خىتاي 4 - ئاۋغۇست قەشقەر ۋەقەسىنى پەيدا قىلغۇچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بەردى

خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ھارپىسىدا 4 - ئاۋغۇست قەشقەر ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، 17 نەپەر ساقچىنى ئۆلتۈرگەنلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن 2 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بۇ 2 ئۇيغۇرنىڭ " تېررورچى" دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، سوت ھۆكۈمىنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمىگەن. خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە قانۇن سېپىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، سوت جەريانىنىڭ قانۇنى تەرتىپكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، سوتنىڭ ئادىلانە بولغانلىقىدا گۇمان بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى چارشەنبە كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ يىل بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ھارپىسىدا 4 - ئاۋغۇست قەشقەر ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، 17 نەپەر چېگرا مۇداپىئە ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەنلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن قۇربانجان ھېمىت ۋە ئابدۇراخمان ئازادلارنىڭ دېلوسى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىپ، بۇ 2 ئۇيغۇر ياشنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغان خەۋىرىدە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇربانجان ھېمىت ۋە ئابدۇراخمان ئازادلارنى " تېررورلۇق زوراۋانلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش، قانۇنسىز 11 دانە پارتلاتقۇچ بۇيۇمى، 2 دانە قورال ۋە ئوق - دورا ياساش، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە ئېغىر زىيان سېلىش" بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى " قانۇنسىز قورال - ياراق، ئوق-دورا ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملىرىنى ياساش"، " قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى" شەكىللەندۈرگەن، دەپ قارىغانلىقى ۋە سوتنىڭ قانۇنلارغا ئاساسەن ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ سوت توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىدە سوت قارارىنىڭ قايسى كۈنى ئېلان قىلىنغانلىقى، سوتنىڭ تەپسىلىي جەريانى، ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمگە قايتۇرغان ئىنكاسى قاتارلىقلارنى ئۈز ئىچىگە ئالغان سوتنىڭ تەپسىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرمىگەن. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدىكى دائىرىلەر بولسا مەزكۇر دېلو بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلماقتا.

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر خادىمى بولسا رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ، " مەن بۇ ئىشنى بىلمەيمەن. بۇ ئىشنى مەندىن سورىماڭ، مەن بىلمەيمەن. ئەگەر سىز مۇخبىر بولسىڭىز تېلېفوندا سورىماي، بۇ يەرگە كېلىڭ.... ئەڭ ياخشىسى مەندىن سورىماڭ،" دەپ جاۋاب بەردى.

قۇربانجان ھېمىت ۋە ئابدۇراخمان ئازادلارنىڭ قەشقەردىكى خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى 4 - ئاۋغۇست يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا جىددىي تەييارلىنىۋاتقان، ئۇيغۇر ئېلىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن مەزگىللەر ئىدى.

شۇ كۈنى قۇربانجان ھېمىت بىلەن ئابدۇراخمان ئازاد بىر يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كېلىپ، ئەتىگەنلىك يۈگرەشكە چىققان قەشقەر چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ 70 كە يېقىن ئەسكىرىنى باستۇرۇۋېتىدۇ ۋە بىر قىسىم ئەسكەرلەرنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرىدۇ. ۋەقەدە 17 نەپەر ساقچى ئۆلگەن، لېكىن قۇربان بىلەن ئابدۇراخمانلار تىرىك قولغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەدلىيە سېپىدىكى بىر قانۇن مۇتەخەسسىسى رادىئومىزغا بەرگەن مەزكۇر سوت ھەققىدىكى تەھلىلىدە سوتنى قانۇنى تەرتىپكە ئۇيغۇن ئېلىپ بېرىش، ئادىلانە سوتلاش، جاۋابكارغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىش قاتارلىقلاردا كىشىنى گۇمانغا سالىدىغان نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ بارلىقى، بۇ تۈردىكى دېلولاردا كىشىلەرنىڭ ئادىلانە سوتلىنىش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": چۈنكى جۇڭگوغا نىسبەتەن دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە سىياسى تۈزۈلمىسىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان شۇ مەقسەتتىكى ھەر قانداق جىنايەتكە نىسبەتەن ئۇنىڭدا ئادىل سوتلىنىش، مەلۇم كەڭچىلىككە ئېرىشىش دېگەن مۇمكىن ئەمەس. بۇ ۋەقە سادىر بولغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە جۇڭگودا ياشاۋاتقان بىر ئادەم ئاڭلىسىلا مەيلى ئوقۇمىغان ئادەم بولسىمۇ، ھەي - بۇ بالىلار ئۆلىدىغان بولدى، بۇ بالىلار ئېتىلىپ كېتىدۇ، دېگەن تۇيغۇغا كېلىدۇ. چۈنكى ۋەزىيەت بۇ تۈردىكى دېلولارغا نىسبەتەن ناھايىتى شەپقەتسىز."

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي قانۇن سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، قانۇن بىلەن سىياسەتنى ئايرىش ھەققىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە ئىدى. خىتاي 2007 - يىلى ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقىنى ئالىي سوت ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇنىڭ خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ قانۇن ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن كۆزەتكۈچىلەر، بۇ تەدبىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش پەيدا قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە ئىدى. خىتاي قانۇن ماددىلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى تۈزۈلگەنلىكىنى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قانۇنلىرىنى ئۈلگە قىلغانلىقىنى، جاۋابكارلارنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى، ئادۋوكات تەكلىپ قىلالمايدىغانلارنى دۆلەت ئادۋوكات بىلەن تەمىنلەشنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئۇيغۇر ئىلى قانۇن سېپىدىكى يۇقىرىقى خانىم، لېكىن ئادۋوكاتلارنىڭ ھوقۇقى دائىرىسى ۋە جاۋابكارلارنىڭ مەنپەئەتىگە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلىش مەسىلىسى خىتاي قانۇن سىستېمىسىدا ساقلىنىۋاتقان نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ " چۈنكى ئادۋوكاتلارغا ھەقىقىي ۋەكىللىك ھوقۇقى بېرىلمەيدۇ. جىنايەت ئاللا بۇرۇن بېكىتىلگەن بولىدۇ. ئۇلارنى قانداق جازالاش، ئۇلارنىڭ شۇ قىلمىشىغا نىسبەتەن جازانىڭ خاراكتېرىنى قانداق بېكىتىش قاتارلىقلار ئاللا بۇرۇن بېكىتىلىپ، ئالدىنئالا قارار قىلىنغان بولىدۇ. ئادۋوكاتنىڭ جاۋابكارنى يۈرەكلىك ئاقلىيالىشىغا بىر نېمە دېمەك تەس...." دەيدۇ.

قۇربان ھېمىت ۋە ئابدۇراخمان ئازادلارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى پۈتۈن دۇنيا 10 - دېكابىر كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلەۋاتقان، خىتاينى سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسى قارارىنى شىددەتلىك تەنقىدلىگەن مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئېلان قىلغان جەڭنامە، دەپ ئەيىبلىمەكتە.

مەزكۇر سۆزلەرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت چارشەنبە كۈنى رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا تەكىتلىدى. جاۋابكارلارنىڭ سوت جەريانىدا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن ياكى ئېرىشەلمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن دىلشات رىشىت، "چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزى چىقارغان قانۇنلارغا پىسەنت قىلماي خالىغان كىشىنى تۇتقۇن قىلماقتا، خالىغان كىشىنى سوتلىماقتا ۋە خالىغان جازاغا مەھكۇم قىلماقتا " دەپ كۆرسەتتى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئەيىبنامىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن 2 ئۇيغۇر ياشنىڭ 2008 - يىلى 2 - ئايدىن باشلاپ خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاشقا باشلىغانلىقىنى، 2 - ئاي بىلەن 3 - ئاينىڭ ئارىلىقىدا قورال - ياراق، ئوق - دورا ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇمى ياسايدىغان ماتېرىياللارنى سېتىۋالغانلىقىنى، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى باش كالۇنىنىڭ قەشقەردىكى چېگرا مۇداپىئە ئەسكەرلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ تاللىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. نۆۋەتتىكى ئۇچۇرلاردا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 2 ياشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان ياكى سۇنمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

لېكىن يۇقىرىقى خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىگە قارىغاندا، ئەگەر ئۇلار ئەرز سۇنغان تەقدىردە يۇقىرى دەرىجىلىك سوتنىڭ ئەرزنى رەت قىلىۋېتىش ئېھتىمالى زور. ئۇ "يۇقىرى دەرىجىلىك سوت بۇ تۈردىكى دېلولارنى رەت قىلىپلا تۈگۈتىدۇ. شۇنداق بولغاندا بۇ تۈردىكى دېلولار ناھايىتى تېز بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دائىرىلەر ئۆزىنىڭ دېگەن مەقسىتىگە تېز يېتەلەيدۇ. بۇ تۈردىكى دېلولارنىڭ سوزۇلۇپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بەرمەيدۇ. مەزكۇر دېلو ناھايىتى تېز بىر تەرەپ قىلىنغان دېلو ھېسابلىنىدۇ.... نورمالدا ئادەتتىكى بىر دېلونىڭ سوت مەھكىمىسىگە كېلىشى ئۈچۈن يېرىم يىل، مۇرەككەپرەك بولغان دېلولارغا بىرەر يىل ۋاقىت كېتىپ قالىدۇ. بۇ دېلو سوت مەھكىمىسىگە شۇنچىلىك تېز يەتكۈزۈلگەن، سوت مەھكىمىسى بولسا شۇنچىلىك تېز بېجىرگەن. مەسىلەن8 : - ئايدا يۈز بەرگەن بىر دېلوغا 12 - ئايدا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى.... نورمالدا يۇقىرى دەرىجىلىك سوت بۇ تۈردىكى دېلولارنىڭ ئەرزىنى تېزلا رەت قىلىۋېتىدۇ " دەپ كۆرسەتتى.