20 نەپەر ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىنىڭ كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش جەريانى

كامبودژادا سىياسىي پاناھلىق تىلەۋاتقان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ۋەزىيىتى يېقىنقى 2 ھەپتە ئىچىدە جىددىيلەشكەن ۋە كامبودژا ھۆكۈمىتى يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقى ھەققىدە ئارقا - ئارقىدىن بىرقانچە قېتىم بايانات بەرگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

ئەمما، كامبودژا ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 19 ‏- كۈنى ئۇشتۇمتۇت قارارىنى ئۆزگەرتىپ، 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن.

ئۆكتەبىر ۋە نويابىر ئايلىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىن 22 نەپەر ئۇيغۇر، بىرقانچە گۇرۇپپا ھالىتىدە ۋېتنامغا قېچىپ چىققان. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇلارنى 3 ‏- بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان. ۋېتنامدا ب د ت نىڭ مۇھاجىرلار ئىشخانىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇلار ۋېتنامدىن كامبودژاغا يۆتكەلگەن.

ئۇلار كامبودژادىكى ب د ت مۇھاجىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلەۋاتقان جەرياندا، يەنى شەنبە كۈنى كامبودژا ھۆكۈمىتى 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن.

بۈگۈن بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ، كامبودژادىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە مەسئۇل بولغان خادىمى ئىلشات ئەپەندى بىلەن ۋەقەنىڭ ئاخىرقى جەريانى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، 20 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى ھەققىدىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.