ئامېرىكا دىئالوگ فوندى خىتايدىن 22 نەپەر ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسنىڭ ئىز - دېرىكىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.09.09
2010.09.09

www.amazon.de / Author Memet Aydemir
مەزكۇر جەمئىيەت ئۆتكەن يىلى خىتاي دائىرىلىرىگە تۈرمىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلىرىنىڭ تىزىملىكىنى بېرىپ، ئۇلاردىن بۇ مەھبۇسلارنىڭ ئىز - دېرىكى بېرىشنى ۋە ئۇلارغا دائىر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان. يېقىندا خىتاي تەرەپ مەزكۇر جەمئىيەتنى بۇ ھەقتىكى بەزى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن.
دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى 2009 - يىلى 11 - ئايدا خىتايدىكى ۋاستىلىق قاناللار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىگە سىياسى سەۋەبلەردىن قولغا ئېلىنغان ۋە كېسىم ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلىرىنىڭ 22 كىشىلىك تىزىملىكىنى يوللاپ، ئۇلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. سۆھبەت فوندى جەمئىيىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي دائىرىلىرىگە تەلەپ سۇنۇپ، بىر قانچە قېتىم بۇ تۈرلۈك ئىلتىماسلاردا بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلىرىغا دائىر تىزىملىك يوللاپ، ئۇلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلىشى ئىدى.
مەزكۇر جەمئىيەت بۇ ھەقتىكى ئاخباراتىدا ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىنتايىن نازۇكلىقىدىن ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكنىڭ ناھايىتى قىيىنلىقىنى، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىكى نامايىش ۋە توقۇنۇشتىن كېيىن، بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرغا ئېرىشىشنىڭ تېخىمۇ قىيىنلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇ سەۋەبتىن مەزكۇر جەمئىيەت، 2009 - يىلى 11 - ئايدا خىتاي دائىرىلىرىگە يوللىغان تىزىملىكتىكى مەھبۇسلارنى ئېھتىيات بىلەن تاللىغان بولۇپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە چېتىشلىقى بولمىغان سىياسى مەھبۇسلارنى تىزىملىككە كىرگۈزگەن.
دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئاخباراتىدا ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر جەمئىيەت 22 نەپەر ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، 2009 - يىلى 11 - ئايدا تىزىملىك يوللىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى بۇ يىل 7 - ئايغىچە ۋاستىلىق قاناللار ئارقىلىق مەزكۇر جەمئىيەتكە 18 نەپەر مەھبۇسنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەرگەن. لېكىن 22 كىشىلىك تىزىملىكتىكى 4 نەپەر مەھبۇسنىڭ تېپىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى ئىسمى تېپىلمىغان مەھبۇسلارنىڭ ئىسىم خاتالىقى ياكى بۇ كىشىلەرنىڭ خىتاي تۈرمە سىستېمىسىغا تېخى كىرگۈزۈلمىگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.
لېكىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا ئىسمى تېپىلمىغان مەھبۇسلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاماقتىكى سىياسى مەھبۇسلارنى تاپالمىغانلىقىغا ئىشەنمەك تەس ئىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىنى بىر قىسىم مەھبۇسلارغا دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، لېكىن ئىسمى تېپىلغان مەھبۇسلارنىڭ ھايات - ماماتلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار ئېرىشكەن پاكىتلاردىن ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلىرىنىڭ ھېچ قايسىسىنىڭ جازا مۇددىتى قىسقارتىلمايدىغانلىقىنى، ئۇلارغا ئېلان قىلىنغان ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقى مەلۇم بولغانلىقىنى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلىپ جازالانغان ئۇيغۇرلارنى كېپىللىككە بېرىش، جازاسىنى كېمەيتىش ياكى سىرتتا داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىشنىڭ ئىنتايىن قىيىنلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر جەمئىيەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2005 - يىلى رابىيە قادىر خانىمنى چەتئەلدە داۋالىنىشقا قويۇپ بەرگەندىن بۇيان، ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر مەھبۇسنى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇۋېتىپ باقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىنى ئۇزۇندىن بېرى قايغۇغا سېلىپ كېلىۋاتقان مەسىلە.
مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى ۋېنسېنت برۇسېلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ جازالىنىش ئەھۋالىغا دائىر ماتېرىياللار، جۈملىدىن سوراق ئەھۋالى ۋە ھۆكۈمنامىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەك ناھايىتى قىيىن مەسىلە بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قولىدا ئۇيغۇر مۇخبىرلار، تورچىلار ۋە تورداشلارنىڭ قولغا ئېلىنىش ئەھۋالىغا دائىر مەلۇماتلار ناھايىتى ئاز. ئۇ، بۇنىڭغا بىر تەرەپتىن دۇنيانىڭ دىققىتى تىبەتكە مەركەزلىشىپ قالغانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان تېلېفون ۋە تور ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
ۋېنسېنت برۇسېلنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇچۇرنى كونترول قىلىشى رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى بەزى تور بەتلىرىنىڭ خەۋەر، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ۋە تەنتەربىيە خاراكتېرلىك تور بەتلەر بولۇشىغا قارىماي، بارلىق تور بەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاقىۋېتىشى ئېغىر كەمسىتىش خاراكتېرلىك قاراردۇر. بۇ قارار دائىرىلەرنىڭ رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى يېپىش غەرىزىنى ئاساس قىلىپ چىقىرىلغان"، دەيدۇ.
دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىنىڭ تىزىملىكىدە ئىلگىرى مەتبۇئات يۈزىدە ئىسمى چىققان بەزى شەخسلەر بار بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭغا يەنە ھازىرغا قەدەر ئىسمى چىقمىغان بەزى شەخسلەرنىڭ ئسىمى كىرگۈزۈلگەن.
ئۇنىڭدا غەيرەت نىياز ۋە مەھبۇبە ئابلەشكە ئوخشاش مەتبۇئات يۈزىدە تونۇلغان شەخسلەر، شۇنداقلا ئۆمەر ئاقچى، شىرمەمەت ئابدۇرېشىت، مەمەت سادىر ۋە ئەكرەم قۇربانتايغا ئوخشاش كىشىلەر ئاڭلاپ باقمىغان سىياسى مەھبۇسلارنىڭ ئىسىملىكى بار. دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى بۇ ھەقتىكى ئاخباراتىدا مەمەت سادىرنىڭ 1995 - يىلى 21 يېشىدا "ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھ"قا ئەزا بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، شىرمەمەت ئابدۇرېشىت بىلەن ئەكرەم قۇربانتاينىڭ "بۆلگۈنچىلىك" بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئايرىم ئايرىم 15 ۋە 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شىرمەمەت بىلەن ئەكرەمنىڭ ھازىر كۈيتۈڭدىكى بىڭتۇەن تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەكرەم قۇربانتاينىڭ جازا مۇددىتى 2012 - يىلى 8 - ئايدا، شىرمەمەت ئابدۇرېشىتنىڭ جازا مۇددىتى 2013 - يىلى 9 - ئايدا توشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن، دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي تەرەپ تەمىنلىگەن مەلۇماتلاردىن ئۆمەر ئاقچىنىڭ 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ 9 يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇ ۋەقە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۆمەر ئاقچى 1997 - يىلى 39 يېشىدا "ئەكسىلئىنقىلاپچى" دېگەن جىنايەت بىلەن 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى ئۆمەر ئاقچىنىڭ 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى "ئەكسىلئىنقىلاپچى"، دەيدىغان جىنايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭ قاماق جازاسى بىكار قىلىنمىغانلىقىنى، ئۇ، 2006 - يىلى تۈرمىدە "بۆلگۈنچىلىك" خاھىشى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۇنىڭ قاماق جازاسى مۇددەتسىزگە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بايقىغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.