كامبودژانىڭ 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە مۇتەخەسسىسلەر قانداق قارايدۇ؟

كامبودژا دائىرىلىرى مەزكۇر دۆلەتتە پاناھلانغان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 20 نەپىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ 20 نەپەر ئۇيغۇر 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچتە ئايروپىلان بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلغان. بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا چۆمدۈردى.

0:00 / 0:00

بۇ خەلقئارا قانۇنغا ۋە ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسىگە ئۇيغۇنمۇ؟ بۇندىن كېيىن بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ قايتا سادىر بولماسلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى نېمەتلەرنى قىلىشى كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ۋە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى بۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قانۇنى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلىتى قانۇنىغا خىلاپ بىر ئەھۋال. چۈنكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قانۇنىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا 1948 - يىلى قوبۇل قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى. بۇ خىتابنامە ئىنسانلارغا ياشاش ھوقۇقى بېرىشنى ئاساس قىلىدۇ. بىر سىياسىي مەقسەت بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، قېچىپ چىققان كىشىلەرنى قايتۇرۇپ بەرسە ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق قانۇنىغا خىلاپ."

تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋەزىپە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "بۇ ۋەزىيەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋەزىپە چۈشىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ياخشى ئاڭلىتىشى كېرەك. بۇ بىزگە ئوخشاش ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەزىپىسى. خىتاي دىكتاتورلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقۇتۇش سىياسىتىگە پۈتۈن دۇنيا خەلقى قارشى. بۇ نارازىلىقىمىزنى تەشكىللىك ھالدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلسەك، خىتايلار بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك."

ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ 20 ئۇيغۇرنىڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەسى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.