خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا «2020-يىلىغا بارغاندا دۆلەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى ۋە شەھەر، بازار، يېزا ۋە كەنتلەردىكى خەلقنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ھازىرقىدىن بىر ھەسسە ئاشۇرىمىز» دەپ ۋەدە بېرىلىش بىلەن تەڭ، خىتاي مەتبۇئاتلىرى يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئالاھىدە ياخشىلىنىپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ھەسسىلەپ ئارتقانلىقىنى نۇقتىلىق ھالدا تىلغا ئېلىپ تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە «خەلق گېزىت» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تەشۋىق قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 10 يىلدىن بۇيانقى ئىستاتېستىكىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە، خىتاي بويىچە شەھەر ۋە بازارلاردىكى خەلقنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 2010-يىلىدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان، يېزا نوپۇسىدىكىلەرنىڭ بولسا 1.8 ھەسسە ئاشقانلىقى مەلۇم بولغان.

جۈملىدىن تەڭرىتاغ تورى 12-نويابىر، ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ بارغانچە ئېشىۋاتقانلىقىنى تېما قىلىپ خەۋەر ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا خىتاي كومپارتىيىسى 17-قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ ھازىرغىچە بولغان بەش يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزىلىرىدا ئاسمان زېمىن پەرقلەر مەيدانغا كېلىپ دېھقانلارنى ھەر جەھەتتىن مەنپەئەتلەندۈرىدىغان ياخشى سىياسەتلەر يۈرگۈزۈلگەنلىكتىن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ھەسسىلەپ كۆتۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. مىسال ئۈچۈن «قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسى تۈگمەن بېشى يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمى بەش يىل بۇرۇنقى 4118 يۈەندىن ھازىرقى 7489 يۈەنگە كۆتۈرۈلدى» دەپ كۆرسىتىلدى.
مەزكۇر تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە يەنە ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىدىن ئىنتايىن رازى ئىكەنلىكى، پارتىيە-ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، 18-قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقى تەسۋىرلەندى.
ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرى رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقتىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.
ئۆتكەن يىلى ئاخىرىدىن ھازىرغىچە بولغان بىر يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئەھۋالىنى مەركەز قىلىپ ئېلىپ بارغان زىيارەتلەردىن، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىياتلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتتە قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقى، باراۋەرسىز سىياسەتلەر تۈپەيلى يەرلىك مىللەتلەر بىلەن كۆچمەنلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىم پەرقىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى،دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئۆرلىمەي، مال باھاسىنىڭ بارغانچە ئۆرلەپ بېرىشى، ھەر خىل باج ۋە سېلىقلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئەمەلىيەتتە دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىۋاتقانلىقى ھەتتا نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى سېتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللار ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە.
مانا بۇ دېھقانلارنىڭ كىرىمى 7489 يۈەنگە يەتتى دەپ تەشۋىق قىلىنغان مارالبېشىدىكى بىر دېھقان ئايالنىڭ بايانلىرى. ئۇ ئەمەلىيەتتە بىر يىل ئىشلەپ دېھقانلارنىڭ قولىغا پۇل قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پەيزاۋات ناھىيىسىدىكى بىر ياش دېھقان ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ئۆسكەن بىلەن دېھقاننىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، پەقەت مال باھاسىنىڭ بارغانچە ئۆرلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىلىق ياراتقۇچى، ئىقتىسادىي ساھەدە تۈرلەر بويىچە مەبلەغ سالغۇچى، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئالاھىدە ياردەم ۋە قوللاش سىياسەتلىرى يۈرگۈزگەنلىكى مەلۇم، ئۇنداقتا سودا ساھەسىدىكى بۇ خىل ئەۋزەل سىياسەتلەر ئۇيغۇرلارغىمۇ مەنپەئەت ئەكەلدىمۇ؟ ئەپسۇس بۇ سوئالغىمۇ «ياق» دېگەن جاۋابلارغا ئېرىشتۇق. ئاقسۇدىكى بىر يەرلىك مەھسۇلاتلار زاۋۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن سىرتقا چىقالمىغانلىقتىن تەرەققىيات يولىنىڭ ئىنتايىن تار ۋە قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كورلىدىكى بىر شىركەتنىڭ دىرېكتورى، گەرچە ئۆزىگە ئوخشاش ئىقتىسادىي ساھەدە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ شىركەت قۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىدىغان پۇرسىتى يوقلۇقى، بۇ خىل مەبلەغ سېلىش خاراكتېرلىك چوڭ سودىلاردا پەقەت خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئەتلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خوتەن قاراقاش ناھىيىسىدە، خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ناھىيىنىڭ شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش باھانىسىدە دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى مەجبۇرىي تارتىۋالغانلىقىنى ئەرز قىلغان بىر دېھقان، ئۆزىنىڭ ۋە كەنتتىكى باشقا نۇرغۇن دېھقاننىڭ سورتلۇق ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ ناھەق ھالدا ناھىيىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى شىكايەت قىلدى.
بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى قەشقەردىكى مەلۇم يېزىنىڭ بىر كادىرى بولسا يېزا كادىرلىرىنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ خەلقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى يۇقىرىغا يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە كۆپ ساندىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك ئۇيغۇر ئېلى خەلقىنىڭ بىزگە يەتكۈزگەن ئىنكاسلىرىنىڭ ئەكسىچە،خىتاي كومپارتىيىسى 18-قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇر ئېلىدىن بارغان ۋەكىللەر، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىپ، باي-باياشات، بەخت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى يەتكۈزمەكتە.