مەزكۇر يىغىندا جازاغا ئۇچرىغان مەھكۇملارنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر يىغىن ھەققىدىكى خەۋىرىدە، ئۆتكەن 8 ئاي ئىچىدە، 6 تېررورلۇق تەشكىلاتى پاش قىلىنغانلىقى، 3 ئەسكىرىي تەلىمات بازىسى ۋە 11 قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات سورۇنى بايقالغانلىقى ۋە 43 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. بۇ مەلۇماتلار، خىتاينىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە يۈز بەرگەن يەنە بىر قاتار ۋەقەلەرنى خىتاينىڭ دۇنيادىن يوشۇرۇن تۇتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
تەشكىلات باشلىقى كۈرەش ئاتاخان سۆزىدە، خىتاينى ئېتنىك قىرغىنچىلىقنى يولغا قويۇۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ 50 يىلدىن بېرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن نامرات قالدۇرۇش، مەدەنىي - مائارىپ جەھەتتىن ئارقىدا قالدۇرۇش، سەھىيە جەھەتتىن مۇداپىئەسىز قالدۇرۇش ۋە قانلىق باستۇرۇش قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەردە ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدا بىز سىلەرگە، ئەلى قۇناخۇن، مەمتىلى ئابدۇراخمان قاتارلىق 24 نەپەر ياشقا خىتاي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ھۆكۈمگە قارىتا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنكاسىنى سىلەرگە سۇندۇق.