'ھەپتىلىك خەۋەر' ژۇرنىلىنىڭ 2010 ‏- يىل ھەققىدىكى 10 مۆلچەرى

ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'ھەپتىلىك خەۋەر' ژۇرنىلى 2010 ‏- يىلىدا ئامېرىكىنىڭ ئاۋغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇدىغانلىقى، پاكىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىدە قانداق ئۆزگۈرۈش پەيدا بولىدىغانلىقى، ئامېرىكا-كۇبا مۇناسىۋىتىى ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە 10 مۆلچەر ئوتتۇرىغا قويدى.

0:00 / 0:00

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھازىر، يېتىپ كېلىۋاتقان 2010 ‏- يىلىدا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھەرخىل مۇلاھىزە ۋە مۆلچەرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'ھەپتىلىك خەۋەر Newsweek ژۇرنىلى' دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 مۆلچەر كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى بەكرەك جەلپ قىلدى.

بۇنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى مۇنداق:

ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىشىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلىدۇ

'ھەپتىلىك خەۋەر ژۇرنىلى'نىڭ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىشىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى مۆلچەرىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: ئىراقتا 2007‏ - يىلى ئىچكى ئۇرۇش پارتلاپ، ھەركۈنى 40‏- 50 بىگۇنا خەلق دەپنە قىلىنىۋاتقاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ئىراققا ئەسكەر كۆپەيتكەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ئەسكەر كۆپەيتىشنىڭ نەتىجىسىدىن ئۈمىد كۈتكەن ئادەم ناھايىتى ئاز بولغان ئىدى. ئەمما كۆپەيتىلگەن ئەسكەرلەر خەلقنى قوغداشنى ئاساس قىلغانلىقتىن، ئىراق خەلقنىڭ ئىچكى ئۇرۇشتا بىھۇدە قان تۆكۈشى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئىراقتا ئىچكى ئۇرۇش قوزغاۋاتقان تەرەپلەرنىڭ خەلقنىڭ ھاياتىغا جىددىي خەۋپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق دۇنيادا جامائەت پىكرى توپلاش تاكتىكىسى مەغلۇپ بولغان ئىدى.

ئامېرىكا بۇ يىل ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىشنى قارار قىلغاندىمۇ،، بۇنىڭغا ئۈمىدۋار پوزىتسىيىدە تۇتقان ئادەم ناھايىتى ئاز بولدى. ئەمما قوماندان ستەنلى مىككرىستال خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان ئىستراتېگىيە قوللانغانلىقتىن، ئامېرىكا قىسىملىرى تاغلىق رايونلارغا كىرگەندە، يەرلىك خەلقنىڭ ھېمايىسىگە ئېرىشىپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، تالىبانلار ھېچقانداق ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى ساقلىيالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئەمدى 2010‏- يىلىدا ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىشنىڭ نەتىجىسى كۆرىلىدۇ، تالىبانلارغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىلىك بولۇشى دۇنيادا يېڭى ۋەزىيەت پەيدا قىلىدۇ.

پاكىستاندا سىياسى ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى مۇمكىن

'ھەپتىلىك خەۋەر ژۇرنىلى'نىڭ پاكىستان ھەققىدىكى مۆلچەرىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: كىشىلەر ھازىر ئافغانىستان پرېزىدېنتى خەمىت كارزايدىن ئەندىشە قىلىدۇ، ئۇنى ئاجىز دەپ قارايدۇ. ئەمما ئاتوم قوراللىرى بار پاكىستاننىڭ پرېزىدېنتى ئاسىپ ئەلى زاردارىنى ئانچە چۈشەنمىسە كېرەك. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەرباب 2008‏- يىلىدىكى سايلامدا قوللاشقا ئېرىشكەن بىنەزەر بۇتتو خانىم قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ھوقۇق تۇتۇۋاتقان كىشى، ئۇنى پاكىستاندا قوللايدىغان ئاۋاز ئاران 20%، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى بارغانسىرى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.

ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2010 ‏- يىلى پاكىستاندا زاردارى داۋاملىق پرېزىدېنت بولۇپ تورالىشى ناتايىن، بەلكى ئۇنى ئاغدۇرىدىغان سىياسى ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇ رايوندا ئامېرىكىغا باش ئاغرىقى بولىدىغان يەنە بىر ھەمدوس دۆلەت پەيدا بولىدۇ.

خىتايدىكى ئىقتىسادىي مازغاپ تېشىلىدۇ

'ھەپتىلىك خەۋەر ژۇرنىلى'نىڭ خىتاي ھەققىدىكى مۆلچەرىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار بۇيىچە ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئىقتىسادى يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىستا يەنىلا 8% ئۆرلىگەن، بۇ دۆلەتنىڭ خەلقى ھېچقانداق ئىقتىسادىي كرىزىسنى سەزمىگەن. ھېلىمۇ خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلىرى ئاللىقاچان ئېھتىياجتىن ئېشىپ كەتكەن پولات، سىمۇنت، خېمىيە مەھسۇلاتلىرىنى تۆپە-تۆپىلەپ ئاشۇرۇۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ يېشىل تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى بولسا، دۆلەت ئىچىدە قوللانماي، پۈتۈنلەي چەتئەللەرگە ئىكىسپورت قىلىۋاتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بولسا، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا خىتاي بانكىلىرى تارقاتقان ئۆسۈمى تۆۋەن قەرزلەر پاي سودىسى بىلەن يەر - تورالغۇ سودىسىنى يۇقىرى ئۆرلىتىپ، ئىقتىسادىي مازغاپ پەيدا قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ھازىر بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ.

ياۋروپا سودا جەمئىيىتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى پەيدا قىلغان ئىقتىسادىي مازغاپ، خىتاي بانكىلىرىدىكى كەسپى كرىزىس، دۇنيانىڭ خىتاي بىلەن سودا ئۇرۇشلىرى تەڭ داۋاملىشىۋاتقان ھازىرقى ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي پىلان تورمۇزلانمىسا، خىتاي پۈتۈن يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل پاخاللىقىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇ چاغدا خىتايدىكى ئىقتىسادىي مازغاپلارنىڭ تېشىلىپ، پارتلاپ-چېچىلغان ئاۋازى دۇنياغا ئاڭلىنىدۇ.

ئىران خەلقئارانىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا ئۇچرايدۇ

'ھەپتىلىك خەۋەر ژۇرنىلى'نىڭ ئىران ھەققىدىكى مۆلچەرىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: ھازىر ئىراندا پات-پاتلا نامايىش پارتلاپ تۇرىدۇ. بۇ، سايلام بېلىتى ياساپ ھوقۇققا ئېرىشكەن ھازىرقى پرېزىدېنتنى قاتتىق قوللۇق قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. ھازىر ئۇنىڭ كونتروللۇقىدىكى 'ئىران ئىنقىلابى قوغدىغۇچىلىرى' دەپ ئاتالغان قوراللىق گۇرۇھ ھەدەپ دۆلەت مۈلكىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادىي كۈچىنى كېڭەيتىپ، ھۆكۈمەتكە نارازى بولۇۋاتقان خەلقنى قاتتىق باستۇرۇۋاتىدۇ.

بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر ب د ت ئىراننىڭ يادرو مەخپىيەتلىكىنىڭ پاكىتلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن ھامان ئىقتىسادىي جازا ئېلان قىلسا، پۈتۈن نېفت بايلىقىنىڭ 40%نى يېمەك- ئىچمەككە ۋە سانائەت بويۇملىرىغا ئالماشتۇرۇپ كۈن كۆچۈرىدىغان بۇ دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىقتىسادىي جازا، بىر ھايات-ماماتلىق ھالاكەت بولغۇسى. ئىراندا بۇنداق سەۋەبتىن يۈز بەرگۈسى ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقنىڭ دەردىنى نامراتلار ۋە ئوتتۇراھال ئىقتىساد ئېگىلىرى تارتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىراندا ھازىرقى ھاكىمىيەتكە بولغان قارشىلىق ئاشىدۇ ۋە كېڭىيىدۇ. خىتاينىڭ ئىرانغا خەلقئارا بىلەن مۇرەسسە قىلماسلىق ئۈچۈن بېرىۋاتقان ئىلھامى ئاقمايدۇ.

يۇقىرىدىكى مۆلچەرلەردىن باشقا يەنە، ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'ھەپتىلىك خەۋەر ژۇرنىلىدا ' 2010‏- يىلى، ياۋروپادا يەنە بىر قېتىم ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بېرىدىغانلىقى ۋە مىللەتچىلىك قوزغىلىدىغانلىقى؛ ئەنگىلىيىدە كونسېرۋاتىپلار بىلەن دېموكراتلارنىڭ ھەمكارلىشىش ئاساسى كۈچلۈك بولمىغانلىقتىن، مۇھىم ئىقتىسادىي ئىسلاھات تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا مۇمكىن بولماي، نەتىجىدە، ئەنگىليىنىڭ ئىقتىسادى چۈشكۈنلۈككە ئۇچراپ، باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كەينىدە قالىدىغانلىقى؛ كۇبادا فېدرال كاستېرونىڭ ئۇكىسى رائۇل كاستېرو رەسمىي ھوقۇق تۇتۇشقا باشلايدىغانلىقى ھەم كۇبا بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىدىغانلىقى؛ 21‏ - ئەسردە پۈتۈن لاتىن ئامېرىكىسىنى سوتسئالىسىتىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلغان ۋېنسۇئىلا پرېزىدېنتى چاۋەزنىڭ، ئىقتىسادىي ھەمدوستى كولۇمبىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېرىكلىشىپ كېتىپ، نەتىجىدە ۋېنسۇئىلانىڭ ئىقتىسادى چۈشكۈنلىشىپ، سىياسىي ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىدىغانلىقى؛ دېڭىزدا بايقالغان نېفت بىلەن ئىقتىسادنى تېز يۇقىرى ئۆرلىتىۋاتقان بېرازىلىيە بولسا، 2016‏ - يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندە خىتاينى دورايدىغانلىقى ۋە ھازىردىن باشلاپ ئىقتىسادىي مازغاپ پەيدا قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، بۇ دۆلەتتە مىللەتلەر مەسىلىسى قوزغىلىدىغانلىقى قاتارلىقلار مۆلچەرلەنگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.