«2050 - يىلى» ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى

«2050 - يىلى» ناملىق كىتاب كوتون كىتاب نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى. بۇ كىتابنى داۋىد پاسسىگ دېگەن يازغۇچى ئىۋرىت تىلىدا يازغان بولۇپ، نىتا كۇرەنت دېگەن كىشى تەرىپىدىن تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012-03-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتايدا كۆپ ئۇچرايدىغان پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقاتلىرى
خىتايدا كۆپ ئۇچرايدىغان پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقاتلىرى
AFP

بۇ كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسى «2050 - يىلىدىكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ كەلگۈسى» دېگەن نامدا نەشىر قىلىنغان. ئاپتور بۇ كىتابتا دۇنيانىڭ 2050 - يىلى دۇنيادا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدىغانلىقىنى ۋە بولۇپ ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە قانداق ۋەزىيەت شەكىللىنىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىپ پىكىر بايان قىلغان.

كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئاپتور دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزگەنلىكىگە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق يازغان: مەن پەيغەمبەر ئەمەس ھەمدە پەيغەمبەرلىكنىمۇ داۋا قىلمايمەن. مەن پەقەت بىلىم - سەنئەت ئارقىلىق، كەچمىشكە قاراپ كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئېھتىماللىق توغرىسىدىكى كۆز - قاراشلىرىمنى بايان قىلدىم.

ئاپتور بۇ كىتابتا خىتاينىڭ 2040 - يىللاردىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەخمىنلىرىنى بايان قىلىپ، 2040 - يىلى خىتاينىڭ نوپۇسىنىڭ ئازلاپ كېتىدىغانلىقىنى،0 دىن 14 ياش ئوتتۇرىسىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ نوپۇسى ھازىرقىدىن 15% تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى، ياشانغانلارنىڭ نوپۇسى 400 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى، خىتايدا ئەمگەك كۈچى ئازىيىپ كېتىدىغانلىقىنى خىتاينىڭ نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىقى سەۋەبىدىن ئىقتىسادى كرىزىس يۈز بېرىپ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىدىغانلىقىنى، جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي قالايمىغانچىلىق يۈز بېرىپ، خەلقنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە يول ئاچىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

387 بەتلىك بۇ كىتاب 5 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇ كىتابتا 2050 - يىلى دۇنيادا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، دۇنيا ۋە تۈركىيىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك ئوتتۇرا شەرقتە نېمىلەر يۈز بېرىدۇ؟ يېڭىدىن بىر دۇنياۋى ئۇرۇش بولۇش ئېھتىمالى بارمۇ؟ خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردە ئەر، ئايال ۋە ياشلارنىڭ نوپۇسىدا يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەر ئىجتىمائىي ھاياتقا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ.

كىتابنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە، دۇنيا تارىخى توغرىسىدا توختالغان، 2 - بۆلۈمىدە دۇنيا نوپۇسى ۋە 21 - ئەسىردە ئەر - ئايال ۋە ياشلارنىڭ نوپۇسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تەڭپۇڭسىزلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا توختالغان. كىتابنىڭ 3 - بۆلۈمىدە، 21 - ئەسىردىكى چوڭ كۈچلەرنىڭ كېلىشەلمەسلىك مەسىلىلىرى. 4 - بۆلۈمىدە بولسا 21 - ئەسىردە ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ جۇغراپىيىۋى سىياسى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالغان. كىتابنىڭ 5 - بۆلۈمىدە بولسا 21 - ئەسىردە ئىسرائىلىيە گېئوپولىتىكىسى توغرىسىدا توختالغان.

كىتابتا دۇنيانىڭ كەلگۈسى نوپۇسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان: ئوخشىمىغان مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، 2050 - يىلىغىچە دۇنيا نوپۇسى كۆپىيىپ 9، 10 مىلياردقا يېتىدۇ. كېيىن دۇنيا نوپۇسى كېمىيىشكە باشلايدۇ، ب د ت نىڭ نوپۇس تەتقىقات ئىش - پىلانى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا بىلدۈرۈشىچە، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان 60 دۆلەتنىڭ نوپۇسى 2050 - يىلىغىچە خىلى كۆپ ساندا تۆۋەنلەيدۇ. بۇ 60 دۆلەتنىڭ نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ 44%نى تەشكىل قىلىدۇ. ياۋرۇ - ئاسىيادا مۇھىم رول ئوينىغان رۇسىيىنىڭ نوپۇسى 2050 - يىلىغىچە 22% كەملەپ كېتىدۇ، خىتاينىڭ نوپۇسى 30% كەملەپ كېتىدۇ. ئوخشىمىغان تەتقىقات مەنبەلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئەمگەك كۈچى 2020 - يىلى يوق بولۇشقا باشلايدۇ ۋە ياشانغانلارنىڭ سانى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپىيىدۇ. خىتاينىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى نەتىجىسىدە نوپۇسىنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولدى. بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىپادىسى بويىچە خىتايغا نىسبەتەن ئىككى ئېچىنىشلىق نۇقتا بار، بىرىنچىسى، ئىرقىي ئىسلاھات ۋە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىچە چەكلىمە قويۇپ نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن كونترول ئاستىغا ئالدى. بەزىلەر بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئىقتىسادى كىرىم قىلىشقا يول ئاچىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ، ئەمما ھازىر نوپۇسنى چەكلەش بىلەن كەلگۈسىدە ياشلارنىڭ سانى ئازىيىپ، ياشانغانلارنىڭ سانى كۆپىيىدىغانلىقىنى، ياشانغانلارنى بېقىش ئۈچۈن ياشلارنىڭ ئىشلەش كېرەكلىكىنى ئەمما ئىشلەيدىغان ياشلارنىڭ سانى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن دەم ئېلىشقا چىققان ياشانغانلارنى بېقىشتا كرىزىس يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلمايدۇ.

كىتابتا يەنە خىتاينىڭ نوپۇسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن : 2040 - يىلىغىچە خىتايدا بېقىشقا تېگىشلىك 400 مىليون ياشانغان كىشى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىجرا قىلىۋاتقان بىرلا پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى، خىتاينىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسى بىلەن سىياسىي باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرگەندە چوڭ بىر بېسىم پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى كېيىنچە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش فابىرىكىسىنىڭ مەركىزى بولغان خىتايدا ئەمگەك كۈچىنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغانلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بۇ زاۋۇت - فائىرىكىلارغا ۋە بۇ زاۋۇت فابرىكىلاردىن كەلگەن ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلارغا تايىنىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر قانداق بولىدۇ؟ مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇت - فابىرىكىلار، ئوخشاش سۈرئەتتە ۋە ئوخشاش باھادا مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىشنى داۋام قىلالامدۇ؟.

كىتابتا يەنە خىتاينىڭ كەلگۈسىدە دۈچ كېلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر - يۈرگۈزۈپ مۇنداق دېيىلگەن: دۇنيا 2020 ۋە 2030 - يىللاردا ئىقتىسادى كرىزىستىن قۇتۇلىدۇ، ئەمما يەنىلا نوپۇسقا ئالاقىدار مەسىلىلەردىن قۇتۇلالمايدۇ. 21 - ئەسىردە ئىككى تۈرلۈك نوپۇس مەسىلىسى يۈز بېرىدۇ. يەنى ياشانغانلارنىڭ سانى كۆپىيىش، ياشلارنىڭ نوپۇس سانى كېمىيىپ كېتىش. 2040 - يىلى بۇ ئىككى خىل نوپۇس مەسىلىسى دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ. ياپونىيە ۋە خىتاي قاتارلىق ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئەتراپىدىكى كۆپ ساندا دۆلەتلەر بۇ ئىككى مەسىلە توغرىسىدا ئېغىر بەدەل تۆلەشكە باشلايدۇ. دۇنيا بانكىسىنىڭ تەخمىن قىلىشىچە، 2030 - يىلىدا تۇغۇش نىسبىتى 1.8 پرەسەنت تۆۋەنلەيدۇ. خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈپ نوپۇس چەكلىگەننىڭ ئېغىر ئاقىۋىتىنى كۆرىدۇ. 0 - 14 ياش ئارىسىدىكى بالىلارنىڭ نوپۇسى 15% كە چۈشىدۇ بۇ ۋەزىيەتتە خىتاي ئىچىدە ئىقتىسادى كرىزىس يۈز بېرىپ دۆلەتنى ھالسىزلاندۇرىدۇ ۋە خىتاي يوشۇرۇپ بولالمايدىغان دەرىجىدە خەلقنىڭ جىددى بىر قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈشكە يول ئاچىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر - قاراشلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە 21 - ئەسىردە ئەڭ چوڭ كۈچكە ئىگە دۇنيانىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق كۈچى ئامېرىكىغا قارشى چىقىش مەيدانىدا تۇرالمايدۇ. خىتاي ئىچكى مەسىلىلىرى بىلەن ئاۋارە بولىدۇ ۋە كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالمايدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت