خىتايدا ئېلان قىلىنغان ' 2008 - يىل خارتىيىسى' ھەققىدىكى ئىنكاسلار

يېقىندا خىتايدا يازغۇچىلار، ئالىملار ۋە ئادۋوكاتلاردىن 300 دىن ئارتۇق ئادەم 'ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل خاتىرىسى' دەپ ئاتالغان ئاساسىي قانۇن رولىنى ئوينايدىغان بىر ھۆججەتنى لايىھىلەپ، ئىمزا قويۇپ پۈتۈن مەملىكەتكە تارقاتقان ئىدى.

0:00 / 0:00

شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خارتىيىگە ئىمزا قويغانلارنى، بولۇپمۇ بۇ خارتىيىنى يېزىپ چىققان كىشىلەرنى ۋە تەشكىللىگۈچىلەرنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلاپ، مەشھۇر مۇستەقىل مۇلاھىزىچى ليۇ شاۋبو قاتارلىق كىشىلەرنى قولغا ئالدى.

خىتايدا ئېلان قىلىنغان بۇ خارتىيە ۋاكلوۋ ھاۋېل چېخىسلوۋاكىيىدە ئېلان قىلغان خارتىيىگە ئوخشايدۇ

ئامېرىكىدىكى خىتايشۇناس تەتقىقاتچى پېرى لىنك ئەپەندى بۈگۈن ۋالت سترىت ژۇرنىلىدا 400 دىن خىتاي پۇقراسى ئىمزا قويۇپ ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئېلان قىلغان 'ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل خاتىرىسى'نى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ خارتىيە 1977‏ - يىلى چېخىسلوۋاكىيىدە ۋاكلوۋ ھاۋېل ئېلان قىلغان خارتىيىگە ئوخشايتتى.

ئۇنىڭدا خىتايدىكى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئارزۇلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى زىيالىيلاردىن كۆرۈپ، سىياسىي كۆز قارشى ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشىمايدىغان زىيالىيلارنى قولغا ئالدى. خىتايدا ئېلان قىلىنغان 'ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل خاتىرىسى' خىتايغا دېموكراتىيە ھامان يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خارتىيىگە قارشى تۇرغانلىقى خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق سادىر قىلغانلىق

رادىئومىزنىڭ ئوبزورچىسى، خىتاي پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى جاۋزىياڭنىڭ كاتىبى بولغان، كېيىن لى پېڭ تەرىپىدىن سىياسىي سۈيىقەست بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان باۋتوڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى خاتىرە كۈنىدە خىتايدا ئېلان قىلىنغان 'ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل خاتىرىسى' دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 19 ماددىنىڭ ھېچقايسىسىنى خىتايدا بىر كىم ئۆزى ئىجات قىلىۋالغان ئەمەس، ئۇنىڭ ھەممىسى زامانىمىزدىكى مەدەنىي دۆلەتلەردە بىردەك ئىجرا قىلىنىۋاتقان ۋە خىتاي خەلقىمۇ ئەسىرلەردىن بۇيان ئارزۇ قىلىۋاتقان قانۇن ماددىلىرى.

ئەمما 'پۈتۈن ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ' دەپ سۆزلەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خارتىيىدىكى 19 ماددىدىن قۇسۇر تاپالمىغاندا، ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا زەربە بېرىشكە باشلىدى. ھازىر ئەركىن پىكىر بايان قىلغان كىشىلەرنى قولغا ئېلىۋاتىدۇ.

- مىنىڭ قارىشىمچە، - دەيدۇ باۋتوڭ ئەپەندى، - 300 دىن ئارتۇق زىيالىي ئىمزا قويغان بۇ خارتىيىدىكى 19 ماددىدا ھېچقانداق خاتالىق يوق. بۇ خارتىيە خەلقنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئارزۇيىنى ئىنكاس قىلغان. ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا قارشىلىق قىلغانلىقى خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق سادىر قىلغانلىق.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'جۇڭگودا كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە تارىخى خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى' دېگەن باياناتىنىڭ يالغانلىقى ئىسپاتلاندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'ئالما گېزىتى' 'ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل خاتىرىسى' ھەققىدە بىر ئوبزور ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا 'خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خارتىيىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا زەربە بېرىپ، زىيالىيلارنى قولغا ئېلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن 'جۇڭگودا كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە تارىخى خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى' دەپ ئېلان قىلغان باياناتىنىڭ تامامەن يالغان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ' دەپ كۆرسىتىلگەن.

لىن باۋخۇا ئەپەندى بۇ خارتىيىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە توغرىسىدىكى بىر ماددىسىغا قوشۇلمايدۇ

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىىسنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا نام چىقارغان سىياسىي مۇلاھىزىچى، ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان لىن باۋخۇا ئەپەندى خىتايدا 300 دىن ئارتۇق زىيالىي ئىمزا قويۇپ تارقاتقان بۇ 'ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل خاتىرىسى' گە ئىمزا قويمىغان. ئۇ، بۇ خارتىيىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە توغرىسىدىكى بىر ماددىسىغا قوشۇلمايدۇ.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ئەگەر 'جۇڭخۇا فېدېراتسىيىسى' دېگەنگە قاتنىشىشنى خالىسا قاتنىشىدىغان، خالىمىسا قاتناشمايدىغان ھوقۇقى بار، ئەگەر ئۇلارنىڭ بۇ ھوقۇقىغا ھۈرمەت قىلماستىن، ئۇلارنىمۇ 'جۇڭخۇا فېدېراتسىيىسى'دېگەن بۇنداق رامكىغا قوشۇۋېلىش توغرا ئەمەس.