تۆنۈگۈن تۈركىيە چىقىدىغان
[ 'دۇنيا بۈلتەنى گېزىتى'Opens in new window ]
خىتايغا قايتۇرۇلغان 20 ئۇيغۇرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلار مۇتەللىپ مامۇت، ئىسلام ئۇرايىم، ھەزرىتىئەلى ئۆمەر، ئەكبەر تۇنىياز قاتارلىق كىشىلەردۇر. يەنە ئالاقىدار مەنبەلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى نەپىرى ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە. كۆپىنچىسى تولۇق ئوتتۇرا ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىدا. بۇلار ۋەتەندىكى چېغىدا بەزىلىرى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، بەزىلىرى مەسچىتتە ئىمام بولغان؛ كۆپىنچىسى جەمئىيەتتە ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. خىتايغا قايتۇرۇلغانلاردىن مۇتەللىپ مامۇت، بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان ۋە كېيىنكى چاغلاردا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە شىركەت قۇرۇپ تىجارەت قىلغان.
كامبودژا ھۆكۈمىتى قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ، كامبودژاغا قانۇنسىز كىرگەنلىكىنى خىتايغا قايتۇرۇلۇشنىڭ سەۋەبى دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە قايتۇرۇلغانلار ئارىسىىدا بىر نەپىرى يەنى ئەكبەر تۇنىياز كامبودژاغا قانۇنلۇق كىرگەن. ئۇنىڭ كېلىش جەريانى باشقىلاردىن تامامەن پەرقلىق بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 3 - ئايدا قانۇنلۇق يول بىلەن يەنى نورمال پاسپورت بىلەن چېگرادىن چىققان ۋە كامبودژاغىمۇ ۋىزا بىلەن قانۇنلۇق كىرگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەكبەر تۇنىيازمۇ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قايتۇرۇلغان.
بۇ ئەھۋالمۇ كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشتا كۆرسەتكەن سەۋەبىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىشارەت قىلىپ "ئۇلار جىنايەت گۇماندارلىرى" دەپ ئاتىغان ئىدى.
ئەمەلىيەتتە ئەكبەر تۇنىياز، 5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندە كامبودژادا ئىدى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، كامبودژادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى ئۇيغۇر جامائەت پىكىر سورۇنلىرىدا داۋاملىق تۈردە مۇھىم نۇقتا بولۇپ كەلمەكتە.
سۆھبەتلەردە يەنە، بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىمۇ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن تەھلىل قىلىنماقتا ۋە ۋەقەنىڭ نىمىلەردىن بىشارەت بېرىدىغانلىقى مۇلاھىزە قىلىنماقتا. بەزىلەر بۇنى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بەرگۈسى يەنە كۆپلىگەن پاجىئەلەرنىڭ ئالدىن سىگنالى دەپ چۈشەنسە، يەنە بەزىلەر خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ كېلەچىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ كۆرسەتمەكتە.
بەزىلەر بۇ ۋەقە، شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇردى دېسە، يەنە بەزىلەر، بۇ ۋەقە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە يېڭى ئەقىل، يېڭى يول، يېڭى چارىلەر ھەققىدە ئىزدىنىش پۇرسىتى دەپ قارىماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.