18-قۇرۇلتاي ھارپىسىدىكى چوڭ ۋەھىمە، خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئورنى

چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 18-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا پۈتۈن خىتاينى ئاق تېررورلۇق ۋەھىمىسى قاپلىغان. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى قايتىدىن تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان.

0:00 / 0:00

فرانسىيە ئاۋازىنىڭ 30-ئۆكتەبىردىكى «18-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قارىتا تەقىب كۈچەيتىلدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ساقچى ۋە بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى 18 - قۇرۇلتاينىڭ تىنچ ئۆتۈشى ئۈچۈن جەمئەيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار خىتايدىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە بولغان نازارەتنى قايتىدىن كۈچەيتكەن. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ئۆيلىرىگە قاماپ قويۇش، ئۇلارنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش، ئىنتېرنېتلىرىنى قامال قىلىش، ھەتتا كوچىغا كۆكتات سېتىۋېلىشقا چىقىشىغىمۇ رۇخسەت قىلماسلىقتەك زورلۇق ۋاسىتىلىرىنى قوللانغان. بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردە بۇنداق ئەھۋاللار تېخىمۇ كۆپەيگەن. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيامۇ 18-قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقۇچە بېيجىڭغا كەلمەسلىك شەرتى بىلەن ئەسلى يۇرتىغا كەتكۈزىۋېتىلگەن.

باش شتابى نيۇيوركتىكى خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئاخباراتنى قامال قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتايدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ پائالىيەت دائىرىسى بارغانسېرى تارىيىپ بارغان. بولۇپمۇ، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ۋەقە يۈز بەرگەن رايونلاردا زىيارەت ئېلىپ بېرىشى قاتتىق توسالغۇلارغا ئۇچرىغان. نىڭبودىكى نامايىش مەيدانىغا بارغان ئەنگلىيە ئاخبارات قانىلى ۋە فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرى خىتاي ساقچى ۋە پۇقراچە كىيىنگەن بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قوپال مۇئامىلىگە ئۇچراپلا قالماي، يەنە تۇتۇپ كېتىلىپ قىسقا مۇددەت سولاپ قويۇلغان.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 30-ئۆكتەبىردىكى «خىتاي جامائەت پىكرى يارىتىپ 18-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالماقچى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر خىتايدىكى بارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە سەلبىي تېمىلارنى، نازۇك مەسىلىلەرنى قەتئىي ئېلان قىلماسلىق، يالغۇز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىلا ئەمەس، بەلكى ئەمەلدارلارنىڭ كىملىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنىمۇ مۇتلەق ئېلان قىلماسلىق بەلگىلەنگەن. خىتايدا ھەرقانداق تور بەتلىرىدە خىتاي رەھبەرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق يازمىلار بىردەك چەكلەنگەن. بولۇپمۇ، ۋېن جياباۋنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىغا ئائىت خەۋەر بېرىلگەن نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى قاتارلىق چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە تور بەتلىرى بىردەك تاقالغان. خىتاي بۇنى «جۇڭگو قانۇنىغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەن. بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن كومپارتىيىنى مەدھىيىلەش، 18-قۇرۇلتاينى مەدھىيىلەش، دۆلەت رەھبەرلىرىنى مەدھىيىلەش ئارقىلىق جامائەت كەيپىياتىنى كونترول قىلىشقا تىرىشماقتا.

خەۋەردە يېزىلىشىچە، خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى بۈگۈن نازۇك سىياسىي مەسىلىلەرنى چەكلەشتىن ھالقىپ، ھەتتا ناخشىلاردا «ئۆلدى»، «چۈشتى» دېگەندەك گەپلەرنى تەكىتلەشمۇ مېنى قىلىنغان. ئەنگلىيە مۇخبىرى لىسا ھوللاند «خىتاي ھاكىمىيەت ئالمىشىش دەۋرىدە بارلىق داۋالغۇش ۋە ئەنسىزچىلىكتىن ۋەھىمە يېمەكتە. مىكرو بلوگلار خىتاينىڭ بۇ بىئاراملىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقان بىر ئامىل بولماقتا» دېگەن. خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرى 29-ئۆكتەبىر بىردەك ھالدا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئەرزدارلارنىڭ خەتلىرىگە جاۋاب قايتۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ماقالىسىنى باسقان. ئۇنىڭدا ئەرزدارلارنىڭ كومپارتىيىدىن، خۇ جىنتاۋدىن، 18-قۇرۇلتايدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ئازادلىق ئارمىيە گېزىتىمۇ 29-ئۆكتەبىر كۈنى «كومپارتىيىگە رەھمەت، ياخشى سىياسەتكە رەھمەت» ناملىق باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلقنى «سۇ ئىچكەندە، قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق»قا چاقىرغان. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ نىجاتكارى ئىكەنلىكىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان.

ئەمما، بوشۈن قاتارلىق تور بەتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدە ئاق تېررورلۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ئېغىر بېسىم قىلىپلا قالماي، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ھەددىدىن زىيادە چەكلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى زىددىيەتنى يوشۇرۇش، چېرىكلىك قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن خەلقنىڭ زۇۋانىنى پېچەتلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

ئەنگلىيىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى تەتقىق قىلىش ئورگىنى بولغان لەگاتۇم ئىنستىتۇتى ناملىق بىر ئورگان 30-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلقى 52-ئورۇندىن، بۇ يىل 55-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ تەتقىقات ئورگىنى ھەربىر دۆلەتنى ئىقتىساد، ساغلاملىق، ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى، بىخەتەرلىك كاپالىتى، ھۆكۈمەت ئىدارە شەكلى، كىشىلىك ئەركىنلىك، مائارىپ، ئىجتىمائىي بايلىق مەنبەسى قاتارلىق سەككىز جەھەتتىن باھالايدىغان بولۇپ، خىتاي بولسا ئىقتىسادى جەھەتتە 11-ئورۇنغا ئۆتكەن بولسىمۇ، بىخەتەرلىك جەھەتتە 101-ئورۇنغا، كىشىلىك ئەركىنلىك جەھەتتە 128-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. خىتاي ھەتتا دۇنيا بويىچە 53-ئورۇندىكى ۋيېتنام، 46-ئورۇندىكى قازاقىستانلارنىڭ ئارقىدا قالغان.

بۇ 146 دۆلەت ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان باھالاش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادا ئۇنىۋېرسال شەرەپ دەرىجىسىگە ئېرىشكەن بىرىنچى دۆلەت يەنىلا نورۋېگىيە بولغان. دانىيە ئىككىنچىلىكنى، شۋېتسارىيە ئۈچىنچىلىكنى، ئاۋسترالىيە تۆتىنچىلىكنى ئالغان. ئامېرىكا، ئىرېلاندىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەر ئالدىنقى 15 نىڭ ئىچىگە كىرگەن. خىتاي بولسا 146 دۆلەت ئىچىدە كىشىلىك ئەركىنلىك بويىچە 126-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان ئەڭ چوڭ دۆلەت. مەزكۇر تەتقىقات ئورگىنىنىڭ مۇدىرى جېففرەي گەدمىن ئەپەندى شۇنداق دېگەن: «بۇ سانلىق مەلۇماتلار بىر دۆلەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئامىللىرىنىڭ نېمىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا كىشىلەرگە چوڭقۇر چۈشەنچە ئاتا قىلالايدۇ. ئەنئەنىۋى ماددىي بايلىق ئۆلچىمى بىلەن پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ئائىت بارلىق تەرەپلەر تەتقىقات دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. بىر دۆلەتنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدىكى ياخشى-يامانلىقتىن تارتىپ، كىشىلىك ئەركىنلىكنىڭ قايسى دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. پەقەتلا ئومۇمىي مىللىي دارامەت بىلەنلا بىر دۆلەتنىڭ باي-گادايلىقىنى ئۆلچەشكە بولمايدۇ.»